يەر شارى ۋاقىت گېزىتى 24- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى
سۇرىيەدىكى ئۆكتىچى گۇرۇھ « ئالىي سۆھبەت ھەيئىتى » ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ئەسەد زبى جەنۋەدە ئېچىلغان مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا باشەر ئەسەدنىڭ چەتئەللىك قوللىغۇچىلىرىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېگەن: چاۋشيەندىن كەلگەن ئىككى خەلق ئەسكەرلەر ئەترىتى باشەر ئەسەد ھاكىميىتىنى قوغداش ئۈچۈن جەڭ قىلماقتا. بۇ ئىككى تارماق ئەترەتنىڭ نامى ئايرىم-ئايرىم چالما-1 ۋە چالما-2 دۇر.
زۇ بۇ يەنە مۇنداق دېگەن: چاۋشيەننىڭ بۇ ئەسكەلىرى ئىنتايىن خەتەرلىك. ئالىي سۆھبەت ھەيئىتى ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ئافغانىستانلىقلار بىلەن ئىرانلىقلارمۇ باشەر ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىۋاتىدۇ.
ئەمما بۇ ماقالە يوللانغانغا قەدەر سۈرىيە ۋە چاۋشيەن ھۆكۈمەت دائىرلىرى بۇ سۆزلەرگە ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىغان.
رۇسىيە تاسسىس ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، چاۋشيەن باشەر ھاكىميىتى بىلەن ئىزچىل ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە رۇسىيەمۇ سۇرىيە ھۆكۈمىتىنى قوللايدىكەن. ئامېرىكا قوشما شىتاتلار ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئوتتۇرا شەرىق رايوندىكى توقۇنۇشقا قول تىقىشى تۇنجى قېتىملىق ئىش بولسىمۇ، ئەمما چاۋشيەن كۆپ يىللاردىن بۇيان سۇرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئىزچىل ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلگەن. چاۋشيەن سۇرىيەنىڭ مۇستەھكەم ئىتتىپاقدىشى بولۇپ، پيۇڭياڭ ئىلگىرى سۇرىيەگە ياردەملىشىپ يادرو ئەسلىھەسى ياساپ بەرگەن. ئەمما بۇ يادرو ئەسلىھەلىرى 2007- يىلى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن پارتلىتىۋېتىلگەن.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved