ئافغانىستاندا بىر مېھمانخانىغا ھۇجۇم قىلغان 4 كىشى ئۆلتۈرۈلدى
يەر شارى خەۋەر تورى 27-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئافغانىستان پايتەختى كابۇلنىڭ دىپلوماتىيە رايۇنىدىكى بىر مېھمانخانا قۇراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ 4 نەپەر قۇراللىق ئۇنسۇر ئېتىۋېتىلدى. كابۇل ساقچى باشلىقى ئابدۇررەھمان رەھىمى ۋەقە يۈز بەرگەن نەخ مەيداندا ئاخبارات ئېلان قىلىپ، ئېغىر ۋە يېنىك تىپتىكى قۇراللار بىلەن قۇراللانغان 4 نەپەر ئۇنسۇرنىڭ كابۇلنىڭ ۋەزىر خان رايۇنىدىكى بىر مېھمانخانىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، ئافغانىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ قۇرالىق ئۇنسۇرلارنى ئېتىپ تاشلىغانلىقىنى ئېيتتى. رەھىمى، بۇ ۋەقەدە قۇراللىق ئۇنسۇرلاردىن سىرىت مېھمانخانىدىكى كىشىلەر، ئەسكەرلەر ياكى باشقا پۇقرالارنىڭ زىيانغا ئۇچرىمىغانلىقىنى ئېيتىپ، « توقۇنۇش قۇراللىق ئۇنسۇرلار بىلەن ئافغانىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئارىىسدا كىچە سائەت 24:00 ئەتراپىدا باشلىنىپ سەھەر سائەت 05:00 تە ئاخىرلاشتى. ئافغانىستان بىخەتەرلىك قىىسملىرى ئىنتايىن ئەتراپلىق ھەرىكەت قوللاندى ۋە شۇڭلاشقا ھېچبىر زىيانغا ئۇچرىمىدى» دېدى.
نەخ مەيداندىكى ۋەقەنى كۆرگەن كىشىلەردىن شەفەق ئەھمەدى، « كىچە ۋاقتىدا ئوق ئاۋازىنى ئاڭلىدىم، كېيىن قاتتىق ئېتشىش باشلاندى. پارتىلاش ئاۋازىنىمۇ ئاڭلىدىم. بىز ئىشخانىمىزدا يۇشۇرۇندۇق، ئىككى تەرەپ قول بومبىلىرى ۋە ئېغىر قۇراللار بىلەن ئېتىشتى. بىر نەپەر ئافغانىستان ساقچىسىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆردۈم» دېدى.
تالىبان ھەرىكىتى باياناتچىسى زەبىھۇللاھ مۇجاھىد بۇ ۋەقەنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، كابۇلنىڭ ئەڭ بىخەتەر رايۇنىدا چەتئەللىكلەر تۇرىدىغان بىر مېھمانخانىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، ۋە مېھمانخانىدىكى چەتئەللىكلەرنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.
يەنە بىر تەرەپتىن ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدىكى قەندەھار رايۇنىدا ئافغانىستا ئارمىيىسىنىڭ تالىبانغا قارشى ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىشى نەتىجىسىدە 45 نەپەر قۇراللىق ئۆلتۈرۈلگەن ۋە 40 نەپىرى يارىلانغان.
27-05-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: يەر شارى خەۋەر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
 |
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
|
 |
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
|
 |
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى
ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
|
 |
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
|
 |
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
|
 |
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى:
چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
|
 |
فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
|
 |
مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
|
 |
پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى مەزگىلىدە، ياۋروپا رايونىنىڭ شىمالىدىكى ئەزا دۆلەتلەر غايەت زور سوممىدا ياردەم تەمىنلەپ، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ بارلىق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي ياۋرونى قۇتقۇزۇش ۋەدىسىنى قوللاپ، جەنۇبتىكى قوشنىلىرىنى قۇتقۇزۇپ...
|
 |
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى سىتولتىنبېرىگ 11- فىۋرال شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابىدا مۇنداق دېگەن: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دېڭىز ئۈستى ھەربىي كۈچلىرىنى ئەۋەتىپ، ياۋروپا ئ...
|