خوتەن ۋىلايىتىدە ھەممە ئائىلىلەرگە توك يەتكۈزۈلدى

تەبىئىي شارائىتى ناچار بولغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتىدە يېقىندا ھەممە ئائىلىلەرگە توك يەتكۈزۈلدى. دۆلەتلىك ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر شىركىتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 12-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە، شىنجاڭ ئېلېكتىر شىركىتى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ خوتەن ۋىلايىتىدە 168 ئېلېكتىر تورى تۈرىنى يولغا قويغان. ھازىرغىچە، سەككىز ناھىيەدىكى 41 مىڭ 600 توكسىز نوپۇسنىڭ توك مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ئېلېكتىر تورى بىلەن قاپلاش دائىرىسىدىكى ھەممە ئائىلىلەرگە توك يەتكۈزگەن، بۇنىڭغا جەمئىي بىر مىليارد 943 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان، ھەر بىر ئائىلىگە سېلىنغان مەبلەغ ئوتتۇرىچە 66 مىڭ 700 يۈەندىن توغرا كېلىپ، خوتەندىكى توكسىز جايلارنىڭ ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى مۇددەتتىن 18 ئاي بۇرۇن ئورۇنلىغان. شىنجاڭنىڭ 12-بەش يىللىق توكسىز جايلارنىڭ ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى پىلانى بويىچە، 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورى بىلەن شىنجاڭ تەۋەسىدىكى ھەممە ئائىلىلەرنى قاپلايدىكەن. نۆۋەتتە، ئېشىپ قالغان توكسىز نوپۇس ئاساسلىقى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا مەركەزلەشكەن. بۇ يىل، دۆلەتلىك ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر شىركىتى ئىككى مىليارد 82 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، مۇھىت ناچار بولۇش قاتارلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، بۇ يىل 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ توك مەسىلىسىنى ئۈزۈل-كېسىل ھەل قىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر تورى بىلەن قاپلاش دائىرىسىدىكى ھەممە ئائىلىلەرگە توك يەتكۈزۈشنى دۆلەت پىلانىدىن مۇددەتتىن بىر يىل بۇرۇن ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.



خەتكۈچلەر:
14-07-2014
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
06-02-2016
   قوغۇن نۇرغۇن كىشىلەر ياخشى كۆرىدىغان تەمى تاتلىق مېۋە، ئەمما ئۇنىڭ ئەڭ خاسىيەتلىك رولىنى نۇرغۇن كىشىلەر بىلمەيدۇ، قوغۇن ئورۇقلىتىش، ئاپتاپتىن ساقلاش رولىغا ئىگە بۇلۇپلا قالماي يەنە، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، راك كېسىلىنىڭ ئالد...
06-02-2016
     دائىم سېغىز چايناپ بەرگەندە شۆلگەينىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئېغىز بوشلۇقى ۋە چىشنى تازىلىغىلى بولىدۇ. ئەمما مۇتەخەسسىسلەر سېغىز چايناشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇپ قويماسلىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ.    1....
05-02-2016
      CNBC تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ب د ت نىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مىقدارلاشقان تاۋار باھاسى (بولۇپمۇ شىكەر) شىددەتلىك چۈشۈپ كەتكەنلىكتىن، بۇ يىل يىل بېشىدا دۇنيا ئاشلىق باھاسى يېقىنقى يەتتە يىلدىكى تۆۋ...
05-02-2016
       كۈندىلىك تۇرمۇشتا نۇرغۇن كىشلەر يېمەكلىكلەرنى گېزىت-ژۇرناللارغا ئوراپ قويىدۇ، ئەمما بۇنداق قىلىش سالامەتلىككە زىيانلىق. ئادەتتە گېزىت-ژۇرناللارغا ئىشلىتىلىدىغان باسما مېيى نۇرغۇنلىغان خلور بىلەن بېنزول بىرىكمىس...
04-02-2016
     يېقىندىن بۇيان، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى يەرلىكنىڭ كېسەلدىن ساقلىنىش، داۋالاش، نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى تېزلىتىپ، يودلۇق تۇز بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى 1997-يىلىدىكى 19 پىرسەنتتىن ھازىرقى 98.7 پىرسەنتكە يەتكۈزۈپ، چەت، يىر...
01-02-2016
1. پىياز يەر بىلەن بىۋاسىتە تېگىشمەسلىكى، چوقۇم تاختا ياكى پاخال قويۇش كېرەك. 2. ئەگەر پىياز تەبىئىي قۇرۇسا، تاشقى پوستى پارقىراق، داغ ئاز بولىدۇ، ئىسكىلاتتا ساقلىغاندا بىر دۆۋە بىلەن يەنە بىر دۆۋە، بىر خالتا بىلەن يەنە بىر خالتا ئ...
30-01-2016
ئىسمى:ئېمۇ قۇشى  مەلھىمى تىپى: تېرە سىلىقلاش ئاقارتىش مەلھىمى ئىشلەپچىقىرىلغان رايون : ئاۋسترالىيە مەھسۇلات ھالىتى ۋە تەركىبى  : ئاق رەڭلىك مەلھەم ، ئۆزگىچە پۇراقلىق . تەركىبى ئېمۇ قۇشى مېيى ، ۋىتامىن E ۋە ئىئ...
29-01-2016
ئىسمى:panadol تىپى:بوۋاقلار كۆپ ئىقتىدارلىق دورىسى مىقدارى:20ml ئىشلىتىش ئوبيېكتى:1 ئايلىقتىن2 ياشقىچە بولغان بوۋاقلار ئىشلەنگەن ئورۇن: ئاۋسترالىيە ئىشلىتىش ئۇسۇلى: 1~3ئايلىق بوۋاقلار 0.6~0.9ml ...
29-01-2016
         تەييار چۆپنىڭ قانچە خىل يېيىش ئۇسۇلى بار؟  بىرخىل، ئىككى خىل، جىق بولغاندا ئۇچ خىل بولا. ياق، ياق، تايلاندلىقلار تەييار چۆپ يېيىشنى ۋايىغا يەتكۈزگەن، ئىشەنمەمسىز، ئۇنداقتا تۆۋەندىكى سۈرەتلەرنى كۆرۈڭ...
27-01-2016
ئىسمى:MACA تىپى:بۆرەك قۇۋۋەتلەش تابلىتى مىقدارى:100تال ساقلاش مۇددىتى:36ئاي ئىشلەنگەن دۆلەت : ئاۋسترالىيە مەھسۇلات ماس كېلىش ئوبيېكتى : مەزكۇر مەھسۇلات ئاۋسترالىيەنىڭ بۇلغانمىغان تەبىئىي ھالەتتى...
Powered by Leglek