ئىگىلىنىشىچە، يېقىندا ئېلان قىلىنغان ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2014- يىللىق مۇھىت سۈپىتى ئەھۋالىغا ئاساسلانغاندا، بۇلتۇر ئۈرۈمچى شەھىرى مەركەزلىك تەمىنلىنىدىغان ئىچىدىغان سۇنىڭ سۈپىتى پۈتۈنلەي لاياقەتلىك بولسىمۇ، بىراق بىر قىسىم دەريا، كۆل ۋە سۇ ئامبىرىدىكى سۇنىڭ سۈپىتى دېگەندەك ياخشى ئەمەس ئىكەن.
شەھىرىمىز ئايدىڭكۆل، چوڭكۆل، ئۇلانباينى مۇھىت فۇنكسىيەسى بار كۆل ۋە سۇ ئامبىرى دەپ بېكىتكەن. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2013- يىللىق مۇھىت سۈپىتى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئايدىڭكۆل (سايئوپو كۆلى) دىكى سۇ بېلىق قاتارلىق جانلىقلارنىڭ ياشىشىغا ماس كەلمەيدىكەن. 2014- يىلى ئايدىڭكۆلنىڭ سۇ ئورنى ئېغىر دەرىجىدە تۆۋەنلەپ، يىل بويى ئۆلچىگىلى بولمايدىغان بولۇپ قالغان.
تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ئۇلانباي سۇ ئامبىرىدىكى سۇنىڭ سۈپىتى ياخشى بولۇپ، ئىچىدىغان سۇ مەنبەسى مۇھاپىزەت رايونى سۇ سۈپىتى ئىقتىدار تەلىپىگە توشىدىكەن، چوڭكۆل سۇ ئامبىرىدىكى سۇ ئادەتتىكى سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان سۇنىڭ تەلىپىگە توشىدىكەن.
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved