ئەتىگەنلىك ناشتىدىكى بۇ تۆت خاتالىق سىزدە بارمۇ ؟

بۇنداق قىلىشنى بەدەنگە ئېىتىياجلىق ئوزۇقلۇق تولۇقلاش ۋە بەدەننىڭ سۈمۈرۈشىگە پايدىسى بار دەپ قارايدۇ. ئەمىلىيەتتە، ناشتىلىقنى بەك بالدۇر يېيىش، بەدەنگە زىيانلىق بولۇش بىلەن بىرگە يەنە ئاشقازان-ئۈچەي يولىغىمۇ زىيان ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. ساقلىقنى ساقلاش مۇتەخەسسىسىنىڭ تەكىتلىشىشىچە، ئادەم كېچىدە ئۇخلاۋاتقان ۋاقىتتا، بەدەندىكى زور مىقداردىكى ئەزالارمۇ ئارام ئېلىش مەزگىلىگە كىرگەن بولۇپ، ھەزىم قىلىش ئەزاسى كەچلىك تاماقنى سىڭدۈرىدىكەن. ئادەتتە تاڭ سەھەردە ھەقىقىي ئارام ئېلىش مەزگىلىگە كىرىدىغان بولۇپ، ئەگەر ناشتىلىقنى بەك بالدۇر يېسە ئاشقازان-ئۈچەي يولىنىڭ ئارام ئېلىشىغا تەسىر قىلىدىكەن. ئەگەر ئۇزۇنغا داۋاملاشسا ئاشقازان-ئۈچەي ئىقتىدارىغا زىيانلىق ئىكەن. ساغلاملىق كۆرسەتمىسى: ئەتىگەن قوپقاندا ئالدى بىلەن سۇ ئىچكەندە، ئۇخلىغاندا خورىغان سۇ مىقدارىنى تولۇقلايدۇ. 30-20 مىنۇتقىچە ھەرىكەت ئىشلەپ بولغاندىن كېيىن، ناشتىلىق قىلىش مۇۋاپىق. 2. ناشتىلىقنى بەك قۇۋۋەتلىك يېيىش. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئەتىگەنلىك تاماقنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇغاندىن كېيىن، ناشتىلققا ئامال بار مول مىقداردىكى ئاقسىل، يۇقىرى ئىسسىقلىق ۋە ياغ تەركىبى يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەرنى تاللايدۇ. مەسىلەن: ئىرىمچىك، ھامبۇرۇگ بولكىسى، مايدا پىشۇرۇلغان توخۇ قانىتى، ياغدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىك قاتارلىقلار. لېكىن ھەددىن زىيادە قۇۋۋەتلىك ناشتىلىق قىلىش پەقەت ئاشقازان-ئۈچەي بېسىمىنى ئاشۇرۇپ، بەدەنگە ھېچقانداق پايدىسى بولمايدۇ.

 

سەھەردە، ئادەم بەدىنىدىكى تالنىڭ چارچىغان ۋاقتى بولىدۇ، ھەددىدىن زىيادە قۇۋۋەتلىك غىزالىنىش ئاشقازان-ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كېتىپ، يېمەكلىك ئاسانلىقچە سىڭمەيدۇ. ئەگەر بۇ ئادەت ئۇزۇنغا سوزۇلسا، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىپ، ئاشقازان-ئۈچەي يولى كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىش بىلەن بىرگە سەمىرىپ كېتىشنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ساغلاملىق كۆرسەتمىسى: ئەتىگەنلىك تاماقتا ئوزۇقلۇق قىممىتىنى تەڭپۇڭ ھالەتتە يېگەن ياخشى. ئاسان ھەزىم بولىدىغان ، يۇقىرى تالا ماددىلىق، ياغ ماددىسى ۋە قەنت ماددىسى تۆۋەن بولغان يېمەكلىكنى ئاساس قىلىپ غىزالىنىش كېرەك. مەسىلەن: شوۋىگۈرۈچ، سۈت، پۇرچاق سۈتى، ئۈگرە، چۆچۈرە قاتارلىقلار. ئامال بار مايلىق، قاقلاپ پىشۇرۇلغان، قاتتىق قۇرۇق شۇنداقلا غىدىقلىنىشى كۈچلۈك بولغان يېمەكلىكنى يېمەسلىك، بەك كۆپ يېيىشكىمۇ بولمايدۇ. 3. «ساپ سۈت» بىلەن «ناشتىلىق سۈت» نى بىرلەشتۈرىۋېلىش. سۈت كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ناشتىلىقىدىكى مۇھىم تاللىشىنىڭ بىرى. ئاز بولمىغان كىشىلەر «ساپ سۈت» بىلەن «ناشتىلىق سۈت» نى دائىم دېگۈدەك بىرلەشتۈرىۋالىدۇ.

ئەمما، بۇ ئىككىسىنىڭ پەرقى بولىدۇ. ساپ سۈت بىلەن ناشتىلىق سۈتىنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە سۈت تەركىبى بولسىمۇ، لېكىن ماتېرىيالى ئوخشىمايدۇ. ساپ سۈت دېگىنىمىز ھېچنىمە ئارلاشتۇرۇلمىغان يېڭى سۈتنى كۆرسىتىدۇ. ناشتىلىق سۈتتە بولسا، ساپ سۈت، سۇ، مالتوزا ئېكىستراكتى، خاسىڭ مېغىزى، تۇخۇم پاراشوكى، سۇلۇ، تۇراقلاشتۇرغۇچى دورا، تۆمۈر ماددىسنى كۈچلەندۈرگۈچ، سىنىك ماددىسنى كۈچلەندۈرگۈچ قاتارلىق تەركىبلەر بولىدۇ؛ ناشتىلىق سۈتنىڭ تەركىبىدە پروتېئىن مىقدارى ئادەتتە %2.3 تىن يۇقىرى بولىدۇ. ساپ سۈتتە بولسا %3.1-%2.9 ئارىلىقىدا بولىدۇ. شۇڭا سۈت ئىچكەندە پەرقلەندۈرۈپ ئىچىشكە دىققەت قىلىش،كېرەك، ماس كەلگەن يېمەكلىك بىلەن تەڭشەپ ئىستېمال قىلغاندا،تېخىمۇ شىپالىق رولى بولىدۇ. ساغلاملىق كۆرسەتمىسى: سېلىشتۇرۇپ ئېيتقاندا،

ناشتىلىق سۈتنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى تەڭپۇڭ ھالەتتە بولۇپ، ناشتىلىقتا ئېچىشكە ماس كېلىدۇ؛ ساپ سۈتتىكى كاربون سۇ بىرىكمىسىنىڭ نىسبىتى بىر قەدەر تۆۋەن، ئىچكەندە ئەڭ ياخشىسى كراخمال تۈرىدىكى يېمەكلىك ۋە قاتتىق پوستلۇق يېمەكلىكلەر بىلەن تەڭ يېگەن ياخشى. 4. «سۈت بىلەن تۇخۇم» نى ئاساسىي ئوزۇقلۇق ئورنىدا يېيىش. «سۈت بىلەن تۇخۇم» ئاز بولمىغان كىشىلەرنىڭ ناشتىلىقتىكى ئاساسلىق مەزمۇنى. لېكىن بۇنداق غىزالىنىش ئىلىم-پەن نۇقتىئىنەزىرىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. ئەتىگەندە ئادەم بەدىنى، تەركىبىدە مول مىقداردىكى كاربون سۇ بىرىكمىسى بولغان يېمەكلىك يېيىش بىلەن بەدەندىكى ئېنىرگىيەنى قايتىدىن تولۇقلاشقا جىددىي ئېھتىياجلىق بولىدۇ. سۈت بىلەن تۇخۇم ئۆزىلا يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىك بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار تەمىنلىگەن ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىللار پەقەت بەدەن قۇرۇلمىسىغا بېرىلىپ، بەدەن ئېھتىياجلىق يېتەرلىك بولغان ئېنىرگىە بىلەن تەمىنلەپ بېرەلمەيدۇ.

يېگەندىن كېيىن ناھايىتى تېزلا قورسىقى يەنە ئاچقاندەك ھېس قىلىپ، ئاشقازان-ئۈچەي يولىغا بەلگىلىك تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ ھەمدە ۋاستىلىك ھالدا ئادەمنىڭ خىزمىتى ۋە ئۆگىنىشىگە تەسىر قىلىپ، بالىلارغا بولغان تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك بولىدۇ. ساغلاملىق كۆرسەتمىسى: ناشتىلىقتا ئاساسى ئوزۇقلۇق كەم بولسا بولمايدۇ. سۈت ئىچىش، تۇخۇم يېيىش بىلەن بىرگە ماس كېلىدىغان يېمەكلىكنىمۇ ئاساسى ئوزۇقلۇق قىلىش كېرەك.

لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشۇۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK



خەتكۈچلەر:
07-01-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
04-05-2016
    رۇسىيە مېنرال سۇ ۋە ئىچىملىك سۇ بازىرى ئانالىزى ھەمدە مۆلچەر سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2010-يىلدىن 2014-يىلغىچە رۇسىيەنىڭ مېنرال سۇ ۋە ئىچىملىك سۇ سېتىش مىقدارى %36.2 ئاشقان، 5 مىليارد 210 مىليون لېتىردىن 7 مىل...
02-05-2016
شىنجاڭ توقسۇ ناھىيەسى تۇنجى نۆۋەتلىك قول ھۈنەرۋەنچىلىك -سەنئەت بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسىدە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ نېنى» كۆرگەزمە قىلىنغان بولۇپ، دىئامېتىرى 1.5 مېتىر كېلىدىكەن، بۇ نانغا تەخمىنەن 40 كىلوگرام ئەتراپىدا ئۇن سەرپ قىلىنغا...
02-05-2016
     جۇڭگو ئاخبارات تورى 2-ماي تېلېگراممىسى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا چىكاكودىكى بىر ئايال ستارباكس (Starbucks) تىن ئىچىملىك سېتىۋالغاندا، ئىچىملىككە قوشۇلغان مۇز پارچىسى بەك...
29-04-2016
   شىنجاڭ تورى خەۋىرى: ئۈرۈمچىدە ئالمىنىڭ باھاسى ئۈچ يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن باھاغا چۈشتى. ئالمىنىڭ ھەر كىلوگىرامىنىڭ پارچە سېتىلىش ئوتتۇرىچە باھاسى ئالتە يۈەن، توپ سېتىلىش ئوتتۇرىچە باھاسى تۆت يۈەن بولدى. 28-ئاپرېل مۇخبىر...
29-04-2016
    ھەممىمىزگە مەلۇمكى، ئادەتتىكى ئادەملەر 80 ياشقىچە ياشىيالىسا ئۇزاق ئۆمۈر كۆرەلىگەنگە ھېساب. لېكىن، تەبىئەت دۇنياسىدا ھەر قانداق ئىش يۈز بېرىشى مۇمكىن، ئىنسانلاردىن خېلىلا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلەيدىغان ھايۋاناتلاردىن زاد...
28-04-2016
     يېقىندا بىر تۈركۈم ئېغىرلىقى 200 توننا كېلىدىغان سانائەتكە ئىشلىتىلىدىغان كېرەكسىز يېمەكلىك ماي شيامېندىن بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشتىن لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن گوللاندىيەگە يۆتكەلدى، بۇ شۇ مەھسۇلاتنىڭ تۇنجى قېتىم ياۋ...
28-04-2016
     ھىندىستان «ئىقتىساد دەۋرى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھىندىستان جۇڭگودىن كالا سۈتى، سۈت مەھسۇلاتلىرى ھەمدە قىسمەن يان تېلېفون ۋە باشقا بىر قىسىم تاۋارلارنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىگەن، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب ھىند...
28-04-2016
     4-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن بۇ يىل 10-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ قاتناش لىنىيەسى، ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىدىكى يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىدىغان بولۇپ، كىنىشكىسىز تىج...
28-04-2016
    خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز غەيرەت جاسارەت، نامەتجان يۈسۈپ خەۋەر قىلىدۇ) كەلپىن ناھىيەلىك «مۇقەددەس بۇلاق» ئوقەتچىلىك ساغلاملىق بۇيۇملىرى چەكلىك ش...
28-04-2016
    بىر بېلىق دۇكىنى 27-ئاپرېل چاڭچۈن شەھىرى لىنخې كوچىسى بىلەن دۇڭنەن كۆلى چوڭ يولىنىڭ كېسىشمە ئېغىزىدا ئاشخانىسىنىڭ سىرتقى تېمىغا پۈتۈنلەي بېلىق ئېسىپ بېزەۋاتىدۇ. ئاشخانا مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئاشخانىنىڭ سىرتقى تېمى ...
Powered by Leglek