شىنجاڭ گېزىتى تورى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى شىنجاڭدىكى پۇقرالار ئايرودۇرۇمى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، قۇرۇلۇش مەبلىغى كاپالىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئاكتىپ ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق دۆلەتنىڭ 200 مىليون يۈەن مەخسۇس تۈر مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پۇقرالار ئايرودۇرۇمى قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلەتكەن. ھازىرغا قەدەر، دۆلەت ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشى ئۈچۈن جەمئىي 507 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ چۈشۈرگەن.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىم چۈشۈرۈلگەن 200 مىليون يۈەن مەخسۇس تۈر مەبلىغى چاقىلىق ئايرودۇرۇمى بىلەن يەكەن ئايرودۇرۇمى قۇرۇلۇش تۈرىگە ئىشلىتىلىدىكەن. پىلانغا ئاساسەن، چاقىلىق ئايرودۇرۇمى ۋە يەكەن ئايرودۇرۇمى قۇرۇلۇشىدا بۇ يىل ئاۋغۇستتا ئىش باشلىنىپ، كېلەر يىلى سېنتەبىردە پۈتىدىكەن.
بۇ يىل 18-ماي دۆلەتلىك تەرەققىيات- ئىسلاھات كومىتېتى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پۇقرالار ئايرودۇرۇمىغا 2015-يىللىق مەركەز خامچوتىدىن 307 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ چۈشۈرگەن، بۇ 2014-يىلىغا قارىغاندا 123 مىليون يۈەن كۆپ بولۇپ، ئاساسلىقى قومۇل ئايرودۇرۇمى، خوتەن ئايرودۇرۇمى، كورلا ئايرودۇرۇمىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش ۋە چەرچەن ئايرودۇرۇمىنى كۆچۈرۈش قۇرۇلۇشلىرىغا ئىشلىتىلىدىكەن.
بۇنىڭ ئىچىدە چەرچەن ئايرودۇرۇمىنى كۆچۈرۈش قۇرۇلۇشىغا 260 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، 2015-يىلنىڭ ئاخىرى پۈتۈش پىلانلانغان؛ خوتەن ئايرودۇرۇمىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىغا 140 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، مۇشۇ يىل ئىچىدە پۈتۈش پىلانلانغان؛ قومۇل ئايرودۇرۇمىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىغا ئىيۇندا ئىش باشلىنىپ، ئۆكتەبىردە پۈتۈش پىلانلانغان؛ كورلا ئايرودۇرۇمىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىغا ئىيۇندا ئىش باشلىنىپ، 2016-يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا پۈتۈش پىلانلانغان.
![]() |
جۇڭگو گېزىتى، جۇڭگو ئاخبارات تورى مۇخبىرى ليۇ جىيەن فىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5-ئاينىڭ 23-كۈنى، جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتى، بېيجىڭ-قۇمۇل-تۇرپان ھاۋا يولىنى ئاچتى.
بېيجىڭ-قۇمۇل-تۇرپان ھاۋا يولى ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved