پەلەستىننىڭ نۇپۇسى 1948-يىلىدىن بېرى 9 ھەسسە كۆپەيدى

دۇنيا خەۋەرلىرى تورى 13-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى:  پەلەستىن مەركىزى ئىستاستىكا ئىشخانىسى، پەلەستىن تارىخىدا «زور پالاكەت» دەپ تونۇلغان 1948-يىلىدىكى ئىسرائىلىيە ئىشغالىيتى جەريانىدا پەلەستىنلىكلەرنىڭ نۇپۇسى1 مىليۇن 400 مىڭ بولۇپ، 2014-يىلى ئاخىرىدا 9 ھەسسە كۆپىيىپ 12 مىليون 100 مىڭغا يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. پەلەستىن مەركىزى ئىستاستىكا ئىشخانىسى «زور پالاكەت» تارىخىنىڭ 67 يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، 1948-يىلىدا قەدىمى پەلەستىن زېمىنلىرىدىكى 1 مىڭ 300 يېزا ۋە مەھەللىدە ياشاۋاتقان پەلەستىنلىكلەرنىڭ نۇپۇسى 1 مىليون 400 مىڭ بولۇپ، بۇلاردىن 800 مىڭ كىشى غەربى قىرغاق ۋە غەززە رايۇنى بىلەن قوشنا ئەرەب دۆلەتلىرىگە كۆچۈپ كەتكەنلىكى، «زور پالاكەت» جەريانىدا يەھۇدىيلارنىڭ 774 يېزا ۋە مەھەللىنى كونترول قىلىۋالغانلىقى، 531 پەلەستىن يېزىسى ۋە مەھەللىسىنىڭ كۆيدۈرۋېتىلگەنلىكى، 70 قېتىمدىن كۆپ قىرغىنچىلىقتا 15 مىڭدىن كۆپ كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى خاتىرلەنگەن. باياناتتا، ئىئوردان دەرياسى بىلەن ئاق دېڭىز ئارىسىدىكى تارىخى پەلەستىن رايۇنىدا ياشىغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانىنىڭ 2014-يىل ئاخىرىدا 6 مىليون 100 مىڭغا يەتكەنلىكى، بۇ ساننىڭ 2020-يىلىدا 7 مىليون 100 مىڭغا يىتىشى مۇمكىنلىكى ئېيتىلغان.
باياناتتا يەنە، غەربى قىرغاق ۋە غەززە رايۇنىدا ياشاۋاتقان پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانىنىڭ ئۇمۇمى نۇپۇسنىڭ يۈزدە 43% نى تەشكىل قىلىدىغانلىقى، 4 مىليون 600 مىڭ ئۇمۇمى نۇپۇستىن 2 مىليون 800 مىڭ كىشىنىڭ غەربى قىرغاقتا، 1 مىليون 800 مىڭ كىشىنىڭ غەززە رايۇنىدا ياشايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەلەستىن مۇساپىرلار ياردەم ئورگىنىنىڭ تىزىملىكىدە خاتىرلەنگەن مۇساپىرلارنىڭ سانى2014-يىلى ئ‍ىيۇلدا تەخمىنەن 5 مىليون 490 مىڭغا يەتكەن، بۇلاردىن يۈزدە 29% ى 58 نوقتىدىكى مۇساپىرلار لاگېرىدا ياشايدىكەن، پەلەستىنلىك مۇساپىرلار لاگېرلىرىدىن ئىئ‍وردانىيەدە 10، سۇرىيەدە 9، لىۋاندا 12، غەربى قىرغاقتا 19، غەززە دە 8ى بار ئىكەن.
دوكلاتتا يەنە، قۇددۇس «ئېروسالىم» دا ياشايدىغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ نۇپۇسى تەخمىنەن 415 مىڭ بولۇپ، بۇلاردىن يۈزدە 62.1% ى شەرقى قۇددۇستا ياشايدىكەن. بۇ يىلقى  رەسمى ئىستاستىكىغا مەلۇماتىغا قارىغاندا، 8 مىليون 345 مىڭ ئىسرائىلىيە نۇپۇسىنىڭ 6 مىليون 251 مىڭى يەنى 74% ى يەھۇدىيلاردىن تەشكىل تاپىدىكەن.
پەلەستىنلىكلەر 1948-يىلى 14-مايدا ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيتى ئاستىدىكى پەلەستىن زېمىنلىرىدا مۇستەقىللىقىنى جاكارلىشى ۋە پەلەستىنلىكلەرنىڭ مەجبۇرى كۆچۈرۈلۈشى سەۋەبىدىن ھەر يىلى 15-ماينى «زور پالاكەت» كۈنى دەپ خاتىرلەيدۇ.



13-05-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek