HTC نىڭ CEO سى ئالماشتى
21-03-2015
0
456
يازغۇچى: تەكلىماكان
مەنبە: جاھان ئاگېنتلىقى
thumb

جاھان ئاگېنتلىقى 20-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئەقلىي يانفۇن ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەت HTC دە شىركەتنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان CEO «ئىجرائىيە باش ئەمەلدارى» Peter Chou ۋەزىپىسىدىن ئايرىلدى، CEO ئورنىغا شىركەتنىڭ يەنە بىر قۇرغۇچىسى Cher Wang ئولتۇردى.
يېقىنقى يىللاردا ئىشلەپچىقارغان يېڭى يانفۇن مودىللىرى بىلەن دىققەتنى تارتىدىغان ماركىغا ئايلانغان تەيۋەننىڭ مەھسۇلاتى بولغان HTC شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى بولغان شىركەتنىڭ CEO سى Peter Chou ۋەزىپىسىدىن ئايرىلدى، ئۇنىڭ ئورنىغا شىركەتنىڭ يەنە بىر قۇرغۇچىسى Cher Wang كەلدى.
HTC يېقىندا يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئەقلىي يانفۇن مودىلى بولغان HTC One نىڭ M9 نۇسخىسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ نۇسخا 3 يىلدىن بېرى ئوخشاش شەكىل ۋە ئوخشاش لايىھە بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغانلىقى سەۋەبلىك ئەيىبلەشكە ئۇچرىغان ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا بۇ نۇسخىنىڭ بازاردا سېتىلىشىنىڭ ياخشى بولمسالىقىمۇ يەنە ئەيىبلەشكە سەۋەب بولغان.
سابق CEO سى Peter Chou باشقۇرۇش ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغان بولسىمۇ شىركەتنىڭ يېڭى مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشقا مەسئۇل بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ. سابىق CEO نىڭ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش خىزمىتىگە مەركەزلىشىشى شىركەتنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن مۇھىم بىر قەدەم دەپ قارالماقتا.
HTC شىركىتى 1997-يىلىدا Peter Chou, Cher Wang . H.T. Cho تەرىپىدىن قۇرۇلغان. يېقىنقى يىللاردا ئىشلەپچىقارغان (Android)ئاندروئىد سېستىمىلىق ئەقلىي يانفۇنلىرى بىلەن داڭلىق ماركىغا ئايلانغان ۋە بىر مەزگىل(ۋىندوۋس) Windows سېستىمىلق يانفۇن ئىشلەپچىقارغان. شىركەت بىر قانچە ئاي ئىلگىرى «Re» ناملىق كامىرانى تۇنۇشتۇرغان ئىدى.


 


21-03-2015
0
456
يازغۇچى: تەكلىماكان
مەنبە: جاھان ئاگېنتلىقى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-05-2015
0
351
thumb
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار ، ئانا تىلىمىزدىكى يانفۇن ئەپ دېتاللىرىنىڭ كۈندىن كۈنگە كۆپىيىپ تەرەققى قىلىۋاتقان مەزگىلدە ، بىزنىڭ ئانا تىلىدىكى ئەپلەر جەمگاھى بولغان ئەپدان ئەپ بازىرىمىزنىڭ رەسىمىي نۇسخىسى ئېلان قىلىندى. بۇ ئەپ بازىمرىمىز...
27-05-2015
0
67
thumb
ئەنگلىيە ‹‹ كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ 22-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، كالىفورنىيەلىك ئەر كاتالىن ئالىكساندىرو يېقىندا كانادا كۋېبېك ئۆلكىسىدىكى بىر كۆلنىڭ ئۈستىدە لەيلەپ تۇرىدىغان سىيرىلما تاختا بىلەن تەخمىنەن ...
23-05-2015
3
292
thumb
بۇ جانۋارنى مەن ياقتۇردۇم، بەزىبىر ئىشلارنى قولايلاشتۇرغۇدەك.  لەگلەك تورى يوللانمىسى
23-05-2015
0
356
thumb
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 23-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:نۆۋەتتە جەڭگاھلاردا ئۇچۇۋاتقان ھەم رازۋېدكا قىلالايدىغان ھەم ئۇرۇش قىلالايدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندىن تارتىپ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا كىرگەن ئىستىمال دەرىجىلىك ئاسماندىن سۆرەتكە ئالىدىغان ئۇچق...
21-05-2015
0
275
thumb
ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 18-ماي ئامېرىكىدىكى بىر سوت مەھكىمىسى سامسۇڭ شىركىتى ئالما شىركىتىنىڭ لايىھە ۋە ئىشلىتىش پاتېنىتىغا چېقىلغانلىقى ئۈچۈن ئالما شىركىتىگە 382 مىليون ئامېرىكا دوللىرى تۆلەم تۆلەيدىغانلىقى...
20-05-2015
0
248
thumb
لەگلەك تورى تەرجىمىسى: پايدىلىنىش خەۋەرلىرى تورىنىڭ 19 - ماي خەۋرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىدىكى بىر رەقەملىك ۋاسىتىلىرىنى تارقىتىش ۋە رەقەملىك ۋاسىتىلىرىنىڭ كېلەچەكشۇناسلىق تاكتىكا مەسلىھەتچىلىك گۇرۇھى قۇرغۇچىسىنىڭ مۆلچەرلىشىگە قارىغاندا، سەكك...
20-05-2015
0
127
thumb
يەر شارى خەۋەر تورى 19-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىىسى: ئالما مەھسۇلاتلىرى ساتىدىغان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دۇككان دۇبەيدە ئېچىلىدۇ. بۇ دۇككان تەخمىنەن 4600 كۋادىرات مېتىر چوڭلۇقتا بولماقچى. ئالما مەھسۇلاتلىرىنىڭ دۇنيانىڭ ھەممە رايۇنلىرىدا مە...
19-05-2015
0
230
thumb
يەر شارى خەۋەر تورى 18-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما شەخسى تىۋىتتېر ھىساباتىدا تۇنجى قېتىم ئۇچۇر يازدى. ئوباما تۇنجى ئۇچۇرىدا «مەرھابا، تىۋىتتېر! مەن ھەقىقەتەن باراك، 6 يىلدىن كېيىن ئاخىرى ماڭا شە...
14-05-2015
0
173
thumb
يەر شارى خەۋەر تورى 14-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكىنىڭ داڭلىق تېلېفون-تېلېگراف ئالاقىسى شىركىتى Verizon، سىفىرلىق نەشىرياتچىلىق شىركىتى AOL نى 4.4 مىليارد دوللار سېتىۋالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. سېتىۋېلىش نەخ پۇل ئارقىلىق بول...
12-05-2015
0
192
thumb
يەر شارى خەۋەر تورى 12-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئايفۇن يانفونى جۇڭگو بازىرىدا ئەڭ چوڭ رەقىبى شىياۋمىنى بېسىپ چۈشۈپ ئەقلىي يانفۇن بازىرىدا سېتلىش نىسبىتى بىرىنجى ئورۇندا چىقتى. جۇڭگودا يانفۇن رىقابىتى ئىنتايىن كەسكىن بولۇپ، جۇڭگو ي...
Powered by Leglek