دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 1988-يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلقى 1-دېكابىرنى ‹‹ دۇنيا ئەيدىز كۈنى ›› دەپ بېكىتىپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنى بۇ كۈندە مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇشقا چاقىرىق قىلغان.
ئامېرىكا 1981-يىلى تۇنجى ئەيدىز بىمارى توغرىسىدا خەۋەر بەرگەندىن باشلاپ ، ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى پۈتۈن دۇنياغا تېز سۈرئەتتە يامراپ ، ھازىرغا قەدەر 210 دىن ئارتۇق دۆلەتكە تارقالغان .
نۆۋەتتە، يەر شارى بويىچە HIV بىلەن يۇقۇملانغۇچىنىڭ سانى 70 مىليوندىن ئاشقان بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 3/1 يۇقۇملانغۇچى قازا قىلغان . ب د ت ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش پىلان مەھكىمىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە ، ئەگەر ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى قوللىنىلمىسا ، ئەيدىز كېسىلى كەلگۈسى 20 يىل ئىچىدە 65 ~ 70 مىليون ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولىدىكەن .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13899884284 , 8559056-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved