جۇڭگو ئاخبارات تورى، 13-مارت تېلېگراممىسى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا توردا بېن لادىن ‹‹ 11-سېنتەبىر ›› تېررورلۇق ۋەقەسىنى پىلانلاشتىن بۇرۇن تۇرغان ‹‹ كونا ئۇۋىسى ›› نىڭ سۈرەتلىرى ئاشكارىلانغان بولۇپ، بۇ سۈرەتلەر ناھايىتى قىممەتلىك ھېسابلىنىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ سۈرەتلەرنى مۇخبىر ئابدېل باررى ئاتۋان 1996-يىلى تارتقان بولۇپ، سۈرەتتە ‹‹ 11 سېنتەبىر ›› تېررورلۇق ھۇجۇمىنى پىلانلىغۇچىنىڭ ۋەقەدىن بۇرۇن تۇرغان جايى بولۇپ، بۇ تۇرالغۇ پەقەت ئىككى ئېغىزلا كېسەك ئۆيدىن ياسالغان ئىكەن. ئەمما بۇ ئاددى كېسەك ئۆيگە سەل قاراشقا بولمايدىكەن، بېن لادىن بايقىلىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بۇ كېسەك ئۆي ئەتراپىغا ئىنتايىن مۇرەككەپ بىر تور تارتقان ھەمدە ئۆڭكۈر ۋە تونېللاردا ئۆزىنى قوغدىغان .
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ يەردە ھەر كۈنى بىر نەچچە ئادەم تاغنى ئايلىنىپ چارلاش ئېلىپ بېرىپ، بۇ ‹‹ بازا ›› نىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغان .
ئەسلى مەنبەسى : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
http://uy.ts.cn/wenhua/content/2015-03/13/content_407058.htm
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved