مەمۇرلۇق ئىمتاھانغا قاتنىشىش ئۈچۈن ياتاق ئالالمىغان ئوقۇغۇچى چېدىردا تۈنەپ قالدى

سىنا تورى خەۋىرى،لەگلەك تورى تەرجىمىسى:

بۈگۈن 2015-يىللىق خۇبېي ئۆلكىسى مەمۇر ئىمتىھان باشلاندى. 100 مىڭدىن ئارتۇق ئىمتىھان بەرگۈچى خۇبېي ئۆلكىسى ۋۇخەن شەھرىدىكى 19 ئىمتىھان نۇقتىسى ئىمتىھانغا قاتناشتى.تۈنۈگۈندىن باشلاپ، ئىمتىھان نۇقتىسى ئەتراپىدىكى مېھمانخانا تولۇپ كەتكەن بۇلۇپ، باھاسى ئادەتتىكىدىن خىلىلا ئۆسكەن.ياتاق ئالالمىغان ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچى جاڭ سەييى ئۆزى ئىلىپ كەلگەن چېدىرنى تىكلەپ كېچىنى ئۆتكۈزگەن.

تۈنۈگۈن كەچتە مۇخبىر ۋۇخەن سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى يېڭى مەكتەپ رايونىدا چېدىر قۇرۇۋاتقان جاڭ سەييىنى ئۇچرىتىپ قالدى.بۇ يىل 27 ياشقا كىرگەن جاڭ سەييى 2012-يىلى خۇبېي ئىككىنچى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىتىنى پۈتكۈزگەن.جاڭ سەييى بۇ يىل جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى ئاساسىي قاتلامغا ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقان بۇلۇپ، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇ ئۈچ قېتىم مەمۇر ئىمتىھانغا قاتنىشىپ باققان.بىر ھەپتە ئىلگىرى ئۇ ئىمتىھان نۇقتىسىنىڭ ۋۇخەن سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى يېڭى مەكتەپ رايونىدا ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كىيىن، توردا ئىمتىھان نۇقتىسى ئەتراپىدىكى مېھمانخانلارنى ئىزدىگەن. ئەمما زەنجىرسىمان مىھمانخانىلار توشۇپ كەتكەنلىكتىن، ھەمدە ئالىي دەرىجىلىك مىھمانخانىلارنىڭ باھاسى قىممەت بولغانلىقتىن ياتاق زاكاز قىلالمىغان.

جاڭ سەييى دالا تەنھەرىكەت ھەۋەسكارى بولۇپ، بۇرۇن نەچچا قېتىم دالىدا قونۇپ قالغان.بۇ قېتىم ۋۇخەنگە كەلگەندە، چېدىرنى بىللە ئېلىپ كەلگەن بۇلۇپ، ياتاق ئالالمىغان ۋاقىتتا چېدىردە تۇرۇشنى قارار قىلغان.

تۈنۈگۈن ئىمتىھان مەيدانىنى كۆرگەندە جاڭ سەييى ئىمتىھان مەيدانى قارشى تەرەپتىكى يېشىل چىملىقنى كۆرگەن.تۈنۈگۈن كەچتە، جاڭ سەييى چىدىرنى تىكلەپ بولغان ھەمدە ئۈستى تەرەپكە قولچىراغنى ئېسىپ تەقلىدى ئىمتىھان سوئاللىرىنى كۆرۈشكە باشلىغان.«بۇ بىر قېتىملىق ئۇنتۇلغۇسىز ئىمتىھانغا قاتنىشىش بولۇپ قالدى. مەن بۇ قېتىم شەھەردە دالىدا تۈنەشنى باشتىن كەچۈردۈم ھەمدە نەچچە يۈز يۈەننى تېجەپ قالدىم.»دېدى جاڭ سەييى كۈلۈپ تۇرۇپ.

تۈنۈگۈن كەچ سائەت 9دا مۇخبىر قايتىقاندا جاڭ سەييى يەنىلا چىدىردا كىتاب كۈرۈۋاتاتتى.

تۈنۈگۈن ياتاق تاپالماي چېدىردا تۈنۈگۈن پەقەت جاڭ سەييىلا ئەمەس.

مۇخبىرنىڭ ئىگەللىشچە، ۋۇخەن سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى، خۇبېي ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئىمتىھان نۇقتىسى ئەتراپىدىكى مىھمانخانىلارنىڭ باھاسى ئادەتتىكىدىن كەم دېگەندە 50% ئۆرلەپ كەتكەن.



خەتكۈچلەر:
25-04-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
    شىنخۇا تورى خەۋىرى. 7-ئىيۇن، 8-ئىيۇن ۋە 9-ئىيۇن ئۈرۈمچى شەھىرىدە 25 مىڭ 500 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ. بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئۈرۈمچى شەھىرىدە 37 ئىمتىھان نۇقتىسى، 1041 ئىمتىھان مەيدانى تە...
28-05-2016
ئاقسۇ دىيارىدىكى تۈنجى قېتىملىق، شىنجاڭدىكى  9- قىتىملىق «كىتاپخانىدىكى ساخاۋەت» پائالىيىتى 2016- يىلى 5- ئاينىڭ 26- كۇنى چۇشتىن كىيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى 3:00دە ئونسۇ ناھيىلىك پارتىكومنىڭ قارشى تەرىپىگە جايلاشقان «مەرىپەت كىتاپخانىىس...
27-05-2016
    2015-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى، جىلىن شەھەرلىك لۇڭتەن تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپى ئالدىدا نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ئۇزۇن ئۆچىرەتتە تۇرۇپ كەتكەن بولۇپ، بەزى ئاتا-ئانىلار ھەتتا لاپاس ئېلىپ كەلگەنىدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يەردە ئۆچىرەتتە تۇ...
26-05-2016
ئامېرىكا بالېت ئۇسسۇل مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچى تاللاش ئىمتىھانى رەسىملىرى
26-05-2016
1. ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى. ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگودىكى داڭلىق مەنزىرە ئېكىسكۇرسىيە ئورنى، مەكتەپ لوجياشەن رايونىدا، شەرقىي كۆل سۈيى ئوراپ تۇرىدۇ. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 5187 مو، قۇرۇلۇش كۆلىمى 2 مىليون 620 مىڭ كۋادرات مېتىر. قەدىمىي ۋە نەپى...
24-05-2016
    5-ئاينىڭ 22-كۈنى، تېڭشۈننىڭ  ئاساسلىق قۇرغۇچىسى چېن يىدەن 2 مىليارد 500 مىليون شياڭگاڭ پۇلى ئىئانە قىلىپ «يىدەن مۇكاپاتى» نى تەسىس قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مۇناسىۋەتلىك پۇلنىڭ ھەممىسى ئىئانە قىلىنىپ بولغان بولۇپ، بۇ ب...
24-05-2016
    خەلق تورىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا مەركەز مالىيەسى 2016 - يىللىق 134 مىليارد 500 مىليون يۈەن شەھەر-يېزا مەجبۇرى مائارىپى تولۇقلىمىسىنى تارقاتقان، بۇ ...
24-05-2016
ئاقتۇ ناھىيەسى مەركىزى قوش تىل يەسلىسىدىكى كىچىك دوستلار رەسىم سىزىشنى ‏ئۆگەنمەكتە    2008-يىلىدىن تارتىپ بۈگۈنگە قەدەر، دۆلەت قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ‏ئوبلاستىغا 82 مىليون 600 مىڭ مەبلەغ سېلىپ، يېڭىدىن 91 قوش تىللىق يەسل...
24-05-2016
     5-ئاينىڭ 20-كۈنى، فۇجيەن ئۆلكىسى شيامېن شەھىرى خەيساڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى تولۇق 3-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئالدىدا بېسىمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئالدىدا كېرەكسىز ئىمتىھان سۇئا...
23-05-2016
    غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىلى مەدەنىيەت ئىنستىتۇتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۇنىۋېرسال ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ 101-سىنىپىدا «ئىنستىتۇت مۇدىرى ۋە ئوقۇغۇچىلار يۈز تۇرانە پىكىر ئالماشتۇرۇش» يىغىنى ئاچتى. بۇ قېتى...
Powered by Leglek