گەرچە مىش-مىش ئۇچۇرلار توختىماي تارقىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بىز ھازىرغىچە iPhone 7 نىڭ زادى قانداق ھالەتتە لايىھەلەنگەنلىكىنى بىلمەيمىز. نۇرغۇنلىغان ئۇچۇرلاردا ئالما شىركىتىنىڭ iPhone 7 دىكى 3.5mm لىق تىڭشىغۇچ ئېغىزىنى بىكار قىلىدىغانلىقى، ھەتتا Home كۇنۇپكىسىنىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرىدىغانلىقى، شۇنداقلا تار رامكىلىق لايىھە قوللىنىلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان، ئەمما، بۇ ھەقتە يېتەرلىك پاكىت يوق.
يىقىندا، SCAVidsHD نامىدىكى بىر تورداش iPhone 7 ئۇقۇمى گەۋدىلەندۈرۈلگەن بىر يېڭى ۋىدېئونى تارقاتقان، فىلىمدىكى ئايفون قارىماققا راستىنلا تار رامكىلىق ھالەتتە لايىھەلەنگەن، ئاستى ۋە ئۈستىگە كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان ئاۋاز ياڭراتقۇسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئۇقۇم لايىھەسىدىكى بۇ iPhone 7 نىڭ ئىسمى «iPhone 7 Edge» بولۇپ، ئۇنىڭغا ئېنىقلىق دەرىجىسى 2K بولغان 5.5 دىيۇملۇق ئېكران، A10 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ، 4GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ ۋە 3500 مىللىئامپىرلىق باتارىيە قاتارلىقلا سەپلەنگەن، ئېكراننىڭ ھەجىم نىسبىتى يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈلگەن. ئومومەن، بۇ يانفوننىڭ شەكلى ناھايىتى كۆركەم لايىھەلەنگەن بولۇپ، ئادەمنى ئۆزىگە جەلىپ قىلالايدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved