ھەممە ئىشتا بالىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش ئائىلىنى ۋەيران قىلىدۇ

      جەمئىيەتنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى، تۇرمۇش رېتىمىنىڭ تېزلىشىشى ئاتا-ئانىلارنى بالىلىرىنى ياخشى تەربىيلەپ ياراملىق ئادەم قىلىش ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز تىرىشىشقا مەجبۇر قىلىۋاتىدۇ. بەزى ئاتا-ئانىلار ھەر ۋاقىت بالىلارنىڭ غېمىدىلا يۈرۈپ، بالا تەربىيەلەشكىلا كۈچەپ كەتكەنلىكى، ھەممە ئىشتا بالىلارنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغانلىقى سەۋەبلىك ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتكە دەز كېتىپ، ئائىلىسى ۋەيران بولۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئائىلىدە ئەر-ئايالنىڭ مۇناسىۋىتى ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرۇشى كېرەك. چۈنكى ئەر-ئاياللارنىڭ مۇناسىۋىتى مۇستەھكەم بولغاندىلا مۇكەممەل ئائىلە بولىدۇ، بالىلارمۇ نورمال، ياخشى ئائىلە مۇھىتىدا ساغلام بەختلىك ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. بۇنداق ئائىلىدە تەربىيىلەنگەن بالا چوقۇم مۇۋەپپەقىيەتلىك تەربىيىلىنىدۇ. ئەر-ئاياللارنىڭ كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشى ئىنتايىن مۇھىم، كۆپلىگەن ئەر-ئاياللار بالىلىق بولغاندىن كېيىن ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ئۇنتۇيدۇ، سۆز تېمىسى بالىسىدىن چەتنەپ كېتەلمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، ھەر قانداق بالىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ھېسسىيات ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشقا سەل قاراش ئەر-ئاياللارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئاستا-ئاستا سۇسلاشتۇرىدۇ.

     كەچلىك تاماق ۋاقتى پىكىر ئالماشتۇرغان ئەڭ ياخشى پۇرسەت. بەزى ئەر-ئاياللار  كەچلىك تاماقنى دوست-بۇرادەرلىرى ۋە باشقىلار بىلەن سىرتلاردا يەپ كۆنۈپ قالغان، ئەمما بىر ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقى ئۈچۈن كەچلىك تاماقنى ئۆيىگە قايتىپ يېيىش ئىنتايىن مۇھىم. دوستلىرىڭىز، ئۇرۇق تۇغقانلىرىڭىز ھەر ۋاقىت سىزنى سىرتلاردا تاماق يېيىشكە تەكلىپ قىلىشى مۇمكىن، ئەمما مۇھىم ئىشىڭىز بارلىقىنى باھانە قىلىپ، ئۆيىڭىزگە قايتىپ كېتىشىڭىز، ئائىلىڭىز ئۈچۈن يىتەرلىك ۋاقىت چىقىرىشىڭىز كېرەك. بالىلارغا ئەركىن-ئازادە مۇھىت يارىتىپ بېرىش، ئۇلارنى ياخشى تەربىيىلەش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئەر-ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، بالىلار ئۈچۈن ئىناق، ئىللىق ئائىلە مۇھىتى يارىتىپ بېرىشى كېرەك.  



خەتكۈچلەر:
11-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-05-2016
  بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ مەريەمگۈل ئىمىت      بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
27-05-2016
    باش قاشلاش: بەزىلەر تىرنىقى بىلەن بېشىنى قاشلاشنى، بېشىنى يۇيغاندا تىرنىقى بىلەن قالايمىقان ئۇۋۇلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنداق قىلغاندا ئاسانلا باش تېرىسىدە يارا پەيدا بولىدۇ–دە، چاچنىڭ ساغلام ئۆسۈشىگە دەخلى يەتكۈزۈپ، چاچ چۈشۈش...
27-05-2016
    ۋىتامىن C: ۋىتامىن C قاندىكى قەنت ۋە سۈيدۈكتىكى قەنت بىلەن خىمىيەلىك رېئاكسىيەلىشىپ مىقدارىنى تۆۋەنلىۋېتىدۇ. شۇڭا ئادەتتە ۋىتامىن C يەيدىغانلار سۈيدۈك تەكشۈرتۈشنى قوبۇل قىلىشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇن دورا يېيىشنى توختىشىشى لاز...
27-05-2016
   فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيە ھەپتىلىك گېزىتى ئېلان قىلغان تەتقىقاتتا ئېيتىلىشىچە، 2008-يىلىدىكى پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشى ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى خامچوتىنىڭ كېمىيى...
27-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:      ئەمەلىي تۇرمۇشتا، نۇرغۇن ئائىلىلەر تاماق يېگەندە چوكىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چوكىنى يۇيۇپ تازىلاش ئۇسۇلىمۇ توغرا ئەمەس، ئەگەر بۇنداق چوكىنى ئۇزاق مۇددەت ئىشلەتكەندە، ئاسانلا ...
27-05-2016
 ئامېرىكا ئوخايو شىتاتى ئاكرون شەھىرى، ئامېرىكىلىق ئايال Sarah Thistlethwaite يەككە باش سۈيىدە بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ تۇرغان قوشكېزەك يەڭگىگەن بولۇپ، قوشكېزەكلەر ئانىسى ھامىلىدار بولغان مەزگىلدە بىر باش سۈيى پەردىسى ۋە بالا ھەمرىيىدىن...
26-05-2016
    جېيسېن قىز دوستى تەىپىدىن تاشلىۋېتىلگەندىن كېيىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇقلاپ، يېڭى قىز دوستى بىلەن بىر كونا شىمنى بىللە كىيمەكتە     پايدىلىنىش خەۋەرلىرى تورىنىڭ 26-چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەدە Jaso...
26-05-2016
    خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن، جەنۇب ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى شىركىتى، دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، خەلق ئاۋىياتسىيە باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئالاقىدار داۋالاش ئورۇنلىرى قاتار...
26-05-2016
     شىنجاڭ تورى خەۋىرى، ئايالى بىلەن ئۈرۈمچىدە رېستوران ئاچىدىغان جاڭ يۈيوڭ، يېقىندا 6 ياشلىق قىزىنى شەندۇڭغا ئېلىپ بېرىپ داۋالاتماقچى بولدى، بىراق داۋالاش ھەققىنىڭ ئاتچوت قىلىنماسلىقىدىن ئەنسىرىدى. 5-ئاينىڭ 25-كۈنى،...
26-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:    ساغلام ئادەملەرنىڭ تىرنىقى پارقىراق، سىلىق، تەكشى، يېرىم سۈزۈك ۋە مەلۇم دەرىجىدە يايسىمان بولىدۇ، ھەمدە تەكشى سۇس قىزىل رەڭدە بولىدۇ. لېكىن، سىزنىڭ تىرنىقىڭىزدا تۆۋەندىكىدەك ھالەتلەر كۆرۈلسە، چوقۇم ...
Powered by Leglek