ياپونىيەدىكى بىر توربېكەت 1-ئاينىڭ 7-كۈنى ئېلان قىلغان ماقالىسىدە مۇنۇلارنى بايان قىلغان:
نۇرغۇن دۆلەتلەر تۇيدۇرماستىن تۆتىنچى ئەۋلاد يادرو قۇرالى ياساش ئۈچۈن He-3 ماتېرىيالى ئىزدەۋاتىدۇ.بۇخىل رادىئاتسىيەسى يوق چۆكمە ماتېرىيالغا ئېرىشكۈچى دۇنيانىڭ يېڭى خوجىسىغا ئايلىنىدۇ.جۇڭگو بۇ مەيدان رىقابەتتە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى.2014-يىلى 10-ئايدا جۇڭگونىڭ ئايپەرى5-ناملىق ئاي شارى تەكشۈرگۈچىسى ئوڭۇشلۇق ھالدا ئاي شارىنى ئايلىنىپ ئۇچۇشنى ئەمەلگە ئاشۇردى.ئامېرىكا ۋە روسىيەدىن قالسىلا جۇڭگو ئۈچىنىجى بولۇپ ئاينى ئايىنىپ ئۇچقان دۆلەتكە ئايلاندى.
تەكشۈرگۈچ ئاي شارىدىن تەركىبىدە يادرو يېقىلغۇ He-3 بار بولغان توپىنى ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ ماتېرىياللار چىقارغان ئېنىرگىيە كېيىنكى ئەۋلاد يادرو قۇراللىرىنى ئىشلەپ چىقىرىشقا ئىشلىتىلىدۇ. ئايپەرى 5-نۇمۇرنىڭ ۋەزىپىسى 8 كۈن داۋاملاشتى، ئۇنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى بولسا 2017-يىلى قويۇپ بېرىلىدىغان ئايپەرى 6-نۇمۇرنىڭ قايتىش سەپىرىدە دۇچ كېلىدىغان ئاتموسفىرانى ئۆلچەش ئۇنىڭ نىشانى بولسا ئاي شارى يۈزىدىكى ئويمانلىق ، ھەتتا يەرشارىدا تۇرۇپمۇ كۆرگىلى بولىدىغان غايەت زور ئويمانلىق.
بۇ بىر بۆلەك رايوندا زور مىقداردا يادرو يېقىلغۇHe-3 ساقلانغان.ئەگەر بۇ پىلان ئىشقا ئاشسا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئالەم بوشلۇقى رىقابىتىدە جۇڭگو مۇتلەك ئۈستۈنلۈكنى ئېگىلەيدۇ.
ھىندىستان سابىق زۇڭتۇڭى ئابدۇل كالام ئىلگىرى مۇنداق دېگەنىدى:ئاي شارىدا يەرشارىدىكى بارلىق يېقىلغۇلاردىن 10ھەسسە ئارتۇق ئېنىرگىيە ھاسىل قىلالىغۇدەك يادرو يېقىلغۇسى ساقلانغان. 1 تونناHe-3 ئون مىڭ مېگاۋولت ئېلىكتىر كۈچى ھاسىل قىلالايدۇ. بۇ توكيونىڭ بىر يىل ئىشلىتىشىگە يېتىدۇ.بۇ ئېنىرگىيە ياپونىيەگە تاشلانغان ئاتوم بومبىسى ھاسىل قىلغان ئېنىرگىيەنىڭ 1350 ھەسسىسىگە تەڭ. شۇنداقلا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئىشلىتىلگەن بارلىق بومبىلارنىڭ يىغىندىسىنىڭ ئون ھەسسىسىگە تەڭ.
ئىسسىق يادرو قۇرالى يادرونىڭ بىرىكىشىدىن ئېنىرگىيە ھاسىل قىلىدۇ.ئۇ پەيدا قىلغان رادىئاتسىيىلىك زىيانلىق ماددىلار ئۆلچەملىك يادرو پارچىلىنىش رېئاكسىيە ئوچىقىنىڭ 2 ھەسسىسىگە تەڭ.
يەرشارىدىكىHe-3 يادرونىڭ يېمىرىلىشىدىن ھاسىل بولىدۇ. ئامېرىكا ۋە روسىيەدە ساقلانغىنى ۋە تەبىئىي مۇھىتتىكى ھەممىنى قوشقاندىمۇ ئاران 600 كىلوگىرام كېلىدۇ. لېكىن ئاي شارىدا بولسا يەر يۈزىدىن 6 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى جايدا زور مىقداردا
He-3 بار.شۇڭا ئۇ ھازىر ناھايىتى ئەتىۋارلىق يادرو يېقىلغۇسىغا ئايلاندى.
چۈنكى ئۇ ئۆزلۈكىدىن يېمىرىلگەندە رادىئاتسىيە ھاسىل قىلمايدۇ. ئەگەر ئۇ يادرو ئېلىكتىر ئىستانسسىغا ئىشلىتىلسە بىر مىليارد ۋات توك ئىشلەپ چىقارغۇچە ھېچقانداق رادىئاتسىيە ھاسىل قىلمايدۇ.He-3 نى ئىشلىتىپ ياسىغان يادرو بومبىسى ھاسىل قىلغان رادىئاتسىيىلىك چۆكمە ماددىلار ناھايىتى ئاز ھەتتا يوق دېيەرلىك. رادىئاتسىيىلىك چۆكمە ماددا ھاسىل قىلمايدىغان يادرو بومبىسى ئالەم بوشلۇقىدىن كېلىدىغان كىچىك مېتىئورىتلارنى پارتىلىتىۋېتىشكە ماس كېلىدۇ. ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئېدارىسىنىڭ مۆلچەرىچە، كەلگۈسىدە 1400دىن ئارتۇق كىچىك مېتىئورىت يەرشارىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدىكەن.
دېمەك قايسى دۆلەتHe-3 يادرو بومبىسىنى ياساپ چىقالىسا دۇنيانىڭ خوجىسىغا ئايلىنىدۇ.
جۇڭگونىڭ يادرو بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان ئېنىرگىيە ساھەسىدىكى تەتقىقاتى چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرلەۋاتىدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە كەڭ كۆلەملىك يادرو سىنىقىنى چەكلەش كېلىشىمى ۋە يادرو تېخنىكىسىنى تارقاتماسلىق كېلىشىمىمۇ يادرونىڭ
بىرىكىشى تەتقىقاتىنى چەكلىمەيدۇ.بۇ خىل يېقىلغۇ ئالەم كېمىسىنى زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچ بىلەن تەمىنلەيدۇ. يادرو ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئىگە بولغان ئالەم كېمىسى بىلەن 100 كۈندە مارىسقا، 200 كۈندە يۇپېتىر ياكى قۇياشقا،3 ياكى 4 يىل ئىچىدە ساتۇرىننىڭ 6-ھەمرايىغا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ. يادرو يېقىلغۇلۇق ئالەم كېمىسى ئارقىلىق يۇلتۇزلار ئارا ساياھەتنىمۇ ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ ، يەنى 100 يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە بىزگە ئەڭ يېقىن يۇلتۇزغا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ.
جۇڭگونىڭ ئايپەرى 5-نۇمۇرلۇق تەكشۈرگۈچىسىگە ئايپەرى 3-نۇمۇرنىڭ ئاساسىدا ئاي شارى يەر قاتلىمىنى تەكشۈرگۈچ ۋە تۇپراقتىكى گاز جىسىملارنى تەكشۈرگۈچ قاتارلىق يېڭى ئۈسكۈنىلەر سەپلىنىدۇ. بۇ ئۈسكۈنە كەلگۈسىدە ئاي شارى يۈزىدىن 2 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىن 2 كېلوگىرام ئاي شارىنىڭ تۇپراق ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ كېلىپHe-3 نىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسىنى ئانالىز قىلىدۇ.
ئاي شارىدىن كەلگەن He-3 ئېنىرگىيەسى بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئالەم قاتنىشى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ھېسابلىنىدۇ.
شەك-شۈبھىسىزكى بۇ يەنە بىر مەيدان ئالەم بوشلۇقى رىقابىتىنى يەنى ئەينى چاغدىكى ئافرىقىنى ئىگىلەش رىقابىتىگە ئوخشاش ئاي شارىنى تالىشىش ، بېسىۋېلىش ، ئىگىلىۋېلىش رىقابىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بەزى كىشىلەر 1967-يىلىدىكى ئالەم بوشلۇقى كېلىشىمىگە ئاساسەن <ئاي شارى ئىنسانلارنىڭ ئورتاق مۈلۈكى> دېيىشىپ،قانۇن تۈزۈم تۈزۈپ ئاي شارىدىكى ئېنىرگىيە مەنبەسىدىن ھەرقايسى دۆلەتلەر ئورتاق پايدىلىنىشنى تەشەببۇس قىلىشقان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved