كۇچا ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى تەستىقلاندى شىنجاڭدا دۆلەت دەرىجىلىك باغچە رايونى كۆپىيىپ 22 گە يەتتى
مۇخبىرنىڭ 9 - ماي شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، تارىم ئېنېرگىيە بايلىقى مول رايون بىلەن قوشنا كۇچا ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى يېقىندا تەستىقلىنىپ قۇرۇلغان. بۇنىڭ بىلەن، شىنجاڭدا دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى كۆپىيىپ توققۇزغا، دۆلەت دەرىجىلىك باغچە رايونى كۆپىيىپ 22گە يەتكەن.
شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى كۇچا ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى جايلاشقان كۇچا ناھىيەسى، 2004 - يىلى ئاپتونوم رايوننىڭ تەستىقلىشى بىلەن تەسىس قىلىنغان ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك خىمىيە سانائىتى باغچە رايونى، 2010 - يىلى نامى كۇچا ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى قىلىپ ئۆزگەرتىلدى، بۇ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ تۇنجى دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى. كۇچا ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۇنجى مەھسۇلات قىممىتى 20 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان نۇقتىلىق باغچە رايونى. ھازىر بۇ يەرگە 92 كارخانا ماكانلاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە كۆلەملەشكەن كارخانىدىن 45ى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 500 كۈچلۈك كارخانىدىن 3ى بار.
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved