ئىسرائىلىيە ساقچىسىغا ھۇجۇم قىلغان 13 ياشلىق پەلەستىنلىك قىز ئېتىۋېتىلدى

13 ياشلىق پەلەستىنلىك قىز 23-يانۋار پەلەستىن ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى يەھۇدىيلار ئولتۇراق نۇقتىسىدا پىچاق بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ساقچىسىغا ھۇجۇم قىلماقچى بولغاندا، ئېتىپ تاشلانغان.



          ئىسرائىلىيە ساقچىلىرىنىڭ باياناتچىسىنىڭ دېيىشىچە، دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا قىزنىڭ ئىسمى رۇقىيە ئەبۇ ئېيد بولۇپ، ئىئوردانە دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئاناتا كەنتىدە تۇرىدىكەن.

باياناتچىنىڭ قارىشىغا ئاساسلانغاندا، رۇقىيە «ئۆلۈمنى ئىستىگەن». ئۇ ئىسرائىلىيە ساقچىسىغا ئېتىلىپ كەلگەندە، «ساقچى ئوق چىقىرىپ ئۇنى ئېغىر يارىدار قىلغان، دوختۇر كېيىن ئۇنىڭ ئۆلگەنلىكىنى جاكارلىغان».

ساقچىنىڭ دېيىشىچە، رۇقىيەنىڭ دادىسى ئەينى چاغدا قىزىنى ئىزدەۋاتقان بولۇپ، نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەندا ئاللىقاچان كېچىككەن. ساقچىلار ئۇنىڭ قىزىنىڭ نېمە ئىش قىلماقچى بولغانلىقىنى بىلىدىغان بىلمەيدىغانلىقىنى سوراق قلغان، كېيىن دادىسىنى قويۇۋەتكەن.

ئىسرائىلىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تارقاتقان كۆزىتىش كامېراسى سىن فىلىمىدا كۆرسىتىلىشىچە، قوراللىق ساقچى ئولتۇراق رايوننىڭ كىرىش ئېغىزىغا قېچىپ كەلگەن، ئارقىسىدىن بىر قىز ئەگەشكەن بولۇپ، ئۇنىڭ قولىدا پىچاققا ئوخشاش نەرسە بار ئىكەن.

رۇقىيەنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى دەلىللىدى. ئانىسى رىدا ئەبۇ ئېيد قىزىنىڭ شۇ كۈنى ئۆيدىن چىققاندا ھېچقانداق مەسىلە يوقلىقىنى ئېيتتى.

پەلەستىن ئەمەلدارى دېيىشىچە، ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى رۇقىيەنىڭ جەسىتىنى ئائىلىسىدىكىلەرگە قايتۇرۇپ بەرگەن. ئىسرائىلىيە مېدىيەلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇقىيەنىڭ نامىزى 24-يانۋار چۈشۈرۈلگەن.



خەتكۈچلەر:
25-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
06-05-2016
     ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5- مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا لوس ئانژېلىسلىق 43 ياشقا كىرگەن ئادەم بەدىنى رەڭلىك سىزما سەنئەتكارى مايكېل روسنىر ھەقىقىي ئادەمنىڭ بەدىنىگە رەسىم سىزغان. ئۇ ئاساسىي ...
06-05-2016
    ئەرەب تارىخىدا ئىن بەتتۇتە ئىسىملىق شۇنداق بىر مەشھۇر سايياھ ئۆتكەن. ئۇنىڭ تولۇق ئىسمى ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەد ئىبن ئابدۇللاھ ئىبن مۇھەممەد ئىبن بەتتۇتە ئەل تانجى بولۇپ، 1304-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى ماراكەشنىڭ تانگيېر دې...
06-05-2016
ئەينى يىللاردىكى «گۇگۇمدىكى شەھەر» فىلىمىدە باش رول ئېلىپ نۇرغۇنلىغان قىزلارنىڭ قەلبىگە ئوت سالغان ئېدۋارد! بۇ! بۇ! بەك ئۆزگىرىپ كەتتىمۇ قانداق؟! ساقاللىرى ئۆسۈپ، چاچلىرى قالايمىقانلىشىپ كېتىپتىغۇ! توۋا! بۇ ئىكك...
06-05-2016
    ئامېرىكا ۋاقتى 4-ماي، جۇدى فوستېر چولپانلار كوچىسىغا ئىسمىنى قالدۇردى. ئۇ ئۇچىسىغا كاستوم بۇرۇلكا كىيگەن بولۇپ، چولپانلار كوچىسىغا ئىسمىنى قالدۇرۇش شەرىپىگە ئېرىشكەنلىكىدىن ھاياجانلاندى، كرسىتىئان سىتۇئارت ئۇنىڭغا ھەمر...
06-05-2016
    يېقىندا كېنەز كەيت مىدىلتون ئەنگىلىيە نۇسخىسىدىكى «Vogue» نىڭ 6-ئايلىق ژۇرنىلىنىڭ 100-يىللىق سانىنىڭ مۇقاۋا سۈرىتىگە چىقتى.
06-05-2016
   سەھىپە سۆزى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەزنىڭ 2 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا: «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەزەلدىن شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، بىر يۈرۈش مۇھىم تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ...
06-05-2016
    11-سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كىيىن، ئامېرىكا ئافغانىستان ئۇرۇشنى قوزغاپ بازا تەشكىلاتىغا زەربە بەردى، بىراق بازا تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى بىن لادىننى تۇتۇش جەريانى ناھايىتى قېيىن بولۇپ ئاخىرى پا...
05-05-2016
     بۇرۇن بەزى تاراتقۇلار مىلاننىڭ يىڭى بىر نۆۋەتلىك مەشقاۋۇل نامزاتىغا پېللېگرىنىنى بىكىتكەنلىك توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى تارقاتقان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە پېللېگرىنىمۇ مانچېستېر شەھەر كوماندىسى بىلەن خانلىق مادرىدنىڭ مۇساب...
05-05-2016
    رىگان، تولۇق ئىسمى Ronald Wilson Reagan، ئۇ 1911-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى تۇغۇلۇپ، 2004-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن، ئامېرىكىنىڭ ئىللىئونىس شىتاتىدىكى تامپىكو شەھىرىدىن، ئامېرىكىلىق داڭلىق ئوڭچىل سىياسىئون، ئىلگرى...
05-05-2016
    ئامىر خان  بۇ يىل 12-ئايدا فىلىمى «Dangal»نى قويۇشقا تەييارلاندى. بۇ فىلىمدە ئامىر خان بىر چېلىشچىنىڭ رولىنى ئالىدۇ. فىلىم ئۈچۈن بۇ ئارتىس كشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئوبراز ئۆزگىرىشى ئېلىپ باردى.   ...
Powered by Leglek