ئورۇقلاشنى خالىماي «بالىلىقىمنى نابۇت قىلماڭلار» دېگەن 14 ياشلىق بودەك
ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 11 – دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگىلىيە لوندوندىكى خاررىي پارمو ئىسىملىك بىر بالا بۇ يىل 14 ياشقا كىرگەن، ئۇنىڭ تەن ئېغىرلىقى 216 كىلوگرام كېلىدىكەن، يەنى بۇ بالا بەكلا سېمىز ئىكەن، بىراق ئۇ تاماقنى ئاز يېيىشنى رەت قىلغان، ئۇنىڭ قارىشىچە ساغلام يېمەك-ئىچمەك ئادىتى ئۇنىڭ بالىلىق ۋاقتىنى نابۇت قىلارمىش. خاررى مۇنداق دېگەن، ئاۋۋال بالىلىق ۋاقتىمدىن ئوبدان ھوزۇرلىنىۋېلىپ، ساغلاملىق مەسىلىسىدىن كېيىنچە ئەنسىرىسەممۇ ئۈلگۈرىمەن.
خاررىنىڭ ئانىسى كىرىستىنا بۇرۇن سابىق ئېنگلاند كوماندىسىدا توپچى بولغان، دادىسى باررى پارمو بولسا ھەربىيلىكتىن چېكىنگەن ئەسكەر، ئۇلار ئەزەلدىن ئۆزلىرىنىڭ مۇشۇنداق بىر سېمىز بالىسىنىڭ بولۇپ قالىدىغىنىنى ئويلاپ باقمىغان. خاررىنىڭ تەن ئېغىرلىقى ئۆز تەڭتۇشلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېغىرلىقىنىڭ ئىككى ھەسىسىگە باراۋەر كېلىدىكەن. ئۇزۇن مۇددەتلىك ساغلاملىقنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ ئاتا ئانىلار خاررىدىن ئورۇقلاشنى تەلەپ قىلغان. بىراق، خاررى ئورۇقلاشقا قارىتا ناھايىتى پاسسىپ پوزىتسىيە تۇتقان، ئورۇقلاش دېگەن سۆزنى ئاڭلىغان ھامان بۇ ئۆيدە جېدەل باشلىنىدىغان بولۇپ قالغان.
خاررىنىڭ ئارزۇسى بولسا بىر ئۇچقۇچى بولۇش ئىكەن، بىراق ھازىرقى تەن ئېغىرلىقى بىلەن ئۇ بەدەن تەكشۈرتۈشتىن ئۆتۈشى مۇمكىن ئەمەس، ھەتتا ئۇنىڭ ئۇچۇشى چەكلىنىدۇ. خاررىنىڭ ھازىرقى بوي ئېگىزلىك ۋە تەن ئېغىرلىق كۆرسەتكۈچى 37.2، ئېغىر دەرىجىدە سېمىزلەر قاتارىغا تەۋە، كېيىن بىر ئۇچقۇچى بولۇش ئۈچۈن، بۇ كۆرسەتكۈچ چوقۇم 35 تىن تۆۋەن بولۇشى كېرەك. دوختۇر ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن، ناۋادا خاررى ئۆزىنى ئۆزگەرتمەيدىغان بولسا، كېيىن ساغلاملىق جەھەتتە بىر قاتار مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن، مەسىلەن شېكەر سىيىش كېسىلى، ئۆت ياللۇغى، يۈەك كېسىلى ۋە شامال تېگىش قاتارلىقلار. بىراق خاررى ناھايىتى ئوبېكتىپ پوزىتسىيە تۇتقان، ئۇ دوختۇرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى ۋە تەكلىپلىرىگە سەل قارىغان، پەقەت سەللا سېمىز بولغاندىن باشقا، قالغان جەھەتتە ئۆزىنى ناھايىتى نورمال ھېس قىلغان.
خاررىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكىتىدە ئازراق نامى بار، ئۇ ئۆزىنىڭ ھۇجرا ئۆيىدە ناخشا ئېيتىۋاتقان قىزىقارلىق سىن لېنتىسىنى ھەم بەھرلىگەن، بۇنىڭ چېكىلىشى نەچچە مىليون قېتىمدىن ئېشىپ كەتكەن. ئۇ تېلېۋىزىيە زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ناۋادا ئورۇقلىماقچى بولسام، بۇ كېيىنكى گەپ، مەن ئۆزۈمنىڭ بالىلىق ۋاقتىمنى نابۇت قىلسام بولمايدۇ. كۈندە سالاتقا ئوخشاش ساغلام يېمەكلىكلەرنى يەۋاتىمەن. بالىلارنىڭ ھەممىسى تاتلىق تۈرۈمگە ئامراق كېلىدۇ، مەن بالىلىق ۋاقتىمدىن ئوبدان ھوزۇر ئېلىشىم كېرەك».
![]() |
ئۆزبېكىستان سەنئەت ساھەسىدىكى خانىش شۇنداقلا ئۆچمەس يۇلتۇز شاھزادە ئۆزىنىڭ بىر ھەپتىلىك كونسېرتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى. ئەڭ ئاخىرقى كۈنىدىكى رەسىملەردىن بىرلىكتە ھۇزۇرلىنايلى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved