بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن يېقىندىلا ئاياغلاشقان فۇجۇ ياشلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغىچە، مەشئەل مۇنارى كەڭ ئاممىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كەلمەكتە. 28- دېكابىر مۇخبىر ئۈرۈمچى ناھىيەسى سۇلۇق ساي بازىرىدىكى شىنجاڭ مۇز ئۈستى تەنتەربىيە مەركىزىگە كېلىپ، 40 مېتىر ئېگىزلىكتىكى مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەشئەل مۇنارىنىڭ پۈتۈپ، نۆۋەتتە ئەڭ ئاخىرقى سىر پۈركۈش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىنى كۆردى.
بوشلۇقتىن شىنجاڭ مۇز ئۈستى تەنتەربىيە مەركىزىگە نەزەر سالغىنىمىزدا، بۇ خۇددى ئېچىلغان «قار لەيلىسى» گە ئوخشايتتى.ئۇنىڭ ئالتۇن سېرىق رەڭلىك «گۈل بەرگى» بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئەل مۇنارى بولۇپ، نۆۋەتتە ئەڭ ئاخىرقى قۇرۇلۇش باسقۇچىغا قەدەم قويدى.
مەشئەل مۇنارىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى پولات قۇرۇلمىلىق بولۇپ، تەكشىلىكتە يۇمىلاق كۆرۈنىدۇ، ئاستىدىن ئۈستىگە دىيامېتىرى ئاستا-ئاستا ئۆزگىرىپ بارىدۇ، ئاستىنىڭ دىيامېتىرى 10 مېتىر، ئوتتۇرىسىنىڭ ئەڭ تار قىسمى ئۈچ مېتىر، چوققىسىنىڭ دىيامېتىرى بەش مېتىر بولۇپ، ئېگىزلىكى 40 مېتىر كېلىدۇ.
ئالتاي ۋىلايىتىدىن كەلگەن ساياھەتچى جاڭ رۈي مۇنداق دېدى: قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، سىرتقى كۆرۈنۈشى چىرايلىق بوپتۇ. ئالتۇن رەڭ بىلەن ئاق رەڭ ئۆز ئارا بىرلەشكەن مەشئەل مۇنارىدا قويۇق شىنجاڭچە ئالاھىدىلىك نامايەن بوپتۇ.مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلى ياندۇرۇلغان شۇ دەقىقىلەرنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىمەن.
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 8-ئاۋغۇست مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلىنى توپلاش ۋە مەشئەل يەتكۈزۈش مۇراسىمىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلۈشى بىلەن، قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلىنى توردا يەتكۈزۈش سەپىرى باشلانغان. بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنى تېجەشلىك ئۆتكۈزۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلىنى يەتكۈزۈش خىزمىتىدە ئىلگىرىكى ئەنئەنىلەردە بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، « توردا يەتكۈزۈش ئاساس » قىلىنغان يېڭىلىق يارىتىش ئەندىزىسى قوللىنىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئادەم بۇ كاتتا مەرىكىگە قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىنىپ، مەشئەل يەتكۈزگۈچى بولۇش ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان.
مۇشۇ ئاينىڭ 9-كۈنى، مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلى شىنجاڭغا قايتىپ كەلدى، يېقىنقى تۆت ئايدا مەشئەل خاربىن، بېيجىڭ، نەنجىڭ، گۇاڭجۇ ۋە شياڭگاڭ ، ئاۋمېن رايونىدىكى 33 شەھەرنى بېسىپ ئۆتۈپ، شىنجاڭغا قايتىپ كەلگۈچە مەملىكەت بويىچە جەمئىي 5 مىليون 300 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم مەشئەل يەتكۈزۈشكە قاتناشتى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved