جاڭ چۈنشىيەن:"ئۆز مېيىدا ئۆز گۆشىنى قورۇسا تەملىك بولىدۇ "

جۇڭگو خەۋەرلەر تورى خەۋىرى | لەگلەك تورى تەرجىمىسى:  شىنخۇا ئاگېنىتلىقى 9 – ئاينىڭ 13 – كۈنى ئۈرۈمچىدىن ئەۋەتكەن تىلىگىراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيرۇسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم شۇجىسى جاڭ چۈنشىيەن9 - ئاينىڭ 11 – كۈنىدىن 13 – كۈنىگىچە خوتەن ۋېلايىتىدە تەكشۈرۈش مەزگىلىدە، ئۇيغۇر تىلىدا ماقال – تەمسىللەرنى نەقىل ئېلىپ مۇنداق دېگەن: "ئۆز مېيىدا ئۆز گۆشىنى قۇرۇسا تەملىك بولىدۇ" دېگەن ماقالدا ئىيتىلغاندەك، نۆۋەتتە بىز يېڭى ئەھۋالغا ماسلىشىپ، يېڭى مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ، مەركەز روھى ۋە شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، يەرلىك ئەمەلىيتىگە ياخشى ماسلاشتۇرۇشىمىز لازىم.


جاڭ چۈنشىيەن يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: خوتەن ۋېلايىتى ئەۋزەللىكلەردىن پايدىلىنىشنى ئاساس قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ئىزچىل ياخشىلىشى كېرەك. داۋاملىق ھالدا "قىسقا، تەكشى، تىز" تۈرىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، سېلىنما مەبلەخ ئاز، ئۈنۈمى تىز، ئىشسىزلىقنى كۆپ ھەل قىلالايدىغان، يەرلىكتە بازار ئىھتىياجى بولغان ياخشى تۈرلەرنى قايتىدىن رەتلەپ چىقىش كېرەك. ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز بۇ خىل تۈرلەرنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا قوللايدۇ.


ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: خوتەننىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى ياخشى ئېلىپ بېرىش، قۇملۇقتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، يەر ئاستى سۈيىنى قىزىش نورمىدىن ئىېشىپ كەتمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، دېھقانچىلىق تۈرلىرىنىڭ ئىجاتچانلىقىنى ئاشۇرۇش، بىر قىسىم ئۇل مۇئەسسە دېھقانچىلىق تۈرلىرى، ئىلمىي دېھانچىلىق تۈرلىرى ۋە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىنى كۆپرەك تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھەرمىللەت خەلق ئاممىسىنى بېيىشقا يىتەكلەش كېرەك.


ئۇ يەنە تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: ھەرمىللەت خەلق ئاممىسى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى مۇھىم كۈچ ھېسابلىنىدۇ. نۆۋەتتە خوتەن ۋېلايىتىدە كۆپ قېتىملىق ئامما بىرلىكتە ئاكتىپ زەربە بېرىپ، تېررورچىلارنى قورشاپ تۇتۇشتەك نەمۇنىلىلىك ئىشلار كۆرۈلدى.


ئۇ يەنە مۇنۇلارنى دېگەن: خىزمەتلىرىمىزدىن شۇنداق تەجرىبە ساۋاقلارنى يەكۈنلەشكە بولىدۇكى - بىرىنچىدىن، تەشۋىقات – تەلىم خىزمەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەممە سۆزلەپ ھەقنى ئايدىڭلاشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇردۇق. نەتىجىدە ھەرمىللەت ئاممىسىنىڭ زوراۋان ئۇنسۇرلارغا بولغان تونۇشى بارغانسىرى ئايدىڭلاشماقتا؛ ئىككىنچىدىن، قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر قانات يايدۇردۇق ؛ ئۈچىنچىدىن "خەلق ھېسياتىنى چۈشىنىش، خەلقكە نەپ يەتكۈزۈش، خەلق كۆڭلىنى مايىل قىلىش" پائالىيەتلىرىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ،كەڭ خەلق ئاممىسى ئارىسىدا تەلىم –تەربىيە خىزمىتىنى كۈچەيىتتۇق؛ تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەتلەرگە پائال قاتناشقان ئاممىنى ۋاقتىدا مۇكاپاتلاپ، خەلق ئاممىسىنى ئاكتىپلىقىنى قوزغىدۇق؛ بەشىنچى، ئىزچىل خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا كۈچەپ، خەلق كۆڭلىنى مايىل قىلىشقا ئاساس ياراتتۇق.


نۆۋەتتىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقۇملۇقنى قوغداش خىزمەتلىرىگە قارىتا، جاڭ چۈنشىيەن مۇنداق ئەسكەرتمە بەرگەن: نۆۋەتتە مۇھىمى "تۆت تۈرلۈك خىزمەت" نى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىشىمىز كېرەك – يەنى، قاتتىق زەربە بېرىشتە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش، جەمئىيەت خارەكتېرلىك ئالدىنى ئېلىش باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى كۈچەيتىش، زور كۈچ بىلەن تۈپ يىلتىىزىدىن تۈزەش خىزمېتىنى ياخشى ئىشلەش، ھەرقايىسى دەرىجىلىك پارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تولۇق يۈرگۈزۈش.



خەتكۈچلەر:
14-09-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-05-2016
    كورلا كەچلىك گېزىتى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 25-ماي مۇخبىر  ئوبلاست، شەھەرلىك يېمەكلىك دورا نازارەتچىلىك باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن مۇنۇلارنى ئىگىلىدى، دۆلەت يېمەكلىك دورا نازارەتچىلىك باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يېقىندا مېۋى...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان پەن-تېخنىكا ۋە مۇھىت مەركىزى يېقىندا ئېلىپ بارغان ئەڭ يېڭى تەكشۈر...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەكلىك يەرمەنكىسى سودا يىغىنى ۋە 6-نۆۋىتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك يەرمەنكىسى بۈگۈن شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاند...
24-05-2016
    ئامېرىكا پەن-تېخنىكا بىلوگى Quartz نىڭ خەلقئارالىق مەسلىھەتچىلىك شىركىتى McKinsey نىڭ تەتقىقاتىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، يېقىنقى 3 يىلدا تېز تاماق ئىستېمال قىلىدىغان جۇڭگولۇقلار %15 كېمەيگەن.     بۇ تەكشۈرۈش 201...
22-05-2016
2016-يىلى 18-ماي، ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيىسىدە «توقسۇ ناھىيەلىك گۆش كەپتىرى بېقىش بويىچە تەربىيەلەش ۋە چوڭقۇر پىششىقلاپ ئىشلەش بازىسى» نىڭ قۇرۇلۇش پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ھالدا ئۆتكۈزۈلدى.   &...
20-05-2016
    شىنجاڭ ئابىدە بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىچكىرى ئۆلكە بازىرىغا يۈرۈش قىلىش، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنى ئېچىش ئۈچۈن ئاكتىپ ھالدا ئىچكىرى ئۆلكە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆتكۈزۈلگەن يەرمەنكى...
19-05-2016
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 18-ماي، ئىتالىيە ناپلېس، شۇ جايدىكى پىسا ياسىغۇچى سودىگەر 2000 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى پىسا ياساپ چىقىپ، 2015-يىلى يارىتىلغان دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن بولغان پىسا جىنىس رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان. ئىگىلىنىشىچە، 2015-يىلى رې...
18-05-2016
    يېڭى مېۋىلەرنىڭ بازارغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچىدىكى ھەر كىلوگىرام باناننىڭ باھاسى 4-5 يۈەنگە چۈشۈپ، تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشتى.       5-ئاينىڭ 17-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى شىخۇڭ يو...
17-05-2016
     1.سېلىنىدىغان ئۇرۇق مىقدارى ئوخشاش بولمىغان سورتلارنىڭ ئۆسۈش مەزگىلى، تۈپ تىپى ۋە چوڭقۇرلۇقى، ئۇرۇقنىڭ چوڭ- كىچىكلىكى، بىخلىنىش نىسبىتىنىڭ يۇقۇرى-تۆۋەنلىكى ۋە تېرىش شەكىلىگە قاراپ بېكىتىلىدۇ. كۆممىقۇناقنى تېرىشنىڭ قۇر...
14-05-2016
      يېقىندا چەت ئەل تورلىرىدا پىشۇرۇقچىلارنىڭ تورتلىرىنى تورغا چىقىرىشى مودىغا ئايلانغاندەك، ھەر قايسى دۆلەتتىكى پىشۇرۇقچىلار بەس-بەستە تورتلىرىنىڭ سۈرەتلىرىنى تورغا چىقارغان، ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 11-مايدى...
Powered by Leglek