دۇنيا مىقياسىدىكى %43 تور ھۇجۇمى جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن كەلگەن

بۇلۇت سۇپىسى ھېسابلاش مۇلازىمىتى تەمىنلەش كارخانىسى Akamai ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2013-يىلى 4-پەسىلدە، يەرشارى مىقياسى بويىچە ئېلىپ بىرىلغان تور ھۇجۇمىنىڭ يېرىمى دېگۈدەك جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن كەلگەن، ئۇندىن باشقا، كورىيە ھېلىھەم دۇنيا بويىچە ئوتتۇرىچە تور سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغان دۆلەت بولۇپ تۇرغان.
Akamai تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇلتۇر 4-پەسىلدە يەرشارى بويىچە ئېنىقلانغان تور ھۇجۇمىنىڭ %43 ى جۇڭگودىن كەلگەن بولۇپ، بۇنىڭ نىسبىتى باشقا ھەرقانداق دۆلەت ۋە رايوننىڭكىدىن ئېشىپ كەتكەن.


تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ ھەرگىزمۇ بارلىق تور ھۇجۇمى جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىغا ئالاقىدار دىگەنلىك ئەمەسكەن. Akamai تەرەپ پەقەت IP ئادرىسىغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئىزدەيدىغان بولۇپ، ھەقىقىي ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىشكە ئامالسىزكەن. مەسىلەن، بىر روسىيەلىك جىنايەت ئۇنسۇرى جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ تور سىستېمىسىغا بۆسۈپ كىرىش ئارقىلىق، باشقا يەرلەرگە قارىتا تور ھۇجۇمى ئېلىپ بارالايدىكەن.
بۇندىن باشقا، بۇلتۇر 4-پەسىلدە، ئامېرىكا دۇنيادىكى بارلىق تور ھۇجۇمى مىقدارىنىڭ %19 ىنى ئىگەللىگەن، كانادا %10 ىنى ئىگەللىگەن، ھىندونېزىيە %5.7 نى، تەيۋەن %3.4 نى ئىگەللىگەن. ئومومەن ئالغاندا، Akamai تەرەپ بايقىغان ھۇجۇم مەنبەسىنىڭ ئادرىسى دۇنيادىكى 188 دۆلەت ۋە رايونغا تارقالغان.


Akamai تەرەپ يەنە پۈتۈن دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ تور سۈرئىتىگە قارىتا سېلىشتۇرما ئانالىز ئېلىپ بارغان. بۇلتۇر 4-پەسىلدە، يەرشارىنىڭ ئوتتۇرىچە تور سۈرئىتى %5.5 ئېشىپ، ئوتتۇرىچە تور سۈرئىتى3.8Mbps گە يەتكەن. ئوتتۇرىچە چوقا قىممىتى %30 ئېشىپ، 23.2Mbps گە يەتكەن.
سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، كورىيە ھازىرمۇ ئوتتۇرىچە تور سۈرئىتى دۇنيا بويىچە ئەڭ تېز دۆلەت بولۇپ، دۆلەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوتتۇرىچە تور سۈرئىتى 21.9Mbps گە يېتىدىكەن، چوقا قىممىتى ئەڭ يۇقىرى بولغىنى شىياڭگاڭ بولۇپ، ئەڭ تېز تور سۈرئىتى 68Mbps گە يەتكەن. ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرىچە تور سۈرئىتى 10Mbps بولۇپ، چوقا قىممىتى 43.7Mbps ئىكەن.
كۆچمە تېرمىنال جەھەتتىكى ئوتتۇرىچە تور سۈرئىتى ئوتتۇرىسىدىمۇ زور پەرق مەۋجۇت بولۇپ، ئەڭ تۆۋەن قىممەت0.6Mbps ، ئەڭ يۇقىرى قىممەت 8.9Mbps بولغان. كۆچمە تور ئېقىم مىقدارىمۇ تېز سۈرئەتتە ئېشىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2013-يىلى 4-پەسىل ئىچىدە، يەرشارى مىقياسىدىكى كۆچمە تور سانلىق مەلۇمات ئېقىم مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %70 ئاشقان.



خەتكۈچلەر:
28-04-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
25-05-2016
   سۇمرۇغ تورى پەن-تېخنىكىسىنىڭ 25-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     يانفون تور بېتى PhoneArena نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، نوكىيانىڭ كۆپ يىللار ئىلگىرى Android سىستېمىسىنى تاللىمىغانلىقى نۇرغۇن نوكىيا مەستانى...
25-05-2016
    شياۋمى شىركىتى يېقىندا 1 يۈەنلىك 750 مېگابايتلىق تور ئېقىم يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت كەسىپنى يولغا قويماقچى بولغان بولۇپ، بۇ كەسىپنى ۋاقتىنچە بىر قىسىم بىرلەشمە خەۋەرلىشىش ئابۇنىتلىرى ئىچكى سىناققا قاتنىشالايدىكەن. مەسئۇل تەرەپن...
25-05-2016
    5-ئاينىڭ 24-كۈنى چۇڭچىڭ كەچلىك گېزىتى مۇخبىرىنىڭ ئالىغاي ۋە ئۈندىداردىن ئىگىلىشىچە، 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا بولىدىغان توردا چىقىم قىلىش ھەقىقىي ئىسىم دەلىللەش يېڭى قائىدىسىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، ئالىپاي ۋە ئۈندىدار ئىشل...
25-05-2016
    تاراتقۇلارنىڭ 25-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، خۇاۋېي پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو بىرلىشىپ كورېيە سامسۇڭ ئېلېكتىرون شىركىتى ئۈستىدىن ئەرز سۇنغان. خۇاۋېينىڭ بىلدۈرۈشىچە، سامسۇڭ شىركىتى خۇاۋېي شىركىتىنىڭ رۇخسىتىسىز خ...
25-05-2016
    گەرچە ئالما شىركىتى ئىزچىل ناھايىتى قاتتىق بولغان مەخپىيەتلىكنى ساقلاش تەدبىرىنى قوللىنىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق زاپچاس زاۋۇتلىرى ھەمىشە iPhone نىڭ يېڭى تىپلىرىنىڭ نۇرغۇن ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاپ كېلىۋاتىدۇ. بىر قانچە كۈن ئىلگىرى...
25-05-2016
    كۈنشەن جۇڭگودىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى 4000 ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان بىرىنچى ناھىيە بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئورنىغا ماشىنا ئادەم تېخنىكىسىنى چىقىرىش سۈرئىتىنى تېزلىتىۋاتىدۇ. كۈنشەن ھۆكۈمىتى تەشۋىقات ...
25-05-2016
    سىنا تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 25-كۈندىكى خەۋىرى، ئالى يۈننىڭ مۇئاۋىن لىدىرى، ئالىمى، تاۋباۋنىڭ يادرولۇق يۇمشاق دېتال تەتقىقات مەسئۇل خادىمى، LVS نىڭ ئاساسىنى سالغۇچىسى جاڭ ۋېنسوڭ ئالى يۈندىن ئىستېپا بەردى. ئۇ ئۆزى مىكرو بىلوگىدا بۇ...
25-05-2016
    يېقىندا گۇگىل ئاچقان I/O يىغىنى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى، بىراق Android Wear 2.0 بىلەن Daydream دىن سىرت، گۇگىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق توقۇلما جەھەتتە ئاز بولمىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى مۇناسىۋەتلىك خە...
25-05-2016
TechWeb تورىنىڭ 25-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئالىپاي (جىفۇباۋ) بۇ يىل 30 مىڭ ماي قاچىلاش پونكىتىدا ئالىپاي كودىنى سايىلەپ ھەق تۆلىگىلى بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى، ئۈندىدار بىلەن جۇڭگو نېفىتى بۈگۈن جاكا...
25-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 25- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 24- ماي گۇگول شىركىتىنىڭ فرانسىيەدىكى باش شىتابى ساقچىلار تەرىپىدىن جىددىي تەكشۈرۈلگەن. مۇ...
Powered by Leglek