2015-يىللىق دۇنيا ئەيدىز كۈنىدە «قىزىل لېنتىنى ئالىي مەكتەپلەرگە ئېلىپ كىرەيلى!» دېگەن تېمىدىكى پائالىيەت تۈنۈگۈن جۇڭگو ياشلار سىياسىي ئىنستىتۇتىدا ئېلىپ بېرىلدى، بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى بېيجىڭ قىزىل لېنتا ئائىلىسى ئۇيۇشتۇرغان. جۇڭگو مېدىتسىنا پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ پىروفېسسورى، بېيجىڭ قىزىل لېنتا ئائىلىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ جيەن تۆۋەندىكى بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى، ئېلىمىزدە ئەيدىز كېسىلىنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتى مىڭدە ئالتە پىرسەنتكە يەتتى. بۇ يىل يېڭىدىن يۇقۇملانغان ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرىنىڭ % 94.3 جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇملانغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە %24 ئەتراپىدىكى بىمار ئوخشاش جىنسلىقلار مۇناسىۋىتىدىن يۇقۇملانغان، بۇلتۇر ئوغۇل-قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتى 9:1 بولۇپ، بۇ يىل بۇ نىسبەت 11:1 بولغان.
ب د ت ئەيدىز كېسىلى پىلان مەھكىمىسىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئورنىنىڭ ۋەكىلى سوۋكۋېت مۇنۇلارنى بىلدۈردى، ھازىر دۇنيادا 15 مىليوندىن ئارتۇق ئەيدىز كېسىلى بىمارى ياردەمگە ئېرىشىشى، 2000-يىلدىن بۇيان ئەيدىز كېسىلى پەيدا قىلغان ئۆلۈش نىسبىتى %42 تۆۋەنلىگەن، يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلار نىسبىتى %35 ئازايغان.
پائالىيەت نەق مەيدانىدا پايتەخت ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ «كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش، ياشلىق باھارىىنى قەدىرلەش» مۇراجەتنامىسى ئېلان قىلىندى. كەڭ ياشلارنىڭ ئىشنى ئۆزىدىن باشلاپ، مۇداپىئە ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، ياشلىق باھارىنى تەقدىم قىلىپ، باشقىلارغا كۆيۈنۈپ، خاتا چۈشەنچە ۋە كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇشى مۇراجىئەت قىلىندى.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved