يېقىندا غەرپنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش ئىككىنچى لىنىيەسى گاۋلىڭ بېسىملىق گاز پونكىتىنىڭ 4 يۈرۈش پىرېسلىغۇچ گېنىراتور گۇرۇپپىسىنىڭ ھەممىسى 4مىڭ سائەتلىك چوڭقۇر سىناقتىن ئۆتتى، بۇ ئېلىمىز مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان 20 مىگاۋاتلىق ئېلېكتىر پىرېسلىغۇچنىڭ ھەرقايسى ئىقتىدار كۆرسەتكۈچىنىڭ لايىھەدىكى تەلەپكە يەتكەنلىكى، گېنىراتۇر گۇرۇپپىسىنىڭ ئاساسلىق تېخنىكا كۆرسەتكۈچىنىڭ خەلقئارالىق ئىلغار سەۋىيەگە يەتكەنلىكى شۇنداقلا ئومۇميۈزلۈك سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىغا كىرىشۈرۈلىدىغانلىقى ھەمدە بۇ مەھسۇلاتتا ئۇزاق مۇددەت ئىمپورت قىلىش ۋەزىىيىتىگە خاتىمە بېرىلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، غەرپنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى لىنىيە بويىدىكى ئۆلكىلەرگە غايەت زور ئىقتىسادىي ئۈنۈم ئېلىپ كېلىدۇ، ھېسابلاشقا قارىغاندا غەرپنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش بىرىنچى ، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى لىنىيەسى قۇرۇلۇشىغا سېلىنغان ئومۇمىي مەبلەغ 415 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن، يېقىنقى ئۈچ يىلدا بىۋاستە يارىتىلغان ئىقتىسادىي ئۈنۈم 42 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە، ۋاستىلىق يارىتىلغان ئىقتىسادىي ئۈنۈم 450 مىليارد يۈەنگە يەتكەن، 400 مىليون توننا كاربون تۆت ئوكسىدى، 31 مىليون 640 مىڭ توننا چاڭ توزان، 8 مىليون 480 مىڭ توننا گۈڭگۈرت تۆت ئوكسىدى ئاز قويۇپ بېرىلگەن، نۆۋەتتە غەرپنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈشنىڭ 4-لىنيەسى ۋە 5-لىنىيەسى قۇرۇلۇشىمۇ تەييارلىق باسقۇچىغا كىردى، بۇ ئېلىمىزنىڭ ئېنېرگىيە، ئىقتىساد قاتارلىق جەھەتلىرىدە تېخىمۇ زور تۈرتكۈلۈك رول ئوينايدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved