يەمەندىكى ھەر قايسى مەزھەپلەر 15 – ئىيۇن جەنۋەدە كېڭىشىپ، يەمەندىكى توقۇنۇشنى ھەل قىلىشتىن خۇشاللىنارلىق ئۇچۇر بەرگەن بولسىمۇ، يەمەندە ئۇرۇش ئوتى ئۇلغىيىپ، ھاۋا ھۇجۇمى توختىمىغاچقا، تەرەپلەرنىڭ مەنپەئىتى زىيانغا ئۇچراپ، ئىختىلاپ كۈچىيىپ، تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ يەمەندىكى ئۇرۇش ئوتىنى ئۆچۈرۈشى قىيىنلاشتى.
تىنچلىق سۆھبىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ب د ت باش كاتىپى بان كىمون ۋە ئۇنىڭ خاس ئەلچىسى شەيخ ئەھمەد توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەر بىلەن قايتا – قايتا كېڭىشىپ، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھاۋا ھۇجۇمى ئۇدا 80 كۈنگە يېقىن داۋاملاشقاندىن كېيىن، ئاخىرى ھەر قايسى مەزھەپلەرنى سۆھبەت ئۈستىلىگە يىغدى. بان كىمون سۆھبەتكە قاتنىشىپ، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، سىياسىي جەھەتتە كېلىشىش ئۈچۈن ئاساس سالماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھالبۇكى، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەر سۆھبەت ھارپىسىدا يەمەنگە توختىماي ھاۋا ھۇجۇمى قىلىپ، 20دىن ئارتۇق كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، شىئە خۇسى قوراللىق تەشكىلاتىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان چېگراسىغا يېقىن جايدىكى ئاساسلىق شەھەر – بازارلارنى ئىشغال قىلىشى باشلىنىش ئالدىدا تۇرغان تىنچلىق سۆھبىتىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى.
سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ ھەل قىلماقچى بولغان ئاساسلىق زىددىيەت شۇكى، تەرەپلەر بىردەك سۆھبەت ئۈچۈن ئالدىنقى شەرت قويۇپ، ھېچقايسىسى ئۆز مەنپەئىتىدىن كېچىپ يول قويۇشنى خالىمىدى. سەئۇدى ئەرەبىستانغا قېچىپ بېرىۋالغان يەمەن زۇڭتۇڭى ھادى تەرەپدارلىرى خۇسى قوراللىقلىرى ئىشغال قىلىۋالغان شەھەرلەردىن قانداق چېكىنىش مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشى كېرەك، دېگەن پىكرىدە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇردى. لېكىن خۇسى قوراللىق تەشكىلاتى ئىشغال قىلىۋالغان يېرىنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىشنى ئەزەلدىن ئويلاشمىدى. سۆھبەتتە قىزىق قانلىق قىلىپ كۈتۈلمىگەن ۋەقە يۈز بېرىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ۋاسىتىلىك سۆھبەتلىشىش يولى تاللاندى، ب د ت نىڭ ۋەكىللىرى ھادى ۋە خۇسى قوراللىق تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئايرىم – ئايرىم كۆرۈشۈپ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپنى ئازايتقاندىن كېيىن، ئاندىن بىۋاسىتە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى.
ئۇرۇش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشمە ئارمىيەسى كۆزلىگىنى بويىچە خۇسى قوراللىق تەشكىلاتىغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرەلمىدى، يەمەندىكى قوراللىق كۈچلەرنىمۇ پارچىلىۋېتەلمىدى. ئۇرۇش ۋەزىيىتىدىن قارىغاندا، ھازىرقى ئەھۋالدا يارىشىش مۇمكىن ئەمەس. خۇسى قوراللىق تەشكىلاتىمۇ ھازىرقى پەيتتە ياراشسا، ئىشغال قىلغان زېمىندىن چېكىنىپ چىقمىسا بولمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن تەشكىللەنگەن ھۆكۈمەتتە يەكلىنىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىدۇ. ھادى بىلەن ئېغىز – بۇرۇن يالىشىپ ھەم ئاستىرتتىن خۇسى قوراللىق تەشكىلاتىغا ياردەم قىلغان سابىق زۇڭتۇڭ سالىھ ھازىرغىچە يەمەندىكى كۆپ قىسىم ھەربىي كۈچنى كونترول قىلغانلىقتىن، سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئاشكارا نارازىلىق بىلدۈردى. كۆپ خىل ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، يەنى بىر تەرەپتىن، يەمەننىڭ يېرىمىدىن ئارتۇق زېمىنىنى ئىشغال قىلىۋالغان خۇسى قوراللىق تەشكىلاتى، يەنە بىر تەرەپتىن، ھادىنى قوللايدىغان قەبىلە قوراللىق كۈچلىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ياردىمىدىكى جاپالىق توسۇپ زەربە بېرىشى بىلەن، ئۇرۇش ۋەزىيىتى كۈنسېرى كەسكىنلەشكەچكە، ھەربىي ھەل قىلىش يولى بىلەن ھەل قىلمىسا بولمايدىغان ئەھۋال كۆرۈلدى، بۇ جەنۋە تىنچلىق سۆھبىتى مۇساپىسىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ب د ت نىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھاۋا ھۇجۇمى ھەرىكىتى بىلەن يەمەندىكى ئىچكى ئۇرۇشتا 2200 گە يېقىن كىشى قازا قىلغان، 10 مىڭ كىشى يارىلانغان، 1 مىليوندىن ئارتۇق كىشى ئۆي – ماكانسىز قالغان، يەمەن نوپۇسىنىڭ %80 نى ئىگىلەيدىغان 21 مىليونغا يېقىن كىشى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىگە جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان.
خۇددى بان كىمون باياناتىدا ئېيتقاندەك، تەرەپلەر سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئالدىنقى شەرت قويماسلىقى، يەمەن خەلقىنىڭ مەنپەئىتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشى كېرەك. نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم ئىش تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش ياخشى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىختىلاپنى تۈگىتىش، ئۇرۇش توختىتىپ، ياردەمنى قانات يايدۇرۇش، ئۇرۇش ئوتىدا قالغان خەلققە ئۈمىد بېغىشلاش بولۇپ، ھەرگىزمۇ سىياسىي تىركىشىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ھاياتىغا زامىن بولۇش ئەمەس.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved