‹‹ئاممىۋى پەن - تېخنىكا كۈتۈپخانىسى. ئۇنۋېرسال ›› ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلشچە، چۈشنىشى تۆۋەنلەش بەلكىم 24 ياشتىن باشلىنىشى مۇمكىن. كانادا سىمون فىرېژور ئۇنۋىرستىتى تەتقىقات خادىملىرنىڭ دىيشىچە، بىزنىڭ چوڭ مېڭىمىز مۇشۇ ياشتىن باشلاپ ئىنكاسى ئاستىلايدىكەن. تەتقىقاتچى خادىملار 3305 نەپەر يېشى 16ياشتىن44 ياشقىچە بولغان پىدائىيلارغا قارىتا تەتقىقات ئېلىپ بارغان بۇلۇپ ، ئۇلارنى بەزى بىر ئالاھىدە ۋەزىپىلەرنى ئىشلىگلى سالغان، بۇلارنىڭ ئىچىدە دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈش، كۆپ ۋەزىپىنى تاماملاش ۋە ئۇلارنىڭ ئويلىنىش نوقتىسىنى ھازىرقى مەسلىنى ئويلىنىشتىن ئۇزۇن مەزگىللىك مەسلىنى ئويلاشقا يۆتكەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدىكەن.
ئەملىي ۋاقىت تەدبىرى Star Craft 2 نىڭ ياردىمى ئاستىدا ، باش يازغۇچى ھەم دوكتۇرلۇقنى ئۇقۇۋاتقان جون تومسون بۇ پىدائىيلارنىڭ يېشىغا مۇناسىۋەتلىك چىكىنىش ئەھۋالىغا تەتقىقات ئېلىپ بارغان. جون تومسون بىر باياناتىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن : ‹‹ تەخمىنەن 24 ياشتىن يۇقىرى ئوينىغۇچلىردا چۈشنىش سۈرىتى ئاستىلاش كۆرۈلگەن، بۇ ئىپادىلەشكە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم . گەرچە بىر قەدەر يۇقىرى تېخنىكا سەۋيىسىگە ئىگە بولسىمۇ، بۇ خىل چۈشنىشنى ئىپادىلەش سۈرىتىنىڭ ئاستىلىشى يەنىلا مەۋجۇت. ››
تەتقىقاتچىلارنىڭ يەنە بايقىشىچە، 24 ياشتىن كىيىنكى ھەر يىلدا چۈشنىش سۈرىتى يىلىغا ٪1 تۆۋەنلەيدىكەن ، گەرچە ئوينىغۇچى ۋاقىتنىڭ ئۆتشىگە ئەگىشىپ كۆپ تەجرىبە توپلىسمۇ ، ئەمما بۇ خىل چۈشنىش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشى داۋاملىشىۋىردىكەن.
جون تومسوننىڭ بىلدۈرىشچە:‹‹ يېشى چوڭ بولغان ئوينىغۇچىنىڭ سۈرىتى ئاستا بولغان تەقدىردىمۇ، ياش ئوينىغۇچىغا سېلشتۇرغاندا، ئۇلار قارىماققا تېخىمۇ ئاددى تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ، ئۇيۇن ئىكران يۈزىدىن ئۈنۈملىك پايدىلنىدىكەن ھەم مۇشۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىنكاس ئاستىلقىنى تۇلۇقلايدىكەن. ››
لىكىن بۇ ئۇچۇرغا نىسبەتەن كىشىلەرنىڭ ھەيران قېلشىنىڭ ھاجىتى يوق . چۈنكى بۇ ئۇچۇر ئادەم چوڭ مىڭسىنىڭ 20 ياشتىن يۇقىرلىغاندا تۇلۇق يىتىلدىغانلىقىنى ئاساسى جەھەتتىن قوللايدۇ. جون تومسوننىڭ قارشىچە، ئۇلار توختىماي ئوخشىمىغان ھالەتتە بۇلۇپ، ھەر كۈنلۈك ئىپادىسى ماسلىشىشچانلىق ۋە سىرىتقى ئۆزگۈرۈشنىڭ يىغىندىسنىڭ نەتىجىسى ئىكەن.
جون تومسوننىڭ يەنە بىلدۈرىشىچە، بۇ تەتقىقاتنىڭ دىمەكچى بولغىنى بىزنىڭ تۇرمۇشمىزدىكى پەن-تېخنىكا ۋە كومپىيوتىر دۇنياسى بولماستىن بەلكى قانداق قىلغاندا بىزنىڭ ئىقتىدارىمىزغا تەسىر كۆرسىتىپ ھەركەت جەھەتتىكى قابىليەت تۆۋەنلەشنى تۇلۇقلاش ئىكەن.
بەزى تەتقىقاتلارنىڭ كۆرسىتىشچە، چۈشنىش قابىليىتىنى ئۆزگەرتىشنىڭ بىر قانچە ئۇسۇلى بار بۇلۇپ ، مەسلەن : تاماقنى توغرا ئىستىمال قىلش، چوڭ مېڭە ئۇيۇنى ئويناش، يىتەرلىك ئۇخلاش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئاندىن بەدەن ۋە مېڭىنى ھەركەتلەندۈرۈش قاتارلىقلار .
سالامەتلىككە دائىر بىلىشكە تىگىشلىك بىلىملەر :8 خىل ناچار ئادەت چوڭ مېڭىڭىزنى زىيانغا ئۇچرىتىپ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىڭىزنى تۆۋەنلىتۋىتدۇ.
ھازىرقىدەك كەسكىن رىقابەتكە تولغان زامانىۋى جەمئىيەتتە ، كىشىلەرنىڭ چوڭ مېڭىسدە ئۇمۇميۈزلۈك ھارغىنلىق ۋە ھاياتىي كۈچى يىتىشمەسلىك مەۋجۇت ، ھەتتا كۆپلىگەن ياشلارنىڭ چوڭ مېڭسىنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەشكە باشلىغان. بۇ بىر ياخشى بولمىغان ھالەت ، بىز ھەممىمىزنىڭ ياش ھەم يېڭىلىق يارتىش ئىقتىدارىغا باي مېڭسىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، بىر نەچچە ناچار ئادەتتىن يىراقلىشىپ ، ئەتراپىمىزدىكى مۇھىتقىمۇ دىققەت قىلشىمىز كىرەك.
ئۇزۇن مۇددەتلىك تۇينۇپ يىيىش: ھازىرقى زامان يىمەكلىك ئىلمىنىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلشچە، يىمەكلىكنى بەك تۇينۇپ يىگەندىن كىيىن، چوڭ مېڭىدىكى ‹‹بىخسىمان تالا ھۈجەيرىسى ئۆسۈش فاكتورى ›› دەپ ئاتىلدىغان فاكتوردىكى ماددىنىڭ كۆرىنەرلىك كۆپەيتىۋىتىدۇ. بۇ خىل بىخسىمان تالالىق ھۈجەيرە ئۆسۈش فاكتورى كابىللىيالىق قان تومۇردىكى تىرە ھۈجەيرىسى ۋە ماينى ئاشۇرۋىتىپ ، ئارتېرىيەنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن چوڭ مېڭە ئىقتىدارى چىكىنىش ياكى ئەقىلىي ئىقتىدارى تۆۋەنلەش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.
كىسەل ھالەتتە مېڭىنى كۆپ ئىشىلتىش : كىسەل بۇلۇپ قالغان ۋاقىتتا ، ئۆزىنى زورلاپ ئۈگۈنۈش ياكى خىزمەت قىلىش ئىش ئۈنمىىنى تۆۋەنلىىتىپلا قالماستىن ، ئاسانلا چوڭ مېڭىنىڭ زەخمىلنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇندىن باشقا ، چوڭ مىڭە ئادەم بەدىندىكى ئوكسىگىن سەرىپ قىلىش مىقدارى ئەڭ كۆپ ئەزا بۇلۇپ، ئوتتۇرچە سەرىپ قىلىش مىقدارى 500 لىتىردىن 600 لىتىرغىچە . پەقەت يىتەرلىك ئوكسىگىن بولغاندىلا ئاندىن چوڭ مېڭىنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بۇلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۈگۈنۈش ۋە خىزمەت قىلغاندا چۇقۇم ئەتراپتىكى مۇھىتنىڭ ھاۋا تازلىقىغا ئەھمىيەت بىرىش كىرەك.
ئۇخلاش ۋاقتى يىتەرلىك بولماسلىق: چوڭ مېڭىنىڭ ھارغىنلىقنى يۇقۇتىدىغان ئاساسلىق ئۇسۇلى بولسا ئۇخلاش. ئۇزۇن مەزگىللىك ئۇخلاشنىڭ يىتەرلىك بولماسلىقى ياكى سۈپتىنىڭ ناچار بۇلشى چوڭ مېڭە ھۈجەيرىسىنىڭ ئاجىزلىشىشنى تىزلاشتۇرۇپ ئەقىللىق ئادەمنىڭمۇ ھاماقەت بۇلۇپ قېلشىغا سەۋەب بۇلىدۇ.
ئۇزۇن مەزگىللىك تاماكا چىكىش : گىرمانىيە ئالىملىرىنىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلشىچە، ئۇزۇن يىل تاماكا چىكىش مېڭە تۇقۇلمىلىرنىڭ يىگىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، ئاسانلا ياشانغانلار دېۋەڭلىك كىسلىگە گىرىپتار قىلىپ قۇيىدىكەن. چۈنكى ئۇزۇن مەزگىللىك تاماكا چېكىش مېڭە ئارتىرىيەلىرنىڭ قېتىشىغا سەۋەب بۇلۇپ ، ۋاقىت ئۇزارغانسىرى مېڭىگە قان يىتىشمەي، نىرۋا ھۈجەيرىلىرىنى ئۆزگەرتىپ يەنىمۇ ئىلگىرلەپ مىڭە يىگىلەشنى كەلتۈرۈپ چىقرىدىكەن.
ئەتتىگەنلىك تاماققا سەل قاراش : ئەتتىگەنلىك تاماق يىمەسلىك ئادەم بەدىندىكى قان شىكىرنىڭ نورمال تەمىنلىنىشتىن تۆۋەن بۇلشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، چوڭ مېڭىنىڭ ئۇزۇقلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئەگەر بۇ ئەھۋال ئۇزۇنغىچە داۋاملاشسا چوڭ مېڭىگە ئېغىر زىيان ئېلىپ كىلىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا، ئەتتىگەنلىك تاماق بىلەن ئەقىل تەرەققىياتىنىڭ زىچ مۇناسىۋىتى بار. تەتىقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، ئادەتتە ئەتتىگەنلىك تاماقتا يۇقىرى ئاقسىللىق يىمەكلىكنى ئىستىمال قىلغان بالىلارنىڭ دەرىس ۋاقتىدىكى پىكىر يۈرگۈزۈش ۋاقتى ئۇزۇن بۇلدىكەن. لىكىن گۆشسىز تاماق يىگەن بالىلارنىڭ كەيپىياتى ۋە تىتىكلىكى نىسبەتەن تۆۋەنلىشى تىزرەك بۇلدىكەن.
تاتلىق يىمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىش : تاتلىق يىمەكلىكلەرنى ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئىستىمال قىلغان بالىلارنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسى تۆۋەن بۇلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى بولسا بالىلارنىڭ مېڭىسنىڭ يىتىلىشى ئاقسىل بىلەن سېللۇلوزادىن ئايرىلالمايدۇ. تاتلىق يىمەكلىك ئىشتىھانى تۆۋەنلىتىپ ، ئاقسىل ۋە سېللۇلوزاغا بولغان ئىستىمال مىقدارىنى ئازايتىۋىتىدۇ، بۇ ئەھۋال فۇنكسىيە يىمەكلىكنىڭ يىتشمەسلىكىگە سەۋەب بۇلۇپ چوڭ مېڭىنىڭ تەرەققىي قىلشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئاز سۆزلەپ جىم تۇرۋېلىش : چوڭ مېڭىدە مەخسۇس سۆز رايونى بار بۇلۇپ، كۆپ سۆزلەشمۇ چوڭ مېڭىنىڭ تەرەققىياتىغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ ھەمدە چوڭ مېڭىنى مەشىقلەندۈرۈش ئۈنۈمىگىمۇ يەتكىلى بۇلىدۇ. ئادەتتە كۆپرەك مەزمۇنغا باي ، لوگىكىلقى ۋە پەلسەپۋىلىكى كۈچلۈك سۆزلەرنى قىلىپ بىرىش كىرەك. كۈن بۇيى جىمغۇر بۇلىۋېلىپ كۈلۈپمۇ سالمايدىغان ئادەمنىڭ ئەقىللىق بۇلىىشى ناتايىن.
بېشىنى چۈمكەپ ئۇخلاش: ئادەم بېشىنى چۈمكەپ ئۇخلىغان ۋاقىتتا ، يوتقان ئىچىدىكى كاربۇن تۆت ئوكسىد قۇيۇقلىقىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ ، ئوكسىگىننىڭ قۇيۇقلىقى تۆۋەنلەپ ئادەم ئۇزۇن ۋاقىت بۇنداق نەم ۋە بۇلغانغان ھاۋانى سۈمۈرسە چوڭ مېڭىگە ئېغىر زىيانلىق.
كاللا ئىشىلتىشنى خالىماسلىق: پىكىر يۈرگۈزۈش چوڭ مېڭىنى مەشىقلەندۈرۈشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى. پەقەت كاللىنى كۆپ ئىشلىتىپ ،دائىم پىكىر يۈرگۈزۈپ بەرگەندە ئادەم ئاندىن ئەقىللىق بۇلالايدۇ. ئەكسىچە بولغاندا ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسنىڭ قېرىش سۈرتىنى تىزلەشتۈرۈپ ، ئەقىللىق ئادەممۇ ھاماقەت ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدۇ .
ھاراق ئىچىش تاماكا چېكىش چوڭ مېڭىنى ئىككى يىل بۇرۇن قېرىتۋىتىدۇ ئوتتۇرا ياشلىقلارنىڭ چۇقۇم توغرا تۇرمۇش رېتىمى بۇلىشى كىرەك
‹‹ئەنگلىيە نىرۋا كىسەل ئىلمى ژۇرنىلى ›› دا بىر يېڭى بايقاش ئىلان قىلىنغان بۇلۇپ ، تاماكا چېكىش بىلەن بىر ۋاقىتتا زىيادە ھاراق ئىچسە چوڭ مېڭىنىڭ قېرىش سۈرىتىنى ئېغىر دەرىجىدە تىزلەشتۈرۈپ، چوڭ مېڭە قابىليىتىنى زور دەرىجىدە تۆۋەلىىتىدۇ.
يېڭى تەتقىقات ئەنگلىيە لوندۇن ئۇنۋىرستىتنىڭ ئالىملىرى تەرپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بۇلۇپ ، 6500 گە يېقىن 45 ياش بىلەن 69 ياش ئارىسىدىكى قاتناشقۇچىلار بىلەن چېتىشلىق. قاتناشقۇچىلار تاماكا چىكىش ئادىتى ۋە ھاراق ئىچىش مىقدارى توغرىسدىكى سۇئاللارغا جاۋاب بەرگەن ھەمدە مۇددىتى 10 يىللىق بولغان تەتقىقات جەريانىدا ئۈچ قېتىم چوڭ مېڭە ئىقتىدارىنى سىناش ئېلىپ بارغان. سىناق ئاساسلىقى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ : تىل ۋە ماتىماتىكىدىكى يەكۈنلەش ئىقتىدارى ، گەپ -سۆزنىڭ راۋان بۇلۇش -بولماسلىقى ۋە قىسقا ۋاقىتلىق گەپ -سۆزنى ئەستە تۇتۇش قابىليىتى قاتارلىقلار.
نەتىجىدە بايقىلىشچە، ھاراق ئىچىش بىلەن بىرگە تاماكا چېكىش چوڭ مېڭە قېرىشنى ٪36 تىزلىتۋىتىدۇ، يەنە كىلىپ ھاراق مىقدارى كۆپ بولسا چوڭ مېڭىنىڭ قېرىش سۈرىتىمۇ ئەگىشىپ تېخىمۇ تىز بۇلىدۇ. ھاراق ئىچىپ تاماكا چىكىدىغان كىشلەر ئارىسدا ، يېشى 10 ياش چوڭايسا چوڭ مېڭسىنىڭ قېرىشى ئىككى يىل ئالدىغا سۈرۈلدۇ. ئەمما ھاراق ئىچمەيدىغان تاماكا چەكمەيدىغان كىشلەر قېرىلىق باسقۇچىغا كىرگەندە چوڭ مېڭىسنىڭ قېرىش سۈرىتى نىسبەتەن ئاستا بۇلىدۇ.
يېڭى تەتقىقاتنىڭ مەسئۇلى جونسون دوكتۇرنىڭ دىيشىچە، تاماكا چەككۈچى تاماكىنى ياكى ئاز چېكىشى ياكى تاماكا چېكىش ئادىتىنى تاشلىشى كىرەك بۇلۇپ ھاراق ئىچىشتىن ساقلىنىش كىرەك . ھاراق ئىچىش بىلەن تاماكا چېكىش تېخىمۇ ئوخشاش بىر ۋاقىتتا بولماسلىقى كىرەك، بۇلۇپمۇ ئوتتۇرا ياشتىن ھالقىغاندىن كىيىن . ئوتتۇرا ياش باسقۇچىدا ساغلام تۇرمۇش ئادىتى بىلەن ياشىسا چۈشنىش ئىقتىدارىنىڭ ئاستىلشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بۇلىدۇ.
ئۇزۇن مەزگىل تاماكا چىكىش ھاراق ئىچىش
ئۇزۇن مەزگىللىك تاماكا چىكىش ھاراق ئىچىش بەلكىم چوڭ مېڭىگە بولغان قان يەتكۈزۈشنىڭ يىتەرلىك بولماسلىقىغا سەۋەب بۇلۇپ ، قان ئايلىنىش راۋان بولمىغان جايدا مېڭە ھۈجەيرىلىرنىڭ يىگىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقرىدۇ. ئامرىكا نىرۋا ئىلمى ئالىمى ھەم نىرۋا كىسەللەر ئالىمى دەنىر ئاماننىڭ داڭلىق كىتابىدا ئېيتىلىشىچە، ئۇزۇن مەزگىل تاماكا چىكىپ ھاراق ئىچىشنىڭ چوڭ مېڭىگە بولغان زىينى زەھەرلىك چىكىملىك بىلەن ئوخشاش بۇلۇپ ، ھەتتا مېڭىدە ‹‹قارا ئۆڭكۈر›› پەيدا قىلىدۇ ، ‹‹قارا ئۆڭكۈر››مېڭە رايوندىكى ‹‹ ھالاكەت رايونى ›› ۋەكىللىك قىلدىغان بۇلۇپ، بۇنداق يەردە ھېچقانداق چوڭ مېڭە ھەركىتى بولمايدىكەن. ‹‹ھالاكەت رايونى ›› ئورنىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى تۈپەيلى كىسەللەردە گەپ-سۆز ياكى ئەستە تۇتۇشتا توسقۇنلۇققا ئۇچراش، كەيپىياتى كونتىروللىقىنى يۇقتىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقرىدۇ.
تاماكا چىكىش ھاراق ئىچىش قاتارلىق ناچار ئادەتلەرنىڭ ھەممىسى چوڭ مېڭىنىڭ يىگىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقرىشى مۇمكىن بۇلۇپ ، ئېغىر بولغۇچلاردا ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى تەدرىجى تۆۋەنلەپ دېۋەڭ بۇلۇپ قېلشىنى كەلتۈرۈپ چىقرىدۇ. لىكىن پەقەت تاماكا چىكىشتىنلا بولغان مىڭە يىگىلەشنىڭ كۆرىنەرلىك ئالامەتلىرى يوق بۇلۇپ ئاسانلا ئېتىبارسىز قارىلىپ قالىدۇ. ئەگەر تاماكا خۇمارىنى تاشلاپ مۇناسىپ ھەركەت قىلىپ ياخشى تۇرمۇش ئادىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ بەرسە چوڭ مېڭىدىكى يۇچۇق ۋە ‹‹قارا ئۆڭكۈر ›› نىڭ كېڭىيشنى توختاتقىلى بۇلدىغان بۇلۇپ ھەتتا ئاستا-ئاستا ساغلام ھالىتىگە قايتىشى مۇمكىن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved