«بېي بېي» مۈگىدەپ قالدى
ئامېرىكىدا ساياھەتتە بولۇۋاتقان مۈشۈكئېيىق «مېيشياڭ» بىلەن «تيەن تيەن» شۇ جايدىكى دۆلەتلىك ھايۋاناتلار باغچىسىدا تۇغقان «بېي بېي» شۇ جاي ۋاقتى 16-دېكابىر تاراتقۇلار بىلەن تۇنجى رەت يۈز كۆرۈشتى. ئىگىلىنىشىچە، «بېي بېي» يەنە 16-يانۋار تۇنجى قېتىم ئامما بىلەن كۆرۈشىدىكەن. بۇ قېتىملىق كىچىك تىپتىكى ئۇچرىشىش يىغىنىدا «بېي بېي» بەك ئويناپ كەتكەچكە چارچاپ مۈگىدەپ قالغان. تۆت ئايلىق بولغان «بېي بېي» نىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 17 فۇنت بولۇپ، ھەپتىدە بىر فۇنت ئېغىرلاۋېتىپتۇ. ئۇ ئاكىسى «باۋ باۋ» نىڭ تۆت ئايلىق ۋاقتىدىن ئېغىر ئىكەن.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved