ئامېرىكا يېتەكچىلىكىدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئافغانسىتاندا تۇرۇشلۇق خەلقئارا بىخەتەرلىك ياردەم قىسمى 2014-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئافغانىستاندا ئۇرۇش قىلىش ۋەزىپىسىنى ئاياغلاشتۇردى ھەمدە 2015-يىلى 1-يانۋار مەزكۈر دۆلەتتە « قەتئىي قوللاش» ناملىق ئۇرۇش قىلمايدىغان ۋەزىپىنى باشلىدى، بۇ ئاساسلىقى ئافغانىستان قىسمىنى تەربىيەلەش، تېخنىكا جەھەتتە قوللاشنى كۆرسىتىدۇ.
كۆزەتكۈچى ئەربابلار مۇنداق دەپ ھىسابلىدى: ئۇرۇش قىلىش قىسمىنىڭ چېكىنىشى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتنىڭ ئافغانىستاندىكى ئارىلىشىش ھەرىكىتىنىڭ ئاياغلاشقانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئافغانىستان نۆۋەتتىكى مالىمانچىلىقتىن قۇتۇلۇپ چىقىش ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا مىللىي ياراشتۇرۇش سۆزلىشىشىنى بالدۇرراق قانات يايدۇرۇشى ھەمدە ھۆكۈمەت بىلەن تالىباننىڭ تىنچىلىق سۆھبىتىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
ئافغانىستان ئۇرۇشى 2001-يىلى باشلانغاندىن بۇيان، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ 3500 ئەسكىرى ئافغانىستاندا قازا قىلدى، بىر تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق مەبلەغ چىقىم قىلدى. ئافغانىستان ئۇرۇشى بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن ۋاقىت سەرپ قىلغان چەتئەلدە ئۇرۇش قىلىش ھەرىكىتىگە ئايلاندى.
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بۇ قېتىم ئافانىستاندىن قىسىم چېكىندۈرگەندە ھەممە ھەربى خادىمىنى چېكىندۈرمىدى. ئىككى تەرەپنىڭ كېلىشىمىگە ئاساسەن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قىسمى 2014-يىلىدىن كېيىن ئافغانىستاندا بەلگىلىك كۆلەمدە ئەسكىرىنى ساقلاپ قالىدۇ. سانى تەخمىنەن 12 مىڭغا يېتىشى مۈمكىن، بۇنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن 10 مىڭ 800 ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئەسكىرى بار.
كېلىشىمگە ئاساسەن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھەربى خادىملىرى ئافغانىستانىڭ ئۆز قىسمىنى مەشقلەندۈرۈش ۋە ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىشقا تېخىمۇ كۆپ قاتنىشىدۇ، كونكىرت ئۇرۇش قىلىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلمايدۇ. بىراق، نەچچە ھەپتە ئىلگىرى تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئامېرىكا قىسىملىرىغا 2015-يىللىق ئۇرۇش قىلىش ھوقۇقى بەرگەن، زۆرۈر تېپىلغاندا ئۇلار تالىباننىڭ قۇراللىق خادىملىرىغا زەبە بېرىدۇ، بۇ ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق ۋاستىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئوباما ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئىراقتىن چېكىنىشى ئەسەبى تەشكىلات ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇرۇپ، داۋاملىق ئافغانىستاندا قىسىم تۇرغۇزۇشنى ھەمدە ئافغانىستاننىڭ نۆۋەتتىكى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىگە ئاساسەن، تۇرۇشلۇق ئەسكەرنىڭ سانىنى ئەسلىدىكى 9800 دىن تەخمىنەن 10 مىڭ 800 گە كۆپەيتىشنى قارار قىلدى.
ئوباما ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىچىدە ئافغانىستان ئۇرۇشىنى توختىتىش ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىش ئۈچۈن 2016-يىلغىچە ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ سانىنى «ئەلچىخانىنى قوغداش سەۋىيەسگە» يەتكۈزۈشكىچە تۆۋەنلىتىدۇ. تەھلىلچى ئەربابلار مۇنداق دەپ قارىدى: ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، 2014-يىلىدىن كېيىن ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئافغانىستاندا كونكىرت ئۇرۇش قىلىش ۋەزىپىسىگە قاتنىشش ئىرادىسى يەنىمۇ تۆۋەنلەيدۇ، ئىقتىساد ۋە تېخنىكا ۋاستىسى ئارقىلىق ئافغانىستاننى قوللاشقا تېخىمۇ يۈزلىنىدۇ.
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئافغانىستاندا مۇداپئەنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەندىن كېيىن، ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىك قىسمى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى كونترول قىلالامدۇ يوق؟ بۇ بىر چوڭ گۇمان. 2014-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، پايتەخت كابۇل قاتارلىق شەھەرلەر تالىبان قاتارلىق قۇراللىق كۈچلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ئىنتايىن ئاجىزلاشتى.
ئافغانىستاندا چىقىدىغان «ئەتىلىك خەۋەرلەر گېزىتىدە» 13 يىللىق ئۇرۇش ئافغانىستاننىڭ تېررورلۇق كۈچىنى يوقىتالمىدى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قىسىمىنىڭ قىسمەن ئەسكەر چېكىندۈرۈلۈشى تالىباننى تېخىمۇ قۇترىتىۋەتتى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندا بەلگىلىك ساندا تۇرۇشلۇق ئارمىيەنى ساقلاپ قېلىشى تالىباننىڭ داۋاملىق ھۇجۇم قوزغىشى ۋە تىنچىلىق سۆھبىتىنى رەت قىلىشىنىڭ باناسىغا ئايلاندى.
ئافغانىستاننىڭ سابىق زۇڭتۇڭى كارزايى ئىلگىرى مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن ئىدى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئارمىيەسىنى چېكىندۈرگەندىن كېيىن، ئافغانىستان ئون يىللىق بۇرۇلۇش مەزگىلىنى باشتىن كەچۈرىدۇ، 2014-يىلى 10-ئايدا تۇنجى قېتىم جۇڭگودا ئۆتكۈزۈلگەن ئافغانىستان مەسىلىسى بويىچە ئىستانبۇل مۇساپىسىغا قاتناشقان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارمۇ بۇ نۇقتىنەزەرنى تەكىتلىگەن ھەمدە بۇنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
تەھلىلچى ئەربابلار مۇنداق دەپ ھىسابلىدى: 2001-يىلى باشلانغان قايتا قۇرۇش مەزگىلىگە ئوخشاش «ئون يىللىق بۇرۇلۇش مەزگىلى»نى ئوخشاش بولمىغان باسقۇچقا ئايرىشقا بولىدۇ. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، 2016-يىلى، 2014-يىلىدىن كېيىن ئافغانىستان ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى كېيىنكى بىر ئاچقۇچلۇق نۇقتىغا ئايلىنىشى مۈمكىن.
ئىچكى سىياسەت جەھەتتە، بۇ يىلقى زۇڭتۇڭ سايلىمى مەزگىلىدە ئافغانىستاننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھەر قايسى تەرەپلەر ھاسىل قىلغان كېلىشىمگە ئاساسەن، 2016-يىلى ئافغانىستان خەلق قۇرۇلتىيى ئېچىپ ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزىدۇ، «باش ئىجرائىيە ئەمەلدارىنىڭ» دەرىجىسىنى زۇڭلى دەرىجىسىگە ئۆستۈرىدۇ.
بۇ 2016-يىلىدىن بۇرۇن، ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭتۇڭ بىلەن «زۇڭلى» نىڭ ھوقۇق چېكىنى ئايرىش مەسىلىسى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ ئۆتكەن 10 يىلدا ئافغانىستاندا زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈمى يولغا قويۇلغان مەزگىلدە كۆرۈلۈپ باقمىغان تېما.
بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىگە يەنە ئىككى يىل ۋاقىت قالدى، ئۇ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق قىسىمنى يەنىمۇ ئازايتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ مەزگىلدە ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىدە قانداق ئۆزگىرىش بولىدۇ؟ ئامېرىكا ئافغانىستان مۇناسىۋىتى قانداق ئۆزگىرەيدۇ؟ رايون ھەتتا خەلقئارا ۋەزىيەتكە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟
خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە، ئافغانىستان تالىبانلىرىنىڭ ئىچكى مۇناسىۋىتى يەنىمۇ مۇرەككەپلەشكەنلىكتىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئافغانىستاننىڭ ئىچكى قىسمدىكى زىددىيەتلەرنى ياراشتۇرۇشى كۆرىنەرلىك قېيىنلاشقان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved