لەنجۇ-شىنجاڭ تۆمۈر يولىدا قاتناش باشلانغىنىغا بىر يىل بولدى

       26-دېكابىر تېلېگراممىسى: 2015-يىلى 26-دېكابىر، دۇنيادىكى بىر قېتىملىق قۇرۇلۇش مۇساپىسى ئەڭ ئۇزۇن لەنجۇ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىدا ئومۇميۈزلۈك قاتناش باشلانغىنىغا بىر يىل بولدى. بۇ بىر يىلدا، لەنجۇ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىدا قاتنىغان جۇڭگو دېۋىگاتىللار گۇرۇپپىسى پويىزلىرى يۇقىرى تېمپېراتورا، قاتتىق سوغۇق ۋە بوران، قۇم، يامغۇر، قارلارنىڭ دەھشەتلىك سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرىپ، غەربىي شىمال رايونى بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ رىشتىنى باغلىغان. لەنجۇ-شىنجاڭ تۆمۈر يولىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن، گەنسۇ، چىڭخەي ئىككى ئۆلكىنىڭ ئۆلكە مەركىزى ئارا قاتناپ، لەنجۇدىن شىنىڭغا پەقەت بىر سائەتتىلا يېتىپ بېرىپ، لەنجۇ، شىنىڭدىكى بىر سائەتلىك شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكى شەكىللەندۈرگەن، يەنە لەنجۇ بىلەن ئۈرۈمچى ئارىلىقىدىمۇ ‹‹ئەتىگەندە كالا گۆشى ئۈگرىسى ئىچىپ، كەچتە كاۋاپ يەيدىغان›› ھالەت رېئاللىققا ئايلانغان. بۇ بىر يىلدا، لەنجۇ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى بويىدىكى چىڭخەي مېنيۈەن، گەنسۇ جياگگۈەن، شىنجاڭ تۇرپان ۋە قۇمۇل قاتارلىق ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىدىكى ساياھەتچىلەرنى سانى كۈنسايىن ئاشقان، يەنە لىنىيە بويىدىكى ھەر مىللەت خەلقى ساياھەتكە چىقىشىغا قولايلىق ياراتقان. بۇ بىر يىلدا، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1776 كىلومېتىر كېلىدىغان لەنجۇ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى پەقەت شىنجاڭ قاتارلىق غەربىي رايونلار بىلەن ئىچكىرىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولۇچى توشۇشۇنى تۇتاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى لەنجۇ-شىنجاڭ تۆمۈر يول يۈك تىرانسىپورت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.  



خەتكۈچلەر:
28-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
14-05-2016
       نۆۋەتتە ئۇدا يول يۈرۈش مۇساپىسى بەكلا قىسقا دەپ ئەيىبلىنىۋاتقان BMW i3 نىڭ 2017 نۇسخىسىغا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، تېخىمۇ چوڭ سىغىمدىكى باتارىيە گۇرۇپپىسى سەپلىنىدۇ. يېقىندا يېڭى ماشىنىنىڭ ئورگان سۈرىتىمۇ ت...
14-05-2016
     «بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر» تورى 12-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: يېقىندا بىر كىشى كونتېنتال        (Continental)GTئاپتوموبىلىنى ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇپ، كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى. ...
13-05-2016
      5-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدىن 50 مىنۇتلار ئۆتكەندە، جىياڭشى ئۆلكىسى دېشىڭ شەھىرى تەۋەسىدىكى s307 نومۇرلۇق دۆلەت تاشيولىنىڭ دېشىڭدىن شىياڭتۇن فېڭشۇلىڭغا بارىدىغان بۆلىكىدە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز...
12-05-2016
    يېقىندا چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، BMW يۇقىرى قاتلىمى يېقىندا زىيارەت قوبۇل قىلغاندا، يېڭى بىر ئەۋلاد BMW 6 قاتارى ئەڭ تېز بولغاندا 2018-يىلى، ئەڭ كېچىككەندە 2019-يىلى رەسمىي ئېلان قىلىنىدۇ، يېڭى ماشىنا يېڭى 7 قا...
12-05-2016
      مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ تاشيول يولۇچى ترانسپورتى بىرلەشمە تورىدا بېلەت سېتىش ۋە ئېلېكترونلۇق بېلەت سېتىش سېستىمىسى تۈرىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، قاتناش ترانسپورت مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ يىللىق نۇقتىلىق يىتەكچىلىك قى...
12-05-2016
       يېقىندا فىئات ياللىغان ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇش زاۋۇتى Abarth يېڭى نۇسخا Abarth 595 نىڭ ئورگان سۈرىتىنى رەسمىي ئېلان قىلدى، بۇ ماشىنا فىئات 500 ئاساسىدا ياسالغان، يېڭى ماشىنا ئادەتتىكى نۇسخا، Turismo (مۇسابى...
12-05-2016
     فرانسىيە فىگارو گېزتىنىڭ 5- ئاينىڭ 11- كۈنى فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر بېرىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 5- ئاينىڭ 11- كۈنى سەھەر سائەت 7 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە بويىن 777 تىپلىق بىر يولۇچىلار ئاي...
12-05-2016
     2016-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئىدراكلىق لازىر نۇرلۇق چوڭ چىراق قاتارلىق سەپلىمە سەپلەنگەن BMW i Vision Future Interaction ئۇقۇم ئاپتوموبىلى ئاسىيادا تۇنجى ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈش لايىھەسىدە i8 نىڭ فانتازىيەل...
12-05-2016
    يېقىندا ۋولكىسۋاگېن Scirocco R Black Style ئالاھىدە نۇسخا ماشىنا تىپىنىڭ ئورگان سۈرىتىنى ئېلان قىلدى، ئادەتتىكى نۇسخىغا سېلىشتۇرغاندا، يېڭى ماشىنىدا ئاساسلىقى سىرتقى كۆرۈنۈشى تەرەپتە بىر قىسىم ئالاھىدە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، ئ...
12-05-2016
      يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ ئورگان تورىدىن ئىگىللىشىچە، 2016-نۇسخا ياۋا ئات T70 مۇشۇ ئاينىڭ 29-كۈنى رەسمىي ئېلان قىلىنىدىكەن. كونا نۇسخا بىلەن سېلىشتۇرغاندا، يېڭى ماشىنىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈش لايىھەسى ۋە سەپلىمىسىنى تەڭشىگەن ۋ...
Powered by Leglek