جاھان ئاگېنتلىقى 19-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: مىسىرنىڭ ئاغدۇرۋېتىلگەن پرېزىدېنتى ھۆسنى مۇبارەك دەۋرىدىكى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ھەبىبى ئادىل، يولسۇزلۇق ۋە قانۇنسىز ئىقتىساد توپلاش جىنايىتى بىلەن سوتقا تارتىلغان بولۇپ، بۇ داۋادا ئاقلاندى ۋە قويۇپ بېرىلىشكە تەييارلاندى.
مۇبارەك دەۋرىنىڭ مەشھۇر ئەربابلىرىدىن بىرى بولغان ھەبىبى ئادىل سوتلانغان ئاخىرقى داۋادا ئاقلاندى. مەھكىمە، ھەبىبى ئادىلنىڭ مال-مۈلكىگە قارىتىلغان مۇسادىرە قىلىش قارارىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. ئادىلنىڭ ئادۋۇكاتى، بۇ داۋانىڭ ئادىلنىڭ سوتلانغان ئاخىرقى داۋا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئادۋۇكات، ئادىلنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئىلتىماس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مىسىردا ئىنقىلاب جەريانىدا يۈز بەرگەن نامايىشلاردا 900 نەپەر نامايىشچىنىڭ ئۆلۈمىگە ئالاقىدار ئېچىلغان داۋادا، سابق ئاغدۇرۇلغان پرېزىدېنت ھۆسنى مۇبارەك ۋە سابىق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ھەبىبى ئادىل، 2012-يىلى 2-ئىيۇندا مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.
ئەمما 2013-يىلى يانۋاردا ئاقلاش مەھكىمىسىگە سۇنۇلغان ئېتىراز قۇبۇل قىلىنغاندىن كېيىن مۇبارەك ۋە ئۇنىڭ بىر قىسىم يېقىنلىرىغا يېڭىدىن سوتلىنىش ھۇقۇقى بېرىلدى.
يېڭى بىر نۆۋەتلىك سوتتا 2014-يىلى 29-نويابىردا سوت مەھكىمىسى، 2011-يىلى خەلق ئىنقىلابىدا نامايىشچىلارنى ئۆلتۈرۈش جىنايىتى سەۋەبلىك سوتقا تارتىلغان مۇبارەك، ئىككى ئوغلى ، ھەبىبى ئادىل ۋە ئالتە نەپەر ياردەمچىسىنى گۇناھسىز دەپ ئېلان قىلغان ئىدى. مۇبارەكنىڭ ئوغۇللىرى قويۇپ بېرىلگەن ئىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved