ئەنگىلىيە پارلامېنتىغا 13 نەپەر مۇسۇلمان خەلق ۋەكىلى سايلاندى

يەر شارى خەۋەر تورى 11-ماي خەۋىرى ؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئەنگىلىيەدىكى مۇھاپىزەتچى پارتىيە يالغۇز ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان بولۇپ، سايلام نەتىجىسىدە پارلامېنتقا 13 نەپەر مۇسۇلمان خەلق ۋەكىلى سايلاندى، بۇلاردىن 8 نەپىرى ئايال. ئەنگىلىيەدىكى ئۇمۇمى سايلام نەتىجىسىدە ئىشچى پارتىيەسىدىن 9 نەپەر، مۇھاپىزەتچى پارتىيەدىن 3 نەپەر ۋە ئىسكوچ مىللىي پارتىيسىدىن 1 نەپەر مۇسۇلمان نامزات خەلق ۋەكىلى بولۇپ پارلامېنتقا كىردى. بۇ سان ئەنگىلىيەدە ھازىرغا قەدەر مۇسۇلمانلاردىن پارلامېنتقا كىرگەن ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە ئىكەن. ئىشچى پارتىيىسىدىن رۇپا ھۇق، تۇلىپ ۋىزۋانا سىددىق، ناز شاھ، ئىمران ھۈسەيىن، خالىد مەھمۇد، شابانا مەھمۇد، رۇشانارا ئەلى، ياسمىن قۇرەشى، ۋە سادىق خان پارلامېنتقا كىردى. مۇھاپىزەتچى پارتىيەدىن نۇسرەت غەنى، ساجىد جاۋىد ۋە رەھمان چىستى، ئىسكوچ مىللى پارتىيىسىدىن تەسمىنە ئەھمەد شەيىخ خەلق ۋەكىلى بولۇپ پارلامېنتقا كىردى. ئەنگىلىيە پارلامېنتىدا جەمئىي 650 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى بار. ئەنگىلىيەدە جەمئىي 2 مىليون 800 مىڭ مۇسۇلمان ياشايدۇ، بۇ سان ئەنگىلىيە نۇپۇسىنىڭ يۈزدە 4.4% گە تەڭ كېلىدۇ. 2010-يىلىدىكى سايلامدا 8 نەپەر مۇسۇلمان خەلق ۋەكىلى پارلامېنتقا كىرگەن ئىدى. ئەنگىلىيەدە 26 دانە سايلام نوقتىسىدا نۇپۇسنىڭ 20% نى مۇسۇلمانلار تەشكىل قىلىدۇ. 7-ماي پەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئۇمۇمى سايلامدا داۋىد كامىرون رەھبەرلىكىدىكى مۇھاپىزەتچى پارتىيە پارلامېنتتا 331 ئورۇنغا ئېرىشىپ يالغۇز ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان، سايلامدىن كېيىن ئىشچى پارتىيىسى ۋە لىبرال دېموكراتك پارتىيىسى ۋە بىرلەشمە پادىشاھلىق مۇستەقىللىق پارتىيىسى رەھبەرلىرى ئىستىپا بەرگەن.



11-05-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
30-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر كوچىلارغا چىقىپ، <ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش شېرىكلىك مۇناسىۋەت كېلىشىمى> (TTIP) شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ مالىي...
28-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
28-05-2016
    رۇسىيە NTV تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، كانادا، ئامېرىكا، فرانسىيە ۋە ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى پەقەت رۇسىيە مىنسكى كېلىشىمىنى تولۇق ئىجرا قى...
28-05-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
28-05-2016
      شۇ يەر ۋاقتى 27-ماي، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتى سانتىياگو، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ترامپ سانتىياگودا سايلام يىغىلىشى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسى قولىدا تاختىلارنى كۆت...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چاۋشيەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ ئالىي قوماندانى مۇنداق دېگەن: شۇ كۈنى كورىيە ئارمىيەسى چاۋشيەننى...
28-05-2016
يەر شارى تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ۋېيتنام تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋېيتنام ھۆكۈمىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى 22 دۆلەت ۋە رايوندا تۇرۇشلۇق 80 دىن ئارتۇق ۋېيتناملىقىنى نەنشا تاقىم ئارى...
28-05-2016
ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنىتلىقىنىڭ 27-ماي ئېيتىشىچە، جەنۇبىي ئوسېتىيەنىڭ رەھبىرى تىبىلوۋ ۋە پارلامېنىت رەئىسى بىبىلوۋ 26-ماي جەنۇبىي ئوسېتىيە 2017-يىلى رۇسىيەگە قوشۇلۇشقا ئوم...
27-05-2016
     5-ئاينىڭ 26-كۈنى، گىرېتسىيە بىلەن ماكېدونىيەنىڭ چېگرىسىدىكى كىچىك كەنت ئىدومېنى. مۇساپىرلار بۇ يەردىن ئايرىلىش ئۈچۈن ئاپتوبۇسنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە. 24-مايدىن باشلاپ، گىرېتسىيە ساقچى تەرەپ، رەسمىي ھالدا گىرېتسىيە-...
Powered by Leglek