يەر شارى خەۋەر تورى 17-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ISIS تەشكىلاتى ئىراقتا ئەنبار ۋىلايىتى مەركىزى رامادى شەھىرىنىڭ مۇھىم بىر قىسىمىنى كونترول قىلىۋالغان بولۇپ، ISIS تەشكىلاتى ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتى ئارقىلىق مۇسۇلنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى كېىچكتۈرۈشنى پىلانلىغان بولۇشى مۇمكىن. ئانالىزچىلار، ISIS تەشكىلاتىنىڭ «ھۇجۇم قىلىپ چېكىنىش» تاكتىكىسى بىلەن ئىراق ئەسكەرلىرىنى قورقۇتۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئىراقلىق ئانالىزچى داۋۇت ئەل سادى، « ISIS تەشكىلاتى يېقىنقى ئۈچ ئايدا تىكرىت ۋە باشقا رايۇنلاردا قولدىن بېرىپ قويغان زېمىنلاردىكى ئىنتىقامىنى ئېلىش ۋە ئىراق ئارمىيسىنىڭ مۇسۇلنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى كېچىكتۈرۈش ئۈچۈن يېڭى ئىستراتىگىيە پىلانى تۈزىۋاتىدۇ. تەشكىلات ئىراق ھۆكۈمىتى تەييارلىق قىلىۋاتقان مۇسۇلنى ئازاد قىلىش ھەرىكىتىنى لىنيەسىدىن چىقىرىشنى مەقسەت قىلىۋاتىدۇ. تەشكىلات ئۆزىنى كۈچلۈك كۆرسىتىش ئۈچۈن بەزى رايۇنلارغا ھۇجۇم قوزغاپ قويۇپ چېكىنىۋاتىدۇ، ۋە كونتروللىقىدىكى بىنالارغا تەشكىلات بايرىقىنى ئېسىۋاتىدۇ» دېدى. يەنە بىر ئانالىزچى جاسىم ھۇننان، « ISIS تەشكىلاتى ئىستىراتىگيەسىنى ئۆزگەرتتى، بۇ ئىستراتىگيەدە جۇغراپىۋى تەۋەلىككە قارىمىدى، يېقىنقى ۋاقىتلاردىكى چېكىنىشىدىن كېيىن قايتىدىن ئۆزىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن رامادىغا ھۇجۇم قىلدى، بۇ خىلدىكى ھۇجۇملار ئارقىلىق ئەڭ كۈچلۈك بولۇشنى خالايدۇ ۋە ئىراق ئەسكەرلىرى بىلەن خەلقنىڭ نەزىرىدە قورقۇنچ پەيدا قىلماقچى» دېدى.
تېرور تەشكىلاتى ISIS رامادىغا ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، ئىراق ئارمىيىسى رايۇنغا ھەربىي قۇشۇن ئەۋەتتى. ISIS تەشكىلاتى رامادىنىڭ 90% نى كونترول قىلغانلىقىنى جاكارلىدى، ئەمما ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئىبادى بۇ قاراشنى ئىنكار قىلىپ، ISIS كە قارشى غەلبىگە يېقىنلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved