كانادادا بىر تۈپ دەرەخمۇ كەم بولسا بولمايدۇ


كانادادا قىزىل، ئاق ۋە يېشىلدىن ئىبارەت ئۈچ خىل رەڭ كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ. قىزىل رەڭ كانادا دۆلەت بايرىقىدىكى ئېرەن يوپۇرمىقىنىڭ رەڭگى بولۇپ، كۈز كۈنلىرى تاغ – دالالار قىزىل رەڭدە بوياپ قويغاندەك كۆرۈنىدۇ. بىراق قىش پەسلىدە كانادادا قار ياغمايدىغان كۈن بولمايدۇ. ھاۋارايى مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، بۇلتۇر قىشتا شەرقىي قىسىم رايونلاردا 70 قېتىمدىن كۆپرەك قار ياغقان.


كانادانىڭ يېشىللىقى بىر جەھەتتىن ئەۋزەل شارائىتتىن، يەنە بىر جەھەتتىن كىشىلەرنىڭ ئورمانلارنى كۆڭۈل قويۇپ ئاسرىشى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئۈنۈملۈك باشقۇرۇشىدىن كەلگەن. كانادا ئورمانچىلىق ئىدارىسى ئېلان قىلغان ماتېرىيالغا ئاساسلانغاندا، كانادادىكى 9 مىليون 90 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان قۇرۇقلۇق كۆلىمى ئىچىدە شىمالىي تەرىپىدىكى ئورمانلىقنىڭ كۆلىمى 5 مىليون 700 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، قۇرۇقلۇق كۆلىمىنىڭ %60 ىنى ئىگىلەيدۇ. كانادا كىشىلەرنىڭ ئېكولوگىيەگە ئەھمىيەت بېرىشى، ھۆكۈمەتنىڭ ئورمانلارنى كېسىشىنى قاتتىق باشقۇرۇشىغا تايىنىپ مۇشۇنداق زور ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى ساقلاپ قالغان. كانادا گەرچە ياغاچ ماتېرىيال ۋە قەغەز بوتقىسى ئېكسپورت قىلىدىغان چوڭ دۆلەت بولسىمۇ، بىراق كانادانىڭ شىمالىدىكى ئورمانلىقنىڭ كېسىلىش نىسبىتى ئاران %0.2 كېلىدىكەن. ئورمانلارنى كەسكەندىن كېيىن قايتا تىكىش نىسبىتى% 100 كە يېتىدىكەن، بىر تۈپ دەرەخ كېسىلگەندىن كېيىن بىر تۈپ دەرەخ تىكىلىدىكەن.


كانادادا دەرەخلەرنى كېسىش قانۇنغا خىلاپ بولۇپلا قالماي، دەل – دەرەخلەرگە زىيان سالغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. يەنى دەرەخنىڭ ئەتراپىغا ئەخلەت ياكى زىيانلىق كېرەكسىز سۇيۇقلۇقنى تۆكۈشكە بولمايدۇ، قۇرۇلۇش قىلىنغاندا، دەل – دەرەخلەردىن مەلۇم ئارىلىق ساقلىنىدۇ، قۇرۇلۇش ئاپتوموبىللىرى دەرەخنىڭ يىلتىزىدىكى تۇپراقنى بېسىۋەتكەندە، دەرەخلەرنىڭ ساغلام ئۈسۈپ يېتىلىشىگە پايدىسىز، دېگەندەك قانۇن بەلگىلىمىلەر بار.


ئاممىنىڭ دەل – دەرەخلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ئاسرىشى، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىشى ۋە ئۇزۇن مۇددەت تەۋرەنمەي داۋاملاشتۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن، كانادانىڭ شەھەر، يېزىلىرى كۆز يەتكۈسىز يېشىللىق بىلەن قاپلانغان.



خەتكۈچلەر:
27-12-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-05-2016
2016-يىلى 9-ماي، چۇڭچىڭ شاڭچىڭسىدىكى ئەڭ گۈزەل كىتابخانىدا كىشىلەر كىتاب كۆرمەكتە. كىتابخانا ياۋروپا ئۇسلۇبىدا بولۇپ، گۈزەل، تىنچ مۇھىت كىتاب يازىدىغانلار ۋە كىتاب ئوقۇيدىغانلارنى بىر يەرگە جەم قىلغانىدى، بۇ يەرد...
11-05-2016
    «بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 7 مىليون 650 مىڭ بولۇپ تارىختا يېڭى رېكورت ياراتقان. بۇنىڭغا ئوتتۇرا، كەسپىي تېخنىكومنى پۈتتۈرگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى قوشقاندا بۇ ئىككى تۈردىكى يېڭىدىن ئىشقا ئ...
10-05-2016
    چەرچەن ناھىيەسى يېقىندا ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 463 تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى ئائىلە ئەھۋالىغا ئاساسەن دەرىجىگە ئايرىپ، ئۇلارغا 442 مىڭ يۈەن دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى تاقىتىپ بەردى.     ئىگىلىنى...
10-05-2016
    «كىتابخانا تورى www.kitabhana.com» بىلكان شىركىتى ۋە بىر قانچە كىتابخانىلارنىڭ ھەمكارلىقىدا يولغا قويۇلغان تۈر بولۇپ دىيارىمىزدىكى ھەرقايسى نەشرىياتنىڭ قانۇنلۇق نەشر قىلغان ئەڭ يېڭى، بازارلىق، رەسمىي نەشرىدىكى مەتبۇئاتل...
10-05-2016
    مۇخبىرىمىز ئاينۇر سەيدىنھاجى خەۋەر قىلىدۇ: ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئون ئالىي مەكتەپ مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا ئۆرلەپ ئوقۇيدىغانلاردىن ...
10-05-2016
    بېشىغا بىخەتەرلىك قالپىقى كەيگەن، بىخەتەرلىك ئارغامچىسى باغلىۋالغان 12 دەرەخكە يامىشىش مەشقاۋۇلى باش مەشقاۋۇلنىڭ يېتەكچىلىكىدە، سۇجۇ شەھىرى پەنمىندىكى پۇراقلىق كامفورا دەرىخى ئورمانلىقىدا بىر قەدەم بىر قەدەمدىن د...
09-05-2016
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جىنەن شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى قاتارلىق ئالتە تارماق يېقىندا «ياشلار-ئۆسمۈرلەر مەكتەپ پۇتبولىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىش خىزمىتىنى يولغا قويۇش ھەققىدىكى پىكىر» نى ئېل...
08-05-2016
     شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كەلگۈسى بەش يىلدا داۋاملىق مەخسۇس مەبلەغ سېلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە يېزا رايونلىرىنى مۇھىم نۇقتا قىلغان ئاساستا، ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە يەسلى قوش تىل مائارىپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ...
07-05-2016
5-ئاينىڭ 5–كۈنى شاۋياڭ شەھىرى دوڭكۇ ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق 1-يىللىقنىڭ بىر ئوقۇغۇچىسى  شىمالىي مەكتەپ رايونى جەنۇبىي ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ 6-قەۋىتىدىن سەكرەپ ئۆلۈپ كەتتى.  5-ئاينىڭ 5–كۈنى چۈشتە تولۇق 1-يىللىقنىڭ ئوق...
06-05-2016
    2015-يىلى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئىشقا ئورۇنلىشىش نىبسىتى يۇقىرى 10 كەسىپ ئىچىدە مالىيە باشقۇرۇش ۋە كومپيۇتېر ئىلمى تېخنىكىسى كەسپىدە ئوقۇغانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ن...
Powered by Leglek