ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ئاق دېڭىزدىكى كۆچمەنلەر كىرزىسىغا قارىتا ئەڭ ئاخىرقى قارارنى ماقۇللىدى

جاھان ئاگېنتلىقى 19-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ياۋرۇپا ئىتىتپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ۋە مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ئاق دېڭىزدا ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە قارىتا ھەربىي ھەرىكەت باشلاشنى ماقۇللىدى. ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ئالى ۋەكىلىFederica Mogherini ، پىلانلىق ھەرىكەتنىڭ ئاخبارات توپلاش، ئەتكەسچىلەرنىڭ پاراخوتلىرىنى بايقاش ۋە ۋەيران قىلىش قاتارلىق ئۈچ باسقۇچ بويىچە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ ھەرىكەت ياۋرۇپا ئ‍ىتتىپاقى رەھبەرلىرىنىڭ ئىيۇندىكى يىغىنىدىن كېينلا رەسمى باشلىنىدىغان بولۇپ، ھەرىكەت جەريانىدا پاراخوتلارنىڭ ۋەيران قىلىنىشى قاتارلىق بارلىق باسقۇچلارنىڭ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى ، ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكلاتى خەۋىپسىزلىك كېڭىشىدىن بۇ ھەقتە ياردەم سورايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. بۇ ھەرىكەتتە لىۋىيە تەرەپنىڭ ئۆز مەسئۇلىيتىنى ئادا قىلىشى كۈتۈلمەكتە. ياۋرۇپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار ۋە مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىب جېنس ستولتىنبروگمۇ قاتناشقان بولۇپ، بۇ ھەرىكەتكە ياردەم تەلەپ قىلىنغان ئەھۋالدا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ ھەرىكەتكە دەسلەپتە 11 مىليون 800 مىڭ ياۋرۇ مەبلەغ توپلانغان بولۇپ، ئىتالىيە، فرانسىيە، ئەنگلىيە، گېرمانىيە ۋە ئىسپانىيە ئۇرۇش پاراخوتلىرى بىلەن قاتنىشىدىغانلىقنى بىلدۈرگەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئالى كومىتىتىنىڭ ئېيتشىىچە، ياۋرۇپاغا بېرىش ئۈچۈن يولغا چىققان كۆچمەنلەر پاراخوتلىرىنىڭ چۆكۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە ئاق دېڭىزدا يۈز بەرگەن پاجىئەلەردە ئۆتكەن يىلى ئاز دىگەندە 3 مىڭ 500 كىشى ئۆلگەن، بۇ يىل بولدا 1 مىڭ 800 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.



19-05-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: جاھان ئاگېنتلىقى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
17-04-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 17- ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سەئۇدى ئەرەبسىتان ئوباما ھۆكۈمىتىگە ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىپ: ناۋادا ئامېرىكا پارلامېنتى يېڭى قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاپ، 11- سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسىدە مەسئۇلىيە...
17-04-2016
   فرانسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئېررو ۋە گېرمانىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ستەيىنمېيىل تۈنۈگۈن لىۋىيەنىڭ پايتەختى تىرىپولىغا يېتىپ بېرىپ، لىۋىيە مىللىي ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئېررو شۇ كۈنكى مۇخبى...
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
Powered by Leglek