ئالتۇنتاغ ئالاھىدە ساياھەت رايونى
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، بايىنغولىن ئوبلاستى 23 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ ، ساياھەت ماركىسى يارىتىشنى تېزلىتىپ ، بايىنبۇلاق ، باغراش كۆلى ۋە تارىم ئويمانلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ رايونغا مۇناسىۋەتلىك ئالتۇن قۇم ساھىلى ، لوپنۇرلۇقلار كەنتى ، ئاققۇ كۆلى ، مالەن ھەربىي ئىشلار مۇزېي قاتارلىق 30 دىن ئارتۇق ساياھەت تۈرىنى ئاچتى .
بۇ يىل بايىنغولىن ئوبلاستى دۆلەت يولى 314-لىنىيەسىنى ئاساس قىلغان يېڭى يىپەك يولى ساياھەتچىلىك كەسپى ۋە دۆلەت يولى 218-لىنىيەسىنى ئاساس قىلغان بايىنولىن تارىخى ، مىللىي ئۆرپ-ئادەت ساياھەتچىلىك كەسپىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ كەسپىنىڭ دائىرىسى ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئورنىنى ئىلمىي بەلگىلەپ ، شەرقىي لىنىيەدە باغراش كۆلى ئىستىراھەت مەدەنىيەت ساياھەت رايونىنىڭ دەرىجىسىنى كۆتۈرۈش ، شىمالىي لىنىيەدە بايىنبۇلاق ، كۈنەس مىللىي ئۆرپ-ئادەت ئېكولوگىيەلىك ساياھەت ئورنىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش ، غەربىي لىنىيەدە لوپنۇرلۇقلار كەنتى ، تارىم توغراق مەدەنىيەت ساياھەت رايونى ئېچىشنى تېزلىتىش ، جەنۇبىي لىنىيەدە لوپنۇر كۆلى ، ئالتۇنتاغ ئالاھىدە ساياھەت رايونىنى ئېچىش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى .
لەگلەك تور ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved