ئەنگىليە ‹‹ھەركۈنلۈك پوچتا گېزىتى››نىڭ 5-ئاينىڭ10-كۈندىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا،بىر قانچە كۈن ئىلگىرى پولىشا ۋروسۋاف تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹ئەرلەر 100مىتىرغا يۈگۈرۈش يۈز ياشلىقلار مۇسابىقسى ››دا بىر ياشانغان كىشى ئۇچسىغا ‹‹104›› دىگەن رەقەم يېزىلغان سېرىق رەڭلىك كىيىمنى كىيىپ 32سىكونىت 79 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن مۇسابىقنى تاماملىغان،ئۇنىڭ بۇ نەتىجىسى ياۋروپا قىتئەسىنىڭ ئەڭ چوڭ ياشلىقلار مۇسابىقسىدىكى رېكورتنى بۇزۇپ تاشلاپ بىردىنبىر يۈگۈرۈش مۇسابىقسىنى تاماملىيالىغان يۈز ياشتىن يۇقىرى ئادەمگە ئايلانغان.
بۇ ياشانغان كىشىنىڭ ئىسمى سىتەنىس ئاۋ كوۋالسىكى بۇلۇپ 1910-يىلى تۇغۇلغان،پولشادىن كەلگەن.ئىگەللەشكە ئاساسلانغاندا،مۇسابىقدىن ئىلگىرى ئۇ ھېچقانداق كەسپىي مەشىققە قاتنىشىپ باقمىغان بۇلۇپ، ئىلگىرى ئۇ دەل 34 سىكونتىلىق ئەڭ ياخشى نەتىجىنى ياراتقان ئىكەن. بۇ قېتىمقى يېڭى رىكورىت يارتىش بىلەن بىرگە ئۇ يەنە 104 ياشلىق يۇقىرى يېشى بىلەن بۇندىن بۇرۇنقى 96 ياشلىق ياۋروپا رىكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان.
تاماشىبىنلار كوۋالسىكى ئۈچۈن قىزغىن ئالقىش ياڭرىتىپ يەنە بىر دەستە گۈل تەقدىم قىلغان. مۇسابىقدىن كىيىن ئۇ مۇنداق دەيدۇ:‹‹مەن باشقا بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالغاندەك ھىس قىلۋاتمەن››. نەۋرىلىرنىڭ قەلبىدە بوۋىسى ئىزچىل بىر جىمغۇر ئادەم. كوۋالسىكى مۇخبىرنىڭ زىيارىتنى قۇبۇل قىلغاندا سۆزلەپ :‹‹تاماق يىگەندە بەك كۆپ يىمەسلىك ،كېچىلىك تاماق يىمەسلىك كىرەك بۇندىن باشقا بەزىدە 50g سۇ ئىچىپ قويسا بۇلىدۇ بىراق ھەركۈنى بۇنداق قىلماسلىق كىرەك›› دىگەن.
كوۋالسىكى ئەپەندىنىڭ قارىشچە،ساغلام تۇرۇشنىڭ سىرى :‹‹ھەرقانداق ئۆزى قىلشنى خالىغان ئىشنى قىلىش ›› يەنە تېخى ‹‹ئەزەلدىن دوختۇرغا كۆرۈنمەسلىك››. ئۇنىڭ دىيشىچە ئۆزى ئىلگىرى خىزمەت قىلغان ۋاقىتتا دائىم كۆپ ۋاقىت سەرىپ قىلىپ پىيادە ياكى ۋېلسىپىتلىك 10كىلومىتىر يىراقلقتىكى خىزمەت ئورنىغا باردىكەن.
ئەڭ ئادەمنى ھەيران قىلدۇردىغنى يۈگرەش بولسا ئۇ 92 يېشىدىن باشلاپ يىتىلدۈرگەن قىزىقشى ئىكەن. ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا ئۇ بوران-چاپقۇنغىمۇ پەرۋا قىلماي ھەركۈنى 10 كىلومىتىرغا يۈگۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 3-مارت، ئىسرائىلىيە تېلئاۋېف، خەلق ئاممىسى ئوتتۇرا دېڭىزدا لەگلەك بىلەن دولقۇن تېيىلىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.
|
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئافغانىستان Cevizcan رايونى، 17 نەپەر تالىبان ئەزالىرى ئافغانىستان دائىرىلىگە تەسلىم بولدى ھەمدە قوراللىرىنى تاپشۇردى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved