پۇتىن مەمۇر ئايالغا ئۆزىنىڭ ئىمزالىق رەسىمىنى سوۋغا قىلدى

       روسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن روسىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى كالۇگاغا يەنە بىر ئىمزا قويۇلغان رەسىم سوۋغا قىلغان. روسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۆتكەن يىلى يىل ئاخىرىدا كالۇگادىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى تەلەيلىك شەخس بولغاندىن كېيىن، شۇ يەردىكى بىر ئايال مەمۇرىي خادىممۇ زۇڭتۇڭنىڭ ئۆزى ئىمزا قويۇپ بەرگەن بىر پارچە رەسىمىگە ئېرىشكەن

      بۇ تەلەيلىك ئايال مەمۇرنىڭ ئىسمى يېلىنا ۋولچكوۋا بولۇپ، كالۇگادىكى بىر شەھەر ھۆكۈمىتى جەمئىيەت تەرەققىيات قانۇن بىلەن باشقۇرۇش كاپالەت ئىدارىسىدە ئىشلەيدىكەن. بۇ ئايالنىڭ بۇ زۇڭتۇڭنىڭ ئىمزالىق رەسىمگە ئېرىشىشتىكى سەۋەبى بولسا ھەر يىلى زۇڭتۇڭغا تۇغۇلغان كۈنلۈك تىلەك تىلەپ خەت يېزىپ تۇرغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئۆتكەن يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئۇ پۇتىنغا بۇرۇنقىدەكلا ئىللىق تۇغۇلغان كۈنى تەبرىك خېتى ئەۋەتكەن، يەنە ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنى قوشۇپ يوللىغان. ئۇنىڭدا يېزىلغان ئارزۇسى بولسا دەل زۇڭتۇڭنىڭ ئۆز قەلىمى بىلەن قويۇلغان ئىمزالىق رەسىمىگە ئېرىشىش ئىكەن.

     زۇڭتۇڭنىڭ سوۋغىسى كالۇگادىكى مەمۇرىي تەپتىش تەرىپىدىن يېلىناغا يەتكۈزۈلگەن. يېلىنا يەنە تېخى شەھەر باشلىقى ئۆزى سوۋغا قىلغان گۈل ۋە سوۋغىنى تاپشۇرۋالغان.

      ئۆتكەن يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرىدا، پۇتىن كالۇگادىكى بىر 13 ياشلىق ئۆسمۈرنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭغىمۇ ئۆزى ئىمزا قويغان رەسىمىنى يېڭى يىللىق سوۋغا قىلغانىدى. تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ پۇتىننىڭ تۇنجى قېتىم كالۇگادىكى بالىلارنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى ئەمەسكەن. 2012-يىلى، 11 ياشلىق بىر بالا پۇتىنغا خەت يېزىپ، ئۆز كەنتىنىڭ يولىنى ياسىتىپ بېرىشنى ئۆتۈنگەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر كومپىيۇتېرغا ئىگە بولۇش ئارزۇسى بارلىقىنى ئېيتقان. شۇنىڭغا ئوخشاشلا ئارزۇسى بىر كومپىيۇتېرغا ئېرىشىش بولغان يەنە بىر بالىمۇ 18 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىدە زۇڭتۇڭدىن كەلگەن سوۋغىنى تاپشۇرۋالغان.



خەتكۈچلەر:
25-01-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
ھەر كۈنى نۇرغۇن قىممەتلىك ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ خىزمەت ئورنىدا ئاخبارات خەۋەرلىرى ئىزدىگۈچى كىشىلەر،دائىم مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار مەڭگۈ دېمەيدىغان قايسى گەپلەر بار؟”دېگەندەك ماقالىلەرنى كۆرۈشكە ھېرىسمەن كېلىدۇ،مەن ئوز ئەمەلىيىتىم جەريانىد...
07-02-2016
         2016-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى، لىياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھىرى، تۆمۈر يول غەربىي باغچىسىدا پەيدا بولغان بىر مايمۇن شاھ «ئالتۇن گۈرزە» ئوينىتىش ۋە ئېگىز بوشلۇقتا تىك موللاق ئېتىش قاتارلىق ئەپچىل ماھارەتلىرى بى...
07-02-2016
         2016-يىللىق چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى ئەڭ ئاخىرقى ۋاقىتنى تەتۈر ھېسابلاش باسقۇچىغا كىردى، يېقىندا «مايمۇن ئاغا چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىگە چىقامدۇ ياكى چىقمامدۇ» دېگەن تېمىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇلاھىزە قىلىنىشىغا...
07-02-2016
             ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 3-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، ئەنگىلىيەلىك بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق بالىلار ئۈچۈن ھەقىقىي شاھزادە بىلەن مەلىكە رولىنى ئېلىپ، تويغا كېرەكلىك ...
06-02-2016
         شۇ يەر ۋاقتى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى، سۈرىيىنىڭ ھومىس شەھىرى (Homs) دىكى نادا مېھرى ۋە ھەسەن يۈسۈف ئىسىملىك يېڭى توي قىلغان بىر جۈپلەر ئۇرۇشنىڭ ۋەيرانچىلىقىغا ئۇچراپ خاراب قىلىۋېتىلگەن قۇرۇلۇشلارنى ئارقا كۆرۈنۈش...
06-02-2016
       يېقىندا 27 ياشلىق ئىتالىيەلىك ئەر ئارتىس رافائېل سشۇماشىېر پىسا تەجرىبە تىياتىرخانىسىدا تىياتىردىكى ئېسىلىپ ئۆلۈۋېلىش كۆرۈنۈشىنى ئورۇنلاۋاتقاندا خاتالىق يۈز بېرىپ بوغۇلۇپ ھوشىدىن كەتكەن. دوختۇرخانىغا جىددىي ئېل...
06-02-2016
جى چۈنخۇا 1961-يىلى7-ئاينىڭ 20-كۈنى جېجىياڭ ئۆلىكىسىنىڭ خاڭجۇ شەھرىدە تۇغۇلغان. ئۇ جۇڭگونىڭ داڭلىق چامباشىچى كىنو ئارتىسى. 1982-يىلى ئىشلەنگەن <شىياۋلىن ئىبادەتخانىسى> فىلىمى بىلەن كۆزىگە كۆرۈنگەن. 1993-يىلى ئىشلە...
06-02-2016
          2-ئاينىڭ 5-كۈنى، سەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرى شۇيۇەنمېن، بىلىكى يوق خەتتات-جىيا ۋېيجۈن موي قەلەمنى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بىلىكىگە باغلىۋىلىپ <مايمۇن يىلى قۇتلۇق بولسۇن!>، <يېڭى باھار كۆڭۈلدىكىدەك بولسۇن...
06-02-2016
         2-ئاينىڭ 5-كۈنى، ۋۇخەن، ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇلغان بىر ماشىنا يول بويىغا توختىتىلىپ رادىئودا ئادەم ئىزدەۋاتقان بولۇپ، ماشىنىغا ئىزدەۋاتقان كىشىنىڭ رەسىملىرى ۋە قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى چاپلانغانىدى. بۇ 20 ياشل...
06-02-2016
         ئاشۋارىيا راي باچچان بىلەن يولدىشى ئابىشېك باچچاننىڭ نىكاھ تۇرمۇشىدا كىرىزىس كۆرۈلگەنلىكى بوللىۋود ئۈچۈن سىر ئەمەس. بۇ ئاساسلىق ئاشۋارىيا بىلەن ئابىشىكنىڭ مۇھەببىتىنىڭ ئەسلىدىن مۇستەھكەم ئەمەسلىكى، تېخىم...
Powered by Leglek