پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
بېيجىڭ ۋاقتى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى سەھەر ۋاقتى 5:30 ئۆتكەندە ئارگېنتىنا كوماندىسى بۇ نۆۋەتلىك ئامېرىكا قىتئە لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىنى كۈتىۋالدى. رەقىبى بولسا پاراگۋاي كوماندىسى. بۇ مەيدان مۇسابىقىاە ئارگېنتىنا كوماندىسىدىن ئاگۈيرو قارشى تەرەپ بېكنىڭ خاتالىق سادىر قىلغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ئاۋۋال بىر توپ كىرگۈزدى. دىمارىيا نۇقتا توپ كەلتۈردى. مېسسى نۇقتا توپنى كىرگۈزدى.
باردېس كېيىنكى يېرىم مەيداندا پاراگۋاي كوماندىسى ئۈچۈن بىر توپ كىرگۈزدى. پۈتۈن مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا ئازلا قالغاندا پاراگۋاي كوماندىسىدىن بارىئولس بىر توپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى. ئاخىرىدا ئىككى كوماندا 2-2 نەتىجە بىلەن مۇسابىقىنى ئاخىرلاشتۇردى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved