8-ئىيۇل ، 6-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئامېرىكا ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىساد سۆھبىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك سۆھبەت رامكىسى ئاستىدىكى 4-قېتىملىق جۇڭگو-ئامېرىكا ئىستراتېگىيەلىك بىخەتەرلىك سۆھبىتى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى
8-ئىيۇل ، 6-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئامېرىكا ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىساد سۆھبىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك سۆھبەت رامكىسى ئاستىدىكى 4-قېتىملىق جۇڭگو-ئامېرىكا ئىستراتېگىيەلىك بىخەتەرلىك سۆھبىتى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى .
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جاڭ يېيى بىلەن ئامېرىكىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بۇرنس سۆھبەتكە بىللە رىياسەتچىلىك قىلدى . جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باش ئىشتاب باشلىقى ۋاڭ گۇەنجوڭ ، جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۈي تيەنكەي ۋە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋورمس ، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بوۋكاس قاتارلىقلار سۆھبەتكە قاتناشتى .
ئىككى تەرەپ سەمىمىي ، ئەمەلىي ۋە جانلىق كەيپىياتتا ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك بىخەتەرلىك، ئۇنىۋېرسال بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى ھەققىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى . ئىككى تەرەپ جۇڭگو-ئامېرىكا بىخەتەرلىك سۆھبىتىدىن ئىبارەت بۇ مېخانىزمنى ئوبدان قوغداپ ۋە ئوبدان تەرەققىي قىلدۇرۇپ ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشكە قوشۇلدى .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved