بىز ئىلگىرى نۇرغۇنلىغان يۇقىرى سەپلەنمىلىك ئەقلىيفونلارنىڭ ئالتۇن يالىتىلىش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنغان ھەشەمەتلىك نۇسخىسىنى كۆرگەنىدۇق، لېكىن سىز ئادەتتىكى ئىقتىدار يانفونلىرىغا ئالتۇن يالىتىلغانلىقىنى كۆرگەنمۇ؟ ھازىر ۋېيتنامدىكى Karalux شىركىتى ئۆتكەن يىلى ئېلان قىلىنغان نوكىيا 230 ئىقتىدار يانفونىغا ئالتۇن يالىتىش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلغان.
نوكىيا 230 يانفونىنىڭ ئارقا قېپى ئاليۇمىندىن ياسالغان بولغاچقا، بۇ مەزكۇر يانفونغا ئالتۇن يالىتىپ بىر تەرەپ قىلىش ئېھتىماللىقىنى پەيدا قىلغان، ئىگەللىنىلىشىچە، بۇ يانفونغا ئالتۇن يالىتىش باشقا تىپتىكى بايراقدار ئەقلىيفونلارغا ئالتۇن يالىتىشتىنمۇ ھەم ئاددىي بولۇپ، ئۇنىڭغا ئالتۇن يالىتىشقا پەقەت 3-4 سائەتلا ۋاقىت كېتىدىكەن، ئەڭ ئاخىرىدا يانفون قېپىغا ئالاھىدە ئاسراش قەۋىتى پۈركەش ئارقىلىق ئالتۇن سىرنىڭ چۈشۈپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدىكەن.
ئىگەللىنىلىشىچە، ئىلگىرى چوڭ قۇرۇقلۇق نۇسخىسىدىكى نوكىيا 230 يانفونى دۆلەت سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ تەستىقىدىن ئاللىقاچان ئۆتكەن بولۇپ، لېكىن بۇ يانفون ھازىرچە بازارغا سېلىنمىغان. ئادەتتىكى نۇسخىلىق نوكىيا 230 يانفونىنىڭ سېتىلىش باھاسى 55 ئامېرىكا دوللىرى ( يەنە خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا تەخمىنەن 360 يۈەنگە تەڭ) بولۇپ، بۇ يانفونغا ئالتۇن يالىتىش ئۈچۈن تەخمىنەن 450 يۈەن كېتىدىكەن، ئەگەر ئېستىمالچىلار بۇ يانفوننىڭ ئالتۇن يالىتىلغان نۇسخىسىنى سېتىۋالماقچى بولسا، پەقەت 840 يۈەنگىلا سېتىۋالالايدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved