1-ئاينىڭ 27-كۈنى، شاڭخەي خۇڭچىياۋ ئايرودرومىدا شەرق ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئىككى يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ قانىتى ئۆز ئارا ئۇرۇلۇپ كەتكەن بولۇپ، ۋەقەدە ئىككىلا ئايروپىلاننىڭ قانىتى زىيانغا ئۇچرىغان، بەختكە يارىشا، بۇ ۋەقەدە ئۆلۈپ-يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن. شۇ كۈنى چۈش سائەت 12 دىن ئاشقاندا، شەرق ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ شىئەندىن شاڭخەيگە ئۇچقان MU2153 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانى يەرگە قونۇۋاتقاندا ئايروپىلاننىڭ ئوڭ قانىتى مەزكۇر ئايرودرومنىڭ ئايروپىلان توختىتىش سۇپىسىغا توختىتىپ قويۇلغان باشقا بىر ئايروپىلاننىڭ سول قانىتىغا سوقۇلۇپ كەتكەن. سائەت 12 دىن 40 مىنۇتلار ئۆتكەندە، بۇ نۆۋەتچى ئايروپىلاندىكى يولۇچىلارنىڭ ھەممىسى بىخەتەر ھالدا تارقاقلاشتۇرۇلغان.
شىنمىڭ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مۇخبىرنىڭ MU2153 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلاندا ئولتۇرغان بىر نەپەر يولۇچىدىن ئەھۋال ئىگەللىشىچە، ئەينى چاغدا بۇ يولۇچى < ماشىنىلار يولدىكى سۈرئەت ئاستىلىتىش بەلبېغىدىن ئۆتكەندىكىگە ئوخشاش> ئازراق سىلكىنىشنى ھېس قىلغان بولۇپ، كېيىن ئايروپىلان قانىتىنىڭ باشقا ئايروپىلانغا تېگىپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان. بۇ ئىككى يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ تىپى ئايرىم ئايرىم ھالدا A320 ۋە A321 تىپلىق ئىكەن. نۆۋەتتە شەرق ئاۋىئاتسىيە شىركىتى يۇقارقى ئىككى يولۇچىلار ئايروپىلانىدىكى يولۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى ئايروپىلاندىن چۈشۈرۈۋەتكەن بولۇپ، ئايرودرومدىكى ئايروپىلانلارنىڭ قونۇش ۋە ئۇچۇشى تەسىرگە ئۇچرىمىغان.
![]() |
يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا تۆۋەندىكىدەك بەش خىل قىلمىشنى سادىر قىلسىڭىز، بىۋاسىتە 12 نومۇر تارتىلىدۇ.
1. باشلاش سىزىقىدا ماشىنا توختىتىش
باشلاش سىزىقى ئۈستىدىن ئاپتوموبىلنى ھ...
|
![]() |
ئەنخۇي فۇياڭدىن شاڭخەيگە قاراپ يولغا چىققان نۆۋەتچى پويىزدا، بىر يولۇچى بالىسى بىلەن ئويۇن ئويناۋاتاتتى
شۇ كۈنى مۇخبىر ئەنخۇينىڭ فۇياڭ ناھىيەسىدىن شاڭخەيگە قاراپ يولغا چىققان ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved