تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى: تور دۇكىنى ئىشسىزلىقنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ

       تۇمانلىق كۈنلەر يېتىپ كېلىش بىلەن دۆلەتلىك تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلاندى، بۇ تەييار ماي باھاسىنى تەڭشەش سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى بۇ ئورۇننىڭ مەركەزگە يوللىغان تەكلىپ دوكلاتىدا «تور دۇكىنى ئىشسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ» دېگەن كەسكىن مۇنازىرە تېمىسى تىلغا ئېلىنغانلىقى ئۈچۈن.     «ئىقتىساد گېزىتى» ئۈندىدار سالونىدا ئاشكارىلىنىشچە، بۇ ئىككى كۈندە مەركەزدە 2016-يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ئېچىلىۋاتقان بولۇپ، دۆلەتلىك تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى كېلەر يىللىق ئىقتىساد يۈزلىنىشىنى ئانالىز قىلغان ۋاقىتتا مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويغان:«گەرچە توردا تاۋارلارنى پارچە سېتىش، تېز يوللانما قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر بىر قىسىىم ئىش ئورنىنى بارلىققا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما تور دۇكىنىنىڭ ئەمەلىي دۇكانغا بولغان زەربىسى ۋە كۆرۈنەرلىك ئورنىنى ئېلىش رولىغىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك».

   بىلىش كېرەككى، تىيەنماۋنىڭ «قوش 11» يەرشارى خۇشاللىق بايرىمىدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسى 91 مىليارد 200 مىليون يۈەن بولۇشتەك رېكورت يارىتىلغاندىن كېيىن، توردا مۇنداق بىر ئابزاس سۆز تارقالدى (كېيىن بۇنىڭ يالغان گەپ ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى):«ئەنگلىيەلىك بىر سېر (ياۋروپادىكى پادىشاھلىق ئەللەردە بېرىلىدىغان ئەڭ تۆۋەن مەرتىۋە) ئېلېكتىرونلۇق سودىنى تىلغا ئالغان ۋاقىتتا قىلچە تۈزۈت قىلماستىن ‹جۇڭگونىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ بۇنداق تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا يول قويۇشى جەمئىيەت ئىقتىسادىنى باشقۇرۇشتىكى ئېغىر خاتالىق...بىر كىچىك سودا دۇكىنىنىڭ ئارقىسىدا بىر ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە ئائىلىسى بار، ئۇلارنىڭ ياشاش مۇھىتى بەربات بولسا، بۇ جەمئىيەت ئۈچۈن ئاپەتكە ئايلىنىدۇ› دېدى».

   ئەمما بۇ قېتىمقىسى پەلپەتىش سۆزلىگەنلىك ئەمەس. دۆلەتلىك تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى بۇ قېتىم تەكشۈرۈپ كۆردى: «كىتاب، كىيىم-كېچەك، ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئەمەلىي دۇكانلىرى ئۇچرىغان زەربە ئەڭ چوڭ بولۇپ، بىر قىسىم ئەمەلىي دۇكانلارنىڭ تىجارىتى كاساتلاشقان ھەتتا تاقىلىپ قالغان. بىر قىسىم ئەنئەنىۋى تۈرلۈك ماللار سودا سارايلىرىمۇ خېلى چوڭ زەربىگە ئۇچرىغان بولۇپ، تىجارەت ئەھۋالى ئىزچىل ناچارلاشقان، بۇ ئالاقىدار توپلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن».

   ئوچۇق قىلىپ ئېيتقاندا، ئەنئەنىۋى كىتاب دۇكىنى ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپلا قالماي، يەنە ئىنتېرنېت تورىدىكى ئۈن-سىن ساھەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، بۇنداق بولسا ئادىل بولمايدۇ. ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى، تۈرلۈك ماللار پارچە سېتىش كەسپىگە كەلسەك، زەنجىرسىمان تىجارەت دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، يەككە تىجارەتچىلەر، ئۇششاق دۇكانلار ئەمەس، بەلكى ئاساسلىقى چوڭ كۆلەمدىكى خۇسۇسىي كارخانىلار ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ زەربىسىنى ئالدىن مۆلچەرلەپ، خەتەر ۋە زىياننى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك ئىدى.

   دۆلەتلىك تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى ئىككى تۈرلۈك ئاز ئۇچرايدىغان ئۇچۇرنى ئاشكارىلىدى: بىرى، ئەنئەنىۋى پارچە سېتىش دۇكانلىرىنىڭ تاقىلىپ قېلىش دولقۇنى ئەڭ ئالىي تەدبىر بەلگىلەش قاتلاملىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى؛ ئىككىنچىسى، بەزى تارماقلار بۇنى ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ پارتىلاش خاراكتېرلىك تەرەققىياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارىدى. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بەزى تارماقلارنىڭ قارىشىچە، ئەنئەنىۋى كەسىپلەردىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا ئازلىتىۋەتكەن ئىش ئورنى ئېلېكتىرونلۇق سودا تەمىنلىگەن ئىش ئورنىدىن خېلىلا كۆپ ئىكەن.

   بۇ ئالى بابا مۇدىرىيەت ئىدارىسىنىڭ رەئىسى ما يۈننىڭ بىلدۈرگىنى بىلەن ئانچە ئوخشىمامدۇ قانداق؟ بۇجېن بازىرىدىكى دۇنيا ئىنتېرنېت تورى يىغىنى مەزگىلىدە، ما يۈن رەئىس شى جىپىڭغا دوكلات  بەرگەن ۋاقىتتا، ئالى بابا سۇپىسىدا 8 مىليون 500 مىڭ ساتقۇچى بار بولۇپ، 10 مىليون بىۋاستە ئىش ئورنى، 3 مىليون 520 مىڭ ۋاستىلىك ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى تىلغا ئالغان. ما يۈن بۇ توپنى «تور سودىگىرى» دەپ ئاتىدىغان بولۇپ، ئۇلار ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپىلىرىگە چېتىشلىق بولغان داڭلىق ماركا سودىگىرى، يول سودىگىرى، ئوبوروت سودىگىرى، ھەتتا قارشى يۆنىلىشتە زاكاس قىلىش (C2B) بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ياسىغۇچى سودىگەرلەرنى شۇنداقلا ۋاستىلىك قاتنىشىدىغان ئۇچۇر-ئالاقە، لايىھەلەش، ماركىتېڭ قاتارلىق مۇلازىمەت سودىگەرلىرىنىمۇ ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. ما يۈن ۋە دۆلەتلىك تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ھەرئىككىلىسى خاتالاشمىدى. ما يۈننىڭ ھېسابلىغىنى پۈتكۈل خەلق ئىگىلىكىنىڭ ھېساباتى، دۆلەتلىك تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ھېسابلىغىنى بولسا پارچە سېتىش كەسىپىدىكى ئۇششاق ھېسابات.

   چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈش لازىمكى، دۆلەتلىك تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئىپادىسى ھەرگىزمۇ مەخسۇس ئالى باباغا قارىتىلمىغان. جۇڭگودا يەنە جىڭدۇڭ، موگۇ كوچىسى، گۈزەللىك ئېيتىدۇ قاتارلىق باشقا تولۇق مەھسۇلاتلىق ياكى ۋېرتىكال تۈرگە ئايرىلغان ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرىمۇ بار. ئەگەر قەتئىي ھالدا ئورنىنى ئېلىش ئىففېكتى دېيىلسە، تىيەنماۋ تاللا بازىدىكى كۈندىلىك بۇيۇملار دەرۋەقە ئىجتىمائىي رايوندىكى پارچە سېتىش بازىرىنىڭ ئۈستىدىن باستى، يېزا-كەنتلەردىكى تاۋباۋ دەرۋەقە يېزا-كەنتلەردىكى ئۇششاق تىجارەتچىلەرنىڭ بازىرىغا تاجاۋۇز قىلدى، جىڭدۇڭنىڭ كۈچلۈك 3C مەھسۇلاتلىرى دەرۋەقە جۇڭگۈەن كەنتىدىكى خەيلۇڭ سودا سارىيىتىنى تاقىتىپ قويدى. كۆچمىلەشكەن، مەزمۇنلاشقان، ئىجتىمائىيلاشقان، يېڭىدىن گۈللەنگەن ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرىمۇ ئەمەلىي ئۇششاق بۇيۇملار دۇكىنى، ئۇششاق كىيىم-كېچەك دۇكانلىرىنى ئامالسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى.

   ئۇنداقتا سوئال كېلىپ چىقتى. بىر پارچە سېتىش كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچى ئىشسىز بولۇپ قالسا، ئۇ ئەشىيا ئوبوروتى، ياساش، ماركا يارىتىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنالامدۇ؟ تېخنىكا، بازار، بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقى قاتارلىق توساقلار سەۋەبلىك كۆپىنچىلىرى بۇ ئىشلارنى قىلالمايدۇ. بۇ رىقابەت مېخانىزمى ئاستىدىكى پارچە سېتىش كەسپىدە ئىشسىز قالغانلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك؟ دېگەن سوئال ما يۈن ئىزچىل جاۋاب بېرەلمىگەن بىر سوئال ھېسابلىنىدۇ. «بازاردىكىلەر»نىڭ ئارمانغا چۇشلۇق دەرمانى يوق، شۇڭا «ھۆكۈمەتتىكىلەر» قولىنى سۇنۇپ ياردەم قىلىشى كېرەك.

   دۆلەتلىك تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى تىلغا ئالغان ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ زەربىسىگە بەكرەك ئۇچرىغان ساھە ــــ كىتابچىلىق، كىيىم-كېچەك، ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى ۋە تۈرلۈك ماللار سودا سارايلىرىغا نەزىرىمىزنى ئاغدۇرۇپ باقايلى. ئاللىبۇرۇن رايون خاراكتېرلىك مۇشتۇمزور، دۆلەتلىك مۇشتۇمزورغا ئايلانغان كىتابچىلىق، ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى، تۈرلۈك ماللار پارچە سېتىش كەسپىدە ھەم پۇل كەم ئەمەس ھەم سىياسەتمۇ كەم ئەمەس، ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىڭ ئىشتىن قالغانلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ۋايران بولغان مال-مۈلۈكلەرنى ئېنىقلاش ئىشلىرىنى ياخشى قىلسىلا بولىدۇ.

   كىيىم-كېچەك پارچە سېتىش كەسپىدىكىلەر بولسا دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ ئۆزگەرتىشى كېرەك: بىر تەرەپتىن بازىرى ناھايىتى تارقاق، ئۈنۈملۈك تەشكىللىگىلى  بولمايدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن ماركىسىز، سۈپىتى ناچار، تۆۋەن دەرىجىلىك مەھسۇلاتلار كۆپ، ساختا مەھسۇلاتلارنى ئەمەلىي دۇكاندا ساتقىلى بولمىغان تەقدىردىمۇ، تور دۇكىنىدا ساتقىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تور دۇكىنىنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشتىكى زىيىتى ئاز؛ ئۈچىنچى تەرەپتىن يەككە تىجارەتچىلەرنىڭ ئوقۇش تارىخى تۆۋەن، تېخنىكىسى چەكلىك، ئىشسىز قالسىلا ھېچقانداق كاپالىتى بولمايدۇ. قىسقا مەزگىلدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ «سىلىق» ھالدا ئېلېكتىرونلۇق سودا، مىكرو سودا (مەسىلەن: مىكرو بىلوگ، ئۈندىدار) ساھەسىگە كىرىشىگە ياردەم بەرسە بولىدۇ؛ ئۇزاق مەزگىلدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇلار يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەنىڭ ئەنئەنىۋى ساھەنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئېقىمىغا ماسلىشىشى كېرەك. خۇددىي يېقىندا كەڭ تارقالغان تۆۋەندىكى بىر ئابزاس سۆزگە ئوخشاش:

   «بۇ سىزنى بىتچىت قىلىدىغان، ئەمما سىز بىلەن ئالاقىسى بولمىغان بىر دەۋر؛ بۇ كەسىپ ئاتلاپ سىزنى بۇلايدىغان، ئەمما سىز قايتۇرما زەربە بېرىشكە ئاجىزلىق قىلىدىغان بىر دەۋر؛ بۇ سىزنىڭ ئويغىنىشىڭىز ئاستا، بەلكى بىراقلا ئويغانماي قويسىڭىز بولىدىغان بىر دەۋر؛ بۇ رەقىبىڭىز سىزدىن كۈچلۈك ئەمەس، بەلكى سىز رەقىبىڭىزنىڭ كىملىكىنىمۇ بىلمەيدىغان بىر دەۋر».



خەتكۈچلەر:
24-12-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
01-05-2016
    ياپونىيە يېنىنىڭ «شىددەت بىلەن ئۆسۈشى» ئامېرىكا دوللىرىنىڭ زور نىسبەتتە چۈشۈشىنى ئاستىلاتتى، خەلق پۇلى بىلەن ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئوتتۇرا باھاسى ئۆسۈپ 2005-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى ئۆسۈش نىسبىتىنى ياراتتى. بۈگ...
30-04-2016
    فىرانسىيە «فىگارو گېزىتى» نىڭ 4-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيە «يەكشەنبە تايمىس گېزىتى» يېقىندا ئېلان قىلغان يىللىق رەت تەرتىپتە كۆرسىتىلىشىچە، لوندون دۇنيادىكى مىلياردېرلار ئەڭ كۆپ شەھەرگە ئاي...
30-04-2016
    پەن-تېخنىكا تورى خەۋىرى (مۇخبىر پەن شى)، مۇخبىرنىڭ 4-ئاينىڭ 21-كۈنى جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2016-يىللىق دۇنيا ھاياتلىق ئىلىمى پەن-تېخنىكا يىغىنى 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 3-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن....
30-04-2016
    يېقىندا، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى لى جۇڭنىڭ تاراتقۇلارغا ئاشكارىلىشىچە، مەركەز باشقۇرۇشىدىكى كارخانا مەسئۇللىرىنىڭ مائاش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەندىن بۇيان، كا...
30-04-2016
    ھىندىستان تاراتقۇسى «ئىقتىساد گېزىتى» ماقالىسىگە ئاساسلانغاندا، 2015-يىلى ھىندىستان باش مىنىستىرى مۇدى ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قىممىتى 20 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ئىقتىسادى گەۋدىگە ئايلىنىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېي...
30-04-2016
    رۇسىيە سودا مەسلىھەتچىلىك تور بېكىتىنىڭ 4- ئاينىڭ 28- كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ئالېكساندىر تېكاچېۋنىڭ 4- ئاينىڭ 28- كۈنى بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيە ئامېرىكا ۋە كانادادىن ئېشىپ كېتىپ، د...
30-04-2016
    كۈمۈش بازىرىنىڭ ئىپادىسى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئالتۇن بازىرىنىڭ ئىپادىسىدىن ئېشىپ كېتىپ، قىممەتلىك مېتاللار ئىچىدىكى باشلامچى بولۇپ قالدى، ئەمما تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، بازار كەيپىياتىدا باھانىڭ ئۆرلىشى جەريان...
30-04-2016
    چەتئەل تاراتقۇسى Re/Code نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گۇگىل يېڭى قاتتىق دېتال بۆلۈمى تەشكىللەۋاتقان بولۇپ، Nexus يان تېلېفونى، Chromebook خاتىرە كومپيۇتېرى، Pixel C ئۈسكۈنىسى، OnHub روتېر، ATAP، گۇگىل كۆزئەينەك كەسپى قات...
30-04-2016
    4-ئاينىڭ 28-كۈنى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى سودا مەركىزى ئۈرۈمچىدە رەسمىي ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلدى، بۇ مەركەز شىنجاڭدىكى تۇنجى «كەنت، يېزا ئىگىلىك ۋە دېھقانلار زور سانلىق مەلۇمات بۇلۇت سۇپىسى» نى قۇرۇپ، «يېزا...
30-04-2016
    4-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونى دۆلەتلىك باج ئىدارىسىدا شىنجاڭدىكى تۇنجى 24 سائەتلىك ئاپتوماتىك باج ئىشلىرى مۇلازىمەت زالى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، بۇ مۇلازىمەت زالىدىكى 5 ئاپتوماتىك باج ئىشلىرى ماشىنىسى باج ...
Powered by Leglek