بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ئىلتىماس قىلىش ۋەكىللەر ئۆمىكى شەرھىيەلەشنى باشلىدى
شىنخۇا تورى، كۇئالالۇمپۇر، 31-تېلېگراممىسى: 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا شەھەر تاللاشتا بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ئىلتىماس قىلىش ۋەكىللەر ئۆمىكى شەرھىيەلەشنى تاماملىدى. شۇ كۈنى سائەت 17:30 دىن 18:00 گىچە بولغان ئارىلىقتا، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ 128-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا، 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىدىغان شەھەر 85 نەپەر خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسىنىڭ بېلەت تاشلىشى بىلەن بارلىققا كەلدى.
بېيجىڭ بۇ قېتىم كۈچلۈك شەرھىيەلەش ئۆمىكىنى ئەۋەتتى، جۇڭگو گوۋۇيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندۇڭ ئۆمەك باشلاپ شەرھىيەلىدى، شەرھىيەلەشكە قاتناشقانلار ئىچىدە يەنە جۇڭگو ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى، دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ليۇ پېڭ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشكە ئىلتىماس قىلىش كومىتېتىنىڭ رەئىسى، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ باشلىقى ۋاڭ ئەنشۈن، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يۈ زەيچىڭ، جۇڭگو مېيىپلار ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى جاڭ خەيدى، جاڭجياكو شەھىرىنىڭ باشلىقى خوۋ لياڭ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، پەي توپ دۇنيا چېمپيۇنى لى لىڭۋېي، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، قىشلىق ئولىمپىك كومىتېتى قىسقا ئارىلىققا تېز تېيىلىش چېمپيۇنى ياڭ ياڭ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش كومىتېتى باش پىلانلاش، قانۇن ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ياڭ لەن، بېيجىڭنىڭ 2022-يىللىق ئوبراز ئەلچىسى، داڭلىق ۋېسكېتبول تەنھەرىكەتچىسى ياۋ مىڭ، بېيجىڭنىڭ 2022-يىللىق ئوبراز ئەلچىسى، ئەركىن قار تېيىلىش، بوشلۇقتا ماھارەت كۆرسىتىش دۇنيا چېمپيۇنى لى نىنا، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كومىتېتى قۇرۇلۇش پىلان-تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى جاڭ لى قاتارلىقلار بار.
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved