شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش تارماقلىرى خەلقئارا قۇتقۇزۇش بىرلەشمە مانېۋىرى تۈنۈگۈن قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا ئوبلاستىدا ئۆتكۈزۈلدى. قازاقىستان، جۇڭگو، رۇسىيە، قىرغىزىستان، تاجىكىستاننىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش تارماقلىرى بۇ قېتىمقى بىرلەشمە مانېۋىرغا قاتناشتى.
قازاقىستان جىددىي ئەھۋاللار تارمىقىنىڭ باشلىقى بورىكو مۇنداق دېدى: بىرلەشمە مانېۋىر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش تارماقلىرىنىڭ ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەبىئىي ئاپەت قاتارلىق ئۇشتۇمتۇت ۋەقەلەر يۈز بەرگەن ئەھۋالدىكى ماسلىشىپ ئۇرۇش قىلىش جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتتى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved