بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 27-مارت ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قوغداش مەسىلىسى ئۈستىدە يىغىن ئاچتى. جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى لى جيېيى سۆز قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ تېررورچى كۈچلەرگە زەربە بېرىپ، ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ تىنچ مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشىنى مۇراجەت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: تارىخ ۋە رېئاللىق قۇرال كۈچىگە مۇراجەت قىلىش، زوراۋانلىق قىلىش تىنچلىق ئېلىپ كېلەلمەيدىغانلىقىنى قايتا ئىسپاتلىدى.
ليۇ جيېيى مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھەر قانداق شەكىلدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرىدۇ. خەلقئارانىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى قوللايدۇ. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشقا قوش ئۆلچەم قوللىنىشقا بولمايدۇ. تېررورلۇقنى ئالاھىدە مىللەت ياكى دېن بىلەن باغلىۋېلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. نۆۋەتتە خەلقئارادىكى تېررورچى كۈچلەر ئۇسۇلىنى ئۆزلۈكسىز ئۆزگەرتمەكتە. خەلقئارا جەمئىيەت زىچ ھەمكارلىشىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، تېررورچى تەشكىلاتلارنىڭ ئىنتېرنېت تورىدىن پايدىلىنىپ خادىم قوبۇل قىلىش، قۇتراتقۇلۇق قىلىش، پىلانلاش، مەبلەغ جۇغلاش قاتارلىق ھەرىكەتلەرگە قەتئىي زەربە بېرىش كېرەك. خەلقئارا جەمئىيەت تېررورچى ئۇنسۇرلارنىڭ قايتا پەيدا بولۇش مەسىلىسىگە زەربە بېرىشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئوتتۇرا شەرق رايوندىكى تېررورچى ئەسەبىي كۈچلەرگە زەربە بېرىش سالمىقىنى زورايتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ باشقا رايونغا سىڭىپ كىرىشىنى ئۈنۈملۈك توسۇش لازىم.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved