يەر شارى خەۋەر تورى 19-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىىسى: ئالما مەھسۇلاتلىرى ساتىدىغان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دۇككان دۇبەيدە ئېچىلىدۇ. بۇ دۇككان تەخمىنەن 4600 كۋادىرات مېتىر چوڭلۇقتا بولماقچى. ئالما مەھسۇلاتلىرىنىڭ دۇنيانىڭ ھەممە رايۇنلىرىدا مەخسۇس سېتىش دۇككانلىرى بار بولۇپ، ئەڭ چوڭ دۇككان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دۇبەي شەھىرىدە ئېچىلىشقا تەييارلاندى. «قولتۇق ۋاقىت» ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئالما مەخسۇس سېتىش ماگزىنى دۇبەيدە ئالدىمىزدىكى ئايلاردا ئېچىلىدىكەن. ماگزىن تەخمىنەن 4600 كىۋادىرات مېتىر چوڭلۇقتا بولۇپ بۇ يىل ئاۋغۇست ئېيىدا ئىش باشلىشى مۆلچەرلەنمەكتە. بۇ ماگرىن دۇبەيدىكى «Emirates» سودا مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ بۇ دۇككان ھەققىدە تۈرلۈك قاراشلار بولماقتا. ئالما شىركىتى يېقىنقى يىللاردا دۇككان ئىستىراتىگيەسىنى ئۆزگەرتكەن بولۇپ تۈركىيەدىن كېيىنكى تۇنجى چوڭ دۇككىنىنى دۇبەيدە ئاچماقچى. تۈركىيەدىكى ئالما مەخسۇس سېتىش دۇككىنى 2014-يىلى 5-ئاپرېلدا «Zorlu Center» سودا مەركىزىدە ئېچىلغان، ئىككىنجى ئالما مەخسۇس سېتىش دۇككىنى 2014-يىلى 22-ئۆكتەبىردە ئاكسايا سودا مەركزىىگە ئېچىلغان ئىدى. ئالما سودا-ئالاقە كەسپىنى 2011-يىلى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە ئىشقا كىرىشتۈرگەن ئىدى، ئەمما دۆلەتتە ئالما مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىشى رەقىبى سامسۇڭنىڭ كەينىدە قالغان ئىدى. يېڭىدىن ئېچىلماقچى بولغان دۇككاننىڭ ئالما مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى پىلانلانماقتا.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved