يېقىندىن بۇيان، ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى دېھقانلار جەمئىيىتى تەشكىلاتلىرىنىڭ نامايىش پائالىيەتلىرى كەينى كەينىدىن پارتلىدى، ئۇلار دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى باھاسى بەك تۆۋەن بولۇپ نۇرغۇن دېھقانلار تۇرمۇشتا قىيلىنىپ قالغانلىق سەۋەبىدىن ئېتىراز بىلدۈردى. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، ئۆتكەن يىلى ئاۋغۇستتىن بۇيان، ياۋروپا بازىرىدا گۆش، سۈت، كۆكتات ۋە مېۋە -چىۋە قاتارلىق يېمەكلىكلەرنىڭ باھاسى ئۇدا چۈشۈپ كېتىپ، نۇرغۇن دېھقانلارنىڭ كىرىمى ئازىيىپ كەتكەن.
دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەمىناتى ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىپ باھانىڭ چۈشۈپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئامېرىكا، ياۋروپا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى جازا ۋە جازاغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدىن بولغان. 2014-يىلى مارتتا، ئۇكرائىنا كىرزىسىنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشىگە ئەگىشىپ، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى رۇسىيەگە نۇرغۇن قېتىم ئىقتىسادىي جازا قوللاندى، رۇسىيە تىغمۇ-تىغ ئۆچ ئېلىش تەدبىرىنى قوللاندى.
رۇسىيە ئامېرىكىدىن قالسىلا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىككىنچى چوڭ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورت بازىرى، بۇ ئىش ئۇزۇن مۇددەت رۇسىيەنىڭ ئېكىسپورتىغا تايىنىپ كېلىۋاتقان ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ دېھقانچىلىق كەسپىگە ئېغىر زەربە ئېلىپ كېلىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved