2015-يىلى دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەت باشلىقلىرى، سىياسىيونلار، داڭدار شەخسلەرنىڭ تۈرلۈك سورۇنلاردىكى قىزىقارلىق ئىشلىرى، جۈملىدىن تۈرلۈك چىراي ئىپادىلىرى سەزگۈر مۇخبىلارنىڭ، فوتوگرافلارنىڭ نەزىرىدىن قېچىپ قۇتۇلغان ئەمەس. بىز ئەمدى سىياسىي ئەربابلارنىڭ ھەرخىل چىراي ئىپادىلىرىگە نەزەر سېلىپ باقايلى:
شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى، سىرىلانكىنىڭ كولومبودا، رىم پاپاسى فىرانسىسكو سىرىلانكا زۇڭتۇڭى سىرىسىنانىڭ قارشى ئېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. دۆلەت مارشى ئورۇنلىنىۋاتقاندا، شامال فىرانسىسىكونىڭ شاپاق دوپپىسىنى ئۇچۇرۇۋەتتى.
شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى، رۇسىيەنىڭ موسكۋادا دۆلەت دۇماسى يىغىنى ئېچىلغاندا، رۇسىيە دۆلەت دۇماسى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى فرانتس كلىنسېۋىنچ يانفوندا پاراڭلاشماقتا.
شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى، فىرانسىيەنىڭ سېينې لېس ئالپېس دېگەن يېرىدە فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاند گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل ۋە ئىسپانىيە زۇڭلىسى راجوي، شۇنداقلا كاتالونيا رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ماس بىلەن گېرمانىيەنىڭ پاچاقلىنىپ كەتكەن نەق مەيدانىغا يېتىپ كەلدى.
شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئەنگلىيەنىڭ ساندۋىچ دېگەن يېرىدە، ئەنگلىيە مۇستەقىللىق پارتىيەسىنىڭ داھىيسى فاراچى بىر خەير-ساخاۋەت ئورگىنىنى زىيارەت قىلغان. بۇ ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى چىراي ئىپادىسى.
شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى، گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېندا، نامايىشچىلار يەتتە دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ باش سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن گاز شارلىرىنى قويۇپ بېرىپ، يەتتە دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا قارشىلىق بىلدۈردى.
شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋدا ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابى شىنزو خانىمىنى ئېلىپ ئۇكرائىنادا زىيارەتتە بولدى، ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى پوروشېنكو مۇراسىمىدا تەرتىپ بويىچە ماڭمىغان ئابى شىنزونى توختىتىۋالدى.
شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، بېلگىيەنىڭ بريۇسسېلدا، ئېكۋاتور زۇڭتۇڭى كورېيا ياۋروپا ئىتتىپاقى-لاتىن ئامېرىكىسى مۇستەقىل دۆلەتلەر گەۋدىسى باشلىقلار ئۇچرىشىشىدا چىلى زۇڭتۇڭى باچېلېتنى چوڭقۇر مېھرى بىلەن قۇچاقلىۋالدى.
شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى، بېلگىيەنىڭ بريۇسسېلدا، ئىتالىيە زۇڭلىسى رېنزى گرېتسىيە زۇڭلىسى سىپراسقا ئارتىلىۋېلىپ، گېرمانىيە زۇڭلىسى بىلەن قىزغىن پاراڭلاشماقتا.
شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى، ياۋرو رايونىنىڭ مالىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى بېلگىيەنىڭ بريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلدى، يىغىندا گېرمانىيە مالىيە مىنىستىرى فىنلاندىيە مالىيە مىنىستىرىغا تىلىنى چىقىرىپ قىزىقچىلىق قىلدى.
شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئەنگلىيەنىڭ نورفولك ئۆلكىسىدە ئەنگلىيە شاھزادىسى چارلېز ۋە ئاتالى كامىلە گۈل كۆرگەزمىسىنى كۆردى. كۆرگەزمىدە بىر بۈركۈت چارلېزنى قورقۇتۇۋەتتى.
شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئۇن پيۇڭياڭدىكى ئايرودورومغا كېلىپ، شەرقىي ئاسىيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولۇپ قايتىپ كەلگەن چاۋشيەن ئاياللار پۇتبول كوماندىسىنى قارشى ئالدى.
شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى، تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان تۈركىيەنىڭ رىزە ئۆلكىسىدە بىر يېڭىدىن پۈتكەن مەسچىتنىڭ يوپۇق ئېچىش مۇراسىمىغا قاتنشىۋاتقاندا، بىر كەرىقۇر ئەردوغاننىڭ بېشىغا قونۇۋالدى.
شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 18-كۈنى، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن قىرىمدىكى سېباستوپولدا ھەشەمەتلىك سۇ ئاستى كېمىسىگە ئولتۇرۇپ قارا دېڭىزنىڭ ئاستىغا چۈشتى.
شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى، فىرانسىيە زۇڭلىسى ۋالىس لاروچېل شەھىرىدە سوتسىيال پارتىيەسىنىڭ ياشلىق يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا نۇتۇق سۆزلىگەن. ئۇ نۇرغۇن سوئاللارغا جاۋاب بېرىش جەريانىدا چىلىق-چىلىق تەرلەپ كەتكەن.
شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى، گوللاندىيە ئەركىنلىك پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى گۇيلد ۋىلدېر خايگ دېگەن شەھەردە يىغىنغا قاتناشقاندا، قەلەمنى بۇرنىغا تىقىپ ئوينىغان.
شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نيۇيوركتىكى باش ئىشتابىدا رەسمىي سۆھبەتلەشكەن. بۇ ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ 2013-يىلى 6-ئايدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىم رەسمىي سۆھبەتلىشىشى، شۇنداقلا يېقىنقى بىر يىلدىكى تۇنجى قېتىملىق ئۇچرىشىشى ئىكەن.
شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭى نامزاتى دونالد ترامپنىڭ جورجىيە ئىستاتىنىڭ نوركروس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن سايلام رىقابىتى يىغىلىشىدىكى ئادەمنى بىزار قىلىدىغان قىلىقى.
شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى، رۇسىيەنىڭ سوچىدا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىننىڭ مۇكاپاتلاش مۇراسىمىغا قاتناشقاندىكى كۆرۈنۈشى.
شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى، بېلگىيەنىڭ بريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كىچىك دائىرىلىك يىغىنىدا گرېتسىيە زۇڭلىسى سىپراس گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېلنى تامغا قسىتاپ تۇرۇپ پاراڭلاشتى.
شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى، گۋاتېمالادا يېڭىدىن زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان جىمى مورالېسنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىشىنىدىكى چىراي ئىپادىسى.
شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى، لوندون شەھىرىنىڭ باشلىقى جونسون بورېس لوندوندا ھەربىيلەرنىڭ ئارقان تارتىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، ئېھتىياتسىزلىقتىن يىقىلىپ كەتكەن.
شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى، تۈركىيەنىڭ ئانتالىيادا 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى خاتىرە سۈرەتكە چۈشىدىغاندا، تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ يۈزىنى سىيلاپ قويدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved