ئىران: دۇنياغا يېڭى بىر سەھىپە ئاچىمىز! دېدى

يەر شارى خەۋەر تورى 3-ئاپرېل تېلىگراممىسى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئىران پرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى، يادرو سۆھبىتى كېلىشىمىدىن كېيىن دۆلىتىنىڭ دۇنيادا ئوبرازىنى ئۆزگەرتىپ، يېڭى بىر سەھىپە ئاچىدىغانلىقىنى ئېيتتى. رۇھانى، كېلىشىم ئىجرا قىلىنىىشى ئۈچۈن «ھەر قايسى تەرەپلەر سۆزىدە تۇرسا بىزمۇ سۆزىمىزدە تۇرىمىز» دېدى.
ئىران پرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى، يادرو مۇزاكىرىلىرىدە ئىران بىلەن غەرب ئەللىرى ئارىسىدا رامكا كېلىشىمى ھاسىل بولغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم سۆز قىلدى، ئۇ؛ ھاسىل بولغان كېلىشىمنىڭ دۆلىتىنىڭ ئۇران قۇيۇلدۇرۇش ھۇقۇقىنى قوغدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، «بۈگۈن چوڭ كۈچلەر ئىراننىڭ ئۆز زېمىنىدا نورمال ئېھتىياج مەقسىتىدىكى يادرو ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىۋاتىدۇ. بۇ كېلىشىم رامكىسىدا ئىراننىڭ ئۇران قۇيۇلدۇرۇشى ھەر قانداق بىر دۆلەتكە زىيان يەتكۈزمەيدۇ، دۇنيا چوڭ كۈچلىرى بۇنى چۈشەندى» دېدى.
رۇھانى، يادرو پروگراممىسى ئۈستىدىن غەربنىڭ ئىرانغا يۈرگۈزگەن جازالىشىنى ئەيىبلەپ، «غەرب بىزگە يۈرگۈزگەن جازالاشنىڭ كار قىلمىغانلىقىنى چۈشەندى، بىزنى بۇ بېسىم ۋە جازالاش بىلەن توختىتالمايدىغانلىقىنى بىلدى، ئەمما بىزمۇ جازالاشنىڭ رولى بولمايدىغانلىقىنى پەقەت سۆھبەت ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدۇق، بۇ كېلىشىمنىڭ ئەمەلىيلىشىشنىڭ ئاساسى بۇ» دەپ سۆز قىلدى.
رۇھانى ھاسىل بولغان كېلىشىمدىن كېيىن دۆلىتىنىڭ دۇنيادىكى ئوبرازىنىڭ ئۆزگرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ،« بۇ كېلىشىم بىلەن بىرلىكتە ئىرانغا يۈرگۈزۈلگەن جازالار بىكار قىلىنىدۇ، ئىراننىڭ دۇنيادا ئوبرازى ئۆزگىرىدۇ، دۇنيا بىلەن يېڭى بىر سەھىپە ئاچىمىز، دۇنيا چوڭ كۈچلىرى بىلەن تېخىمۇ ياخشى ھەمكارلىق ئورنىتىمىز» دېدى. ئۇ يەنە، ئىراننىڭ بارلىق دۆلەتلەر بىلەن تېخىمۇ ياخشى مۇناسىۋەت ۋە تېخىمۇ ياخشى ھەمكارلىق ئورنىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتتى.
رۇھانى يەنە؛ رايۇندىكى مۇقىمسىزلىقنىڭ سەۋەبىنىڭ دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ھەمكاررلىق يىتەرسىزلىكى ئىكەنلىكنى تەكىتلەپ، «بىز رايۇندا بارلىق دۆلەتلەر بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالايمىز، تۇقۇنۇشلارنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى خالايمىز، بۇ بىرلىشىش ۋە ھەمكارلىق بولمىسا مۇقىملىق بولمايدۇ. بۇ كېلىشىمدىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى بىر مۇناسىۋەت ئورنىتىمىز» دېدى.
رۇھانى، يادرو مۇزاكىرىسىنىڭ بارلىق باسقۇچلىرىدا ئىران ئىسلام ئىنقلابىنىڭ رەھبىرى ئايەتۇللاھ ئەلى ھامىنينىڭ تەلىماتلىرىغا رىئايە قىلغانلىقىنى ئېيتىپ، «بىزنىڭ يولىمىز توغرا بىر يول، ئىران خەلقى بارلىق بېسىملارغا قارىتا يالتايمىدى، يولىنى داۋاملاشتۇردى. مۇزاكىرىدە يولىمىزنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى پۈتۈن دۇنياغا كۆرسەتتۇق. بىز مۇزاكىرىنىڭ بارلىق باسقۇچىلرىىدا ئىران ئىسلام ئىنقىلابى رەھبىرىنىڭ تەلىماتى بويىچە ئىش قىلدۇق ۋە غەلبە قىلدۇق» دېدى.



04-04-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
30-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر كوچىلارغا چىقىپ، <ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش شېرىكلىك مۇناسىۋەت كېلىشىمى> (TTIP) شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ مالىي...
28-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
28-05-2016
    رۇسىيە NTV تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، كانادا، ئامېرىكا، فرانسىيە ۋە ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى پەقەت رۇسىيە مىنسكى كېلىشىمىنى تولۇق ئىجرا قى...
28-05-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
28-05-2016
      شۇ يەر ۋاقتى 27-ماي، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتى سانتىياگو، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ترامپ سانتىياگودا سايلام يىغىلىشى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسى قولىدا تاختىلارنى كۆت...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چاۋشيەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ ئالىي قوماندانى مۇنداق دېگەن: شۇ كۈنى كورىيە ئارمىيەسى چاۋشيەننى...
28-05-2016
يەر شارى تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ۋېيتنام تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋېيتنام ھۆكۈمىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى 22 دۆلەت ۋە رايوندا تۇرۇشلۇق 80 دىن ئارتۇق ۋېيتناملىقىنى نەنشا تاقىم ئارى...
28-05-2016
ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنىتلىقىنىڭ 27-ماي ئېيتىشىچە، جەنۇبىي ئوسېتىيەنىڭ رەھبىرى تىبىلوۋ ۋە پارلامېنىت رەئىسى بىبىلوۋ 26-ماي جەنۇبىي ئوسېتىيە 2017-يىلى رۇسىيەگە قوشۇلۇشقا ئوم...
27-05-2016
     5-ئاينىڭ 26-كۈنى، گىرېتسىيە بىلەن ماكېدونىيەنىڭ چېگرىسىدىكى كىچىك كەنت ئىدومېنى. مۇساپىرلار بۇ يەردىن ئايرىلىش ئۈچۈن ئاپتوبۇسنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە. 24-مايدىن باشلاپ، گىرېتسىيە ساقچى تەرەپ، رەسمىي ھالدا گىرېتسىيە-...
Powered by Leglek