رۇسىيەنىڭ «ئىتتىپاق F G» ناملىق توشۇغۇچى راكېتاسى ئېلىپ ماڭغان «ئىتتىپاق TMA-19M» ناملىق ئالەم كېمىسى 15-دېكابىر قازاقىستان چېگرىسى ئىچىدىكى بەكنۇر قويۇپ بېرىش مەيدانىدا بوشلۇققا قويۇپ بېرىلدى، ئالەم كېمىسى شۇنىڭدىن كېيىن راكېتانىڭ ئاخىرقى بوغۇمى بىلەن ئايرىلىپ، خەلقئارا بوشلۇق پونكىتىغا قاراپ ئۇچتى. رۇسىيە ئالەم قاتنىشى مەھكىمىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ ئالەم كېمىسىدە ئۈچ نەپەر خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتىغا يېتىپ بېرىپ ۋەزىپە ئىجرا قىلىدىغان تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەزاسى بولۇپ، ئۇلار رۇسىيە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ خادىمى يۇرى مارىيەنچېنكو، ياۋروپا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ خادىمى تىموسى پىك، ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ خادىمى تىموسى كوپرا قاتارلىقلاردىن ئىبارەت، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ ئۈچ نەپەر ئالەم ئۇچقۇچىسى خەلقئارا بوشلۇق پونكىتىدا 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە خىزمەت قىلىدىكەن.
پىلان بويىچە، ئالىم كېمىسى ئالتە سائەتلەردىن كېيىن خەلقئارا بوشلۇق پونكىتىغا يېتىپ بارىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved