ئىنقىلابىي قۇربان ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ تەرجىمىھالى

ئەخمەتجان قاسىمى، ئەر، ئۇيغۇر، شىنجاڭ غۇلجىدىن. 1914-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى تۇغۇلغان. ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدا تاغىسىغا ئەگىشىپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا بارغان. 1936-يىلى موسكۋادىكى شەرق سوتسىيالىزمچىلار ئەمگەك ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. 1942-يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ غۇلجىدا ئۇششاق تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغاچ ئىنقىلاب ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلغان. 1943-يىلى 12-ئايدا گومىنداڭ ئەكسىيەتچى كۈچلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە قامالغان. 1944-يىلى 10-ئايدا قويۇپ بېرىلىپ دىخۇا (ھازىرقى ئۈرۈمچى) دىن غۇلجىغا قايتىپ، غۇلجىدىكى توپىلاڭغا قاتناشقان. شۇ يىلى 11-ئايدا غۇلجىدىكى قوراللىق توپىلاڭ غەلىبە قىلغاندىن كېيىن گېزىتخانىدا تەھرىر، ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ كاتىپى، ھەربىي ئىشلار بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ھەيئىتى قاتارلىق ۋەزىپىلەرگە تەيىنلەنگەن.

 

سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەدىتى ۋە ياردىمى بىلەن ئۈچ ۋىلايەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى رەھبەرلىك قاتلىمىغا كىرىپ، ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ كومىتېت ئەزاسى، ئالىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن ۋە سۆھبەت ۋەكىلى بولۇپ تەيىنلىنىپ، ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى ئېلىخان تۆرە باشچىلىقىدىكى تىنچلىق سۆھبىتىگە قارشى تۇرىدىغان، «مۇستەقىللىق»تە چىڭ تۇرىدىغان، «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» نامىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى خالىمايدىغان مىللىي بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلار بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلغان. ئاخىرىدا ئۈچ ۋىلايەتنىڭ گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ يېتەكچى ھوقۇقىنى ئىگىلەپلا قالماستىن، ئۈچ ۋىلايەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى رەھبەرلىك ھوقۇقىنى ئىگىلىگەن. «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» نامىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، «تىنچلىق بىتىمى» ئىمزالاش، شىنجاڭ ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمىتى قۇرۇشتا زور تۆھپە قوشقان. 1946-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى شىنجاڭ ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمىتى قۇرۇلۇپ، ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ تەيىنلىنىپ، «تىنچلىق بىتىمى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقىنى قوغداش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشقان. ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت نامدا بار، ئەمەلدا يوق بولۇپ قالغاندىن كېيىن دىخۇادىن غۇلجىغا قايتىپ كېلىپ، ئۈچ ۋىلايەتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە داۋاملىق رەھبەرلىك قىلغان، ئۈچ ۋىلايەتنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت، مائارىپ ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مىللىي ئارمىيە قۇرۇشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان.

 

1948-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى «شىنجاڭ تىنچلىقنى-خەلقچىللىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى»(قىسقارتىلىپ «شىنجاڭ ئىتتىپاقى» دەپ ئاتىلىدۇ)نى قۇرۇشقا رىياسەتچىلىك قىلغاندا، «شەرقىي تۈركىستان»دىن ئىبارەت ۋەتەننى پارچىلاش مەنىسىگە ئىگە ئىسىمنى چۆرۈپ تاشلاشتا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، «شىنجاڭ» دېگەن نامنى ئىشلىتىشنى كەسكىن قارار قىلغان ۋە بىر خەنزۇ يولداشنى مەركەزنىڭ كاندىدات ئەزالىقىغا قوبۇل قىلغان، «ئۆلكە خەلقىگە مۇراجەتنامە»دا خەنزۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىنجاڭ ھەر مىللەت بىرلىكسېپى قۇرۇشنى تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويغان. «شىنجاڭ ئىتتىپاقى»نىڭ مەركىزىي كومىتېت رەئىسى ۋە «شىنجاڭ ئىتتىپاقى» مەركىزىي تەشكىلات كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان مەزگىلدە، شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايىتىنىڭ دۆلەت ۋە مىللەت مەسىلىسىدىكى خاتالىقى ئۈستىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئويلىنىش ۋە خاتالىقلارنى تۈزىتىش ئۈچۈن «شىنجاڭ ئىتتىپاقى»غا رەھبەرلىك قىلىپ، ئۈچ ۋىلايەت دائىرىسى ئىچىدە ئىدىيە تۈزىتىشنى يولغا قويۇپ، تۈرلۈك ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئۈچ ۋىلايەتتىكى كادىرلار، ئاممىغا ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش تەربىيەسى ئېلىپ بارغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلەتنىڭ ئازاد بولۇشىغا ماسلىشىش ئۈچۈن پائال خىزمەت قىلىپ، ئۈچ ۋىلايەتتىكى كادىرلار، ئاممىغا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەشەببۇسلىرى ۋە خەلق ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ ۋەزىيىتىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىنىڭ خەلق ئازادلىق ئۇرۇشىغا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ھەم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بارلىق كۆرسەتمىسى ۋە قارارىغا سەمىمىي بويسۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 1949-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن غۇلجىدىن يولغا چىقىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايلىنىپ بېيپىڭ(ھازىرقى بېيجىڭ)غا جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 1-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىغا قاتنىشىشقا ماڭغان. 8-ئاينىڭ 27-كۈنى ئولتۇرغان سوۋېت ئايروپىلانى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى بايقال تاغلىرى ھاۋا بوشلۇقىدا ھادىسىگە ئۇچراپ، بەختكە قارشى 35 يېشىدا قازا قىلغان.



خەتكۈچلەر:
29-08-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
ۋىكتورىيە بېكھام، 1974-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى Hetfield دا تۇغۇلغان، ئەنگىلىيە ناخشا چولپىنى، مودا كىيىم لايىھىلىگۈچى. دۆلەت تەۋەلىكى: ئەنگىلىيە قان تىپى: O تىپلىق قان بوي ئېگىزلىكى: 163 سانتېمېتر ئېغىرلىقى: 43 كىلو...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 9- كۈنى ئەلىنىڭ قېرىنداشلىرى ئۇنىڭ تاۋۇتىنى كۆتۈرۈپ دەپنە مۇراسىمى نەق مەيدانىغا ئېلىپ كەلدى. شۇ كۈنى ئامېرىكىلىق بوكىس شاھى...
28-05-2016
سوخۇ تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، NBA دىكى لوس ئانجىلىس كۆل ئادىمى كوماندىسىدا 20 يىل توپ ئوينىغان گىگانت چولپان كوبى بىرايىنت گەرچە كەسپى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغىن...
27-05-2016
   يېقىندا، مەشھۇر سەنئەتكار مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىلە سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى، سۈرەتلەردە ئۇنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرى بىلەن خۇشال-خۇرام ئويناۋاتقانلىقى ئەكس ئەتكەن. مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىل...
27-05-2016
    تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 25-كۈنى ئالى يۈن رەسمىي ھالدا يېڭى تىزىملاتقان كارخانا ئابۇنىتلىرىغا com. ياكى xin. نامىدا ھەقسىز دائىرىلىك تور نامى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ دۆلەت ئىچىدىكى تۇنج...
27-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
27-05-2016
يېقىندا جوۋچى ھەممە جايدا قارشى ئېلىنىشقا باشلىدى. بۇ قېتىم ئامېرىكا چىكاكودا ئومۇمىي مەشىقىگە قاتناشقاندىن كېيىن، ئالدى-كەينى بولۇپ كىلىتلار كوماندىسى، كۈلرەڭ ئېيىق كوماندىسى، قۇياش كوماندىسى ۋە كاتىر كوماندىسىدا سىناق مەشىققە قاتناشتى،...
26-05-2016
     شىرئەلىجاننىڭ گۈزەل ئايالى مۇنىرە ئىلگىرى مەركىزى تىياتىر ئىنىستىتۇتى 2011-يىللىق ئاكتىيورلۇق فاكۇلىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى، بۇلتۇر يازدا ئەمدىلا ئوقۇشنى پۈتتۈرگەن مۇنىرە شىرئەلىجان بىلەن داغدۇغىلىق توي قىلدى. ...
26-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نەچچە كۈن بۇرۇن ھوللىۋود چولپىنى، ئوسكار مۇكاپاتى ساھىبى لىئوناردو (Leonardo DiCaprio) ئامېرىكا كالىفورنىيە شىتاتى Palm شەھرىد...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت بىردە، داڭلىق ئايال يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، چەتئەل ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، چىيەن جوڭشۇ ئەپەندىنىڭ خانىمى ياڭ جياڭ بېيجىڭ شيېخى دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى.     يا...
Powered by Leglek