پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلە تورى تەرجىمىسى
بېيجىڭ ۋاقتى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى سەھەر سائەت 2:45 ئۆتكەندە ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ كېيىنكى قېتىملىق ئۇچرىشىش خان مادرىد كۇلۇبىنىڭ بېرنابۇ توپ مەيدانىدا يۇۋىنتىس كۇلۇبى بىلەن ئېلىپ بېرىلدى. ئىككى تەرەپ تۇنجى ئۇچرىشىشتا خان مادرىد كۇلۇبى مېھمان مەيداندا 2-1 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ بولغانىدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە جامىس رودرىگۇس نۇقتا توپ ھاسىل قىلدى. رونالدو نۇقتا توپنى كىرگۈزدى. موراتا نومۇرنى تەڭلەشتۈردى. ئاخىرىدا خان مادرىد كۇلۇبى ئۆز مەيدانىدا 1-1 نەتىجە بىلەن تەڭلىشىپ ئومۇمىي نومۇردا 2-3 نەتىجىدە يۇۋىنتۇس كۇلۇبىغا ئۇتتۇردى. يۇۋىنتۇس كۇلۇبى خان مادرىد كۇلۇبىنى مەغلۇپ قىلىپ 12 يىلدىن كېيىن قايتا ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىردى.
مۇسابىقە باشلىنىپ 22 مىنۇت بولغاندا جامىس رودرىگۇس چەكلەنگەن رايۇن ئىچىدە گىرىللىنى تەرىپىدىن يېقىتىۋېتىلدى. رېپىر نۇقتا توپ بۇيرىدى. رونالدو نۇقتا توپنى كىرگۈزدى. خان مادرىد كۇلۇبى 1-0 يۇۋىنتۇس كۇلۇبى.
57 مىنۇت بولغاندا يۇۋىنتۇس كۇلۇبى نومۇر پەرقىنى تەڭلەشتۈردى. موراتا چەكلەنگەن رايۇن ئىچىدە ۋاراتار ئالدىدىكى قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىپ بىر توپ كىرگۈزدى. خان مادرىد كۇلۇبى 1-1 يۇۋىنتۇس كۇلۇبى.
ئاخىردا ھېچقايسى كوماندا توپ كىرگۈزەلمەي نەتىجە 1-1 ئاخىرلاشتى. ئومۇمىي نومۇر 3-2 بولۇپ يۇۋىنتۇس كۇلۇبى خان مادرىد كۇلۇبىنى شاللاپ ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسگە كىردى.
خان مادرىد كۇلۇبىدىن ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان توپچىلار:
1-كاسىللاس.
12-مارسېلو.
2-ۋارانى.
4-راموس.
15-كالۋاخار.
8-كىروس.
10-جامىس رودرىگۇس.
23-ئىسكو.
11-بېل.
7-رونالدو.
9-بېنزىما.
يۇۋىنتۇس كۇلۇبىدىن ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان توپچىلار:
1-بۇففۇن.
33-ئېۋرا.
3-گىرىللىنى.
19-بونۇچ.
26-لىسى سىتاين.
21-پىرلو.
8-مارجىسىئو.
6-پوگبا.
23-بىدال.
10-تېۋىز.
9-موراتا.
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved